قاسىم ئوغرى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا قاسىم ئوغرى دەپ كاتتا، ئەمما پىخسىق بىر ئوغرىق ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر دەللال خوتۇنى بولۇپ، تۇغماي - تۇغماي ئاخىرى بىراقلا يەتتە قىز تۇغۇپتۇ. بۇ قىزلار تەڭلا چوڭ بوپتۇ. بۇ قىزلارغا بايلاردىن سودىگەرلەردىن، قازىلاردىن ئەلچىلەر كەپتۇ. لېكىن قاسىم ئوغرى قىزلىرىنى ئۇلارغا ياتلىق قىلىشقا ئۇنىماپتۇ. ئاخىر ئۇ قىزلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش ئۇچىغا چىققان يەتتە ئوغرىغا ياتلىق قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىدە ئوغرى سەككىز بوپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سەككىز ئوغرى سەككىز تەرەپكە مېڭىپتۇ. قاسىم ئوغرى چوڭ بىر شەھەرگە كەپتۇ. ئۇ بازارنى ئايلىنىپ كېتىپ بارسا. بىر زەرگەرنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە زىقچە ئالتۇن تۇرغۇدەك. قاسىم ئوغرى ئالتۇننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن زەرەگەرنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە:
- ئالتۇنىڭىزنى ساتامسىز؟ - دەپتۇ. زەرگەر:
- ساتىمەن - دەپتۇ. ئەمما ئىككىسى باھادا كېلىشەلمەي گەپ تالىشىپ قاپتۇ. ئاخىرى قاسىم ئوغىرى نىيتىنى بۇزۇپ >بۇ ئالتۇن مېنىڭ ئىدى، ساتاي دەپ كەلسەم بۇ مۇتىھەم مېنىڭ دەپ تۇرۇۋالدى< دەپ زەرگەرگە تۆھمەت قىلىپتۇ. زەرگەر >ياق، بۇ ئالتۇن مېنىڭ< دەپتۇ. ئۇلار قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. قازى زەرگەردىن:
- ئالتۇنۇڭ قانچە زىقچا ئىدى، - دەپ سورىسا، زەرگەر دەپ بېرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاسىم ئوغرى بىكاردىن - بىكار بىر مۇنچە ئالتۇنغا ئىگە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئالتۇنلارنىڭ بىر قىسىمغا نۇرغۇن مال ئاپتۇ. ماللارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەپتۇ. ئۇ بىر كىراكەش بىلەن سۆزلىشىپتۇ، ئۇ بىر سەر ئالتۇن بەرسە كىراكەش ئۇنىڭ ماللىرىنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بوپتۇ. ئەمما، دەريادىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن قىزىل كۆزلۈك قىلىپ، كىراكەشكە ھەق بەرمەكتە يوق، ئۇنىڭ خىچىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاپتۇ. ئۇ ئۆيگە كەلسە قىزلىرى >بىزگە يېڭى كىيىم ئېلىپ بەر< دەپ تۇرۇاپتۇ. ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىشقا چىدىماي بىر ھىيلە ئىشلىتىش ئۈچۈن بازارغا بارسا بىر گەزمالچى رەخت سېتىۋاتقان ئىكەن. قاسىم ئوغرى رەختنى كۆرۈپ يەتتە توپ تاللاپتۇ - دە:
- ھوي قارى، مەن پۇل ئالماي كەپتىمەن، ئۆيگە بېرىپ پۇل ئېلىپ كەلگەچ رەختنى قىزلىرىمغا كۆرسىتىپ كېلەي، - دەپ رەىتنى ئېلىپ ئۆيگە كەپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ يەتتە كۈيوغلى ئۆيدە ئىكەن. ھىچنەرسىگە ئىگە بولالماي تىتىلداپ تۇرغان كۈيوغۇللار قاسىم ئوغرىنىڭ ئەكەلگەن ماللىرىغا كۆزى چۈشۈپتۇ - دە، ئۇنىڭ پىيىگە چۈشۈپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەتتە ئوغرى بىر بولۇپ قاسى ئوغرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بارلىق مال - دۇنياسىغا ئىگە بولۇپ قىزلىرىنى قويۇپ بېرىپ شەھەردىن چىقىپ كېتىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: جامال شىرىپ