ئاچچىق ساۋاق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زاماننىڭ زامانىسىدا ھىندى مەملىكىتىدىن ئۈچ نەپەر ھىندى ئۆزگە تىل ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلاپ ئۆز يۇرتىدىن سەپەر قىپتۇ. قارلىق تاغلار، پايانسىز ئوتلاقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىر شەھەرگە كەپتۇ. ئۇلار بۇ شەھەردە مەلۇم ۋاقىت تۇرغان بولسىمۇ، يەرلىك خەلق تىلىنى زادىلا ئۆگىنەلمەپتۇ. پەقەت بۇلاردىن بىرسى «بىزلەر» سۆزىنىلا ئېسىدە قالدۇرۇپتۇ. بۇ يەردىن زېرىككەن ھىندىلار يەنە بىر شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. بۇلار ھەر كۈنى رەسرە ئايلىنىش، ئادەملەر كوجۇم يەرلەرگە بېرىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇلار ھېيتگاھ مەيدانىغا كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ قىلىشىۋاتقان ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىغا دۇچ كەپتۇ. ھىندىلار «ھە، مانا بۇ تىل ئۆگىنىشنىڭ ئوبدان پەيتى» دېيىشىپ بۇ غەۋغاغا قۇلاق سېلىپ تۇرغاندا، بېشىغا سەللە ئورىۋالغان ئاق ساقال ئادەم جىدەل قىلغانلارغا قاراپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ. ئۇنىڭ سۆزىدە «بىر پۇل ئۈچۈن» دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلىنىدىكەن. توپلاشقانلار ئاستا - ئاستا تارقاشقا باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھىندىلار بۇ خاسىيەتلىك سۆز بولسا كېرەك دەپ، «بىر پۇل ئۈچۈن» دېگەن سۆزنى ئېسىدە قالدۇرۇۋاپتۇ. بۇ شەھەردە خېلى ئۇزۇن تۇرغان ھېندىلار باشقا شەھەردە سۆز ئۆگىتىپ قويىدىغان بىرەر كىشىنى تېپىش مەقسىتىدە يەنە باشقا شەھەرگە كەپتۇ. لېكىن بۇ يەردىمۇ ئەھۋال ئىلگىرىكىدەك. ھەر كۈنى كوچا ئايلىنىدىكەن. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ، بىرەر ئېغىزمۇ سۆز ئۆگىنەلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئىككى ئادەمنىڭ ئۇرۇشۇپ ياقا سىقىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇشىغا بىر ئەمەلدار كېلىپ «ماڭ، خوتۇن تالاق» دەپتۇ. ئۇرۇشۇۋاتقانلار دەرھال ئاجرىشىپ، ھەرقايسىسى ئۆز يولىغا كېتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھىندىنىڭ ئۈچىنچىسى بۇ سۆزمۇ بىرەر خاسىيەتلىك سۆز بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپتۇ - دە، بۇ سۆزنى يادلىۋاپتۇ. بۇ شەھەردىنمۇ سۆز ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ھىندىلا ئۆز يولىغا قايتماقچى بولۇپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا قىيما - چىيما قىلىنىپ، دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەسەتكە ئۇچراپتۇ. بۇ جەسەتكە قاراپ ھەيران بولغان ھىندىلا ئۆزئارا پاراڭلىشىپ تۇرغىنىدا، بىر قانچە يايىلارنى ئەگەشتۈرگەن پاششاپ بېگى كېلىپ جەسەت يېنىدا تۇرغان ناتۇنۇش ئۈچ ئادەمنى كۆرۈپتۇ.
- بۇ ئادەمنى كىم ئۆلتۈردى؟ - دەپ سوراپتۇ پاششاپ بېگى. - بىزلەر، - دەپتۇ ئۆگىنىۋالغان سۆزىنى تەكرارلاپ ھىندىلارنىڭ بىرى.
- نېمىشقا ئۆلتۈرۈشتۈڭ؟ - دەپتۇ پاششاپ بېگى غەزەپ بىلەن.
- بىر پۇل ئۈچۈن، - دەپتۇ يەنە بىر ھىندى.
- بىر پۇل ئۈچۈنمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشەمسەن؟ - غەزەپلەنگەنلىكىدىن پاششاپ بېگىنىڭ كۆزلىرى ئۆرۈلۈپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.
پاششاپ بېگىنىڭ غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرگەن ھىندىلارنىڭ بىرى ئۆگىنىۋالغان سۆزىنى ئىشقا ساپتۇ:
- ماڭ، خوتۇن تالاق!
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەنلكىدىن يېرىلغۇدەك بولغان پاششاپ بېگى بۇ ئۈچ ھىندىنى باغلىتىپ، باش - كۆزىگە قامچىلىغىنىچە جەسەت بىلەن يامۇلغا ئەكىلىپ ئامبالغا مەلۇم قىپتۇ. ئامبال بۇ ئۈچ ھىندىنى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ:
- بۇ ئادەمنى قايسىڭ ئۆلتۈردۈڭ؟
ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ھىندىلا كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ. ئامبالنىڭ سوئالى تەكرارلانغاندىن كېيىن ھىندىلاردىن بىرسى:
- بىزلەر، - دەپتۇ.
- نېمىشقا ئۆلتۈرۈشتۈڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئامبال.
- بىر پۇل ئۈچۈن، - دەپتۇ ھىندىلاردىن بىرى.
- بىر پۇل ئۈچۈنمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن بارمۇ؟ - دەپتۇ ئامبال غەزەپلىنىپ.
- ماڭ، خوتۇن تالاق! - دەپتۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن يەنە بىر ھىندى.
غەزەپلەنگەن ئامبال بۇلارنى قىيناشقا بۇيرۇپتۇ، ھىندىلار قانچىلىك ئازاپلانمىسۇن، «بىزلەر»، «بىر پۇل ئۈچۈن»، «ماڭ، خوتۇن تالاق!» دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز چىقماپتۇ. ئاخىر بۇلارنى، ئىشكەل، تاقاق بىلەن مەخسۇس قاتىللار ياتىدىغان زىندانغا سېلىشنى بۇيرۇپتۇ، بۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تەكشۈرۈش مەلۇماتىنى يۇقىرىغا يوللاپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپتۇ. ھىندىستاندىن بىر سودا كرۋىنى ئامبالغا نۇرغۇن سوۋغاتلار بىلەن كەپتۇ. ئامبال سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ كارۋانلارغا زىياپەت بېرىپتۇ. ئامبال قارىسا بۇ كارۋانلارنىڭ كىيىم - كېچىكى بۇندىن ئىلگىرى تۇتۇلۇپ زىنداندا يېتىۋاتقان ئۈچ «قاتىل» غا ئوخشايدىكەن. ئامبال ھەيران بولۇپ، زىنداندىن ھېلىقى ئۈچ گۇناھكارنى ئەكەلدۈرۈپتۇ. گۇناھكارلار سودا كارۋانلىرىنى كۆرۈپ يىغلاشقان ھالدا بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى باشتىن - ئاياق سۆزلىشىپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئامبال بۇ ئۈچ ھىندىگە ئۆزرىخالىق ئېيتىپ، يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ھەممەيلەن بۇ ئىشتىن ئاچچىق ساۋاق ئاپتۇ.