UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكىشىنىڭ ھەققى

كىشىنىڭ ھەققى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا مۇسا ۋە ئەيسا دېگەن ئىككى يىگىت ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇسا بىلەن ئەيسا كىشىنىڭ ھەققى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ. مۇسا ئەيسادىن: _ ئاداش، كىشىنىڭ ھەققى زادى كىشىدە قالامدۇ _ قالمامدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. _ ئايلار، يىللار ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەيسا. _ ئەمىسە مۇشۇ سۆزۈڭنى بىرەر كارامەت كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىسپاتلاپ باققىنا، _ دەپتۇ مۇسا. _ بولىدۇ، _ ئەيسا رازى بولۇپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ، _ سەن كەينىڭگە بەش قەدەم چېكىنىپ ئارقاڭغا بۇرۇل. مۇسا ئارقىسىغا شۇنداق بۇرۇلۇپتىكەن، ئالدىدا ياپ - يېشىل مەنزىرىلىك بىر شەھەر تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئەيسا مۇسانىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ھېكايە ئېيتىشقا كىرىشىپتۇ. ئۇنىڭ ھېكايىسىدە بايان قىلىنغان نەرسىلەر مۇساغا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. _ سەن كۆرۈپ تۇرغان مانا مۇشۇ چىرايلىق شەھەردە بىر كاتتا سودىگەر ياشىغان ئىدى، _ دەپ ھېكايە باشلاپتۇ ئەيسا، _ ئۇ سودىگەر ئىنساپسىز ھەم ئاچكۆز ئىدى. بىر ياغاچچى بۇ سودىگەرگە بەش يىل ئىشلەپ، ئىش ھەققىنى ئالىدىغان چاغدا ئۆلۈپ قالدى. سودىگەر ئۇنى كۆمۈپ قويۇپ، تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كېلىپلا يۇرت كاتتىلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ زىياپەت بېرىپ ئوبدان مېھمان قىلدى، ئاخىرىدا مۇنداق مۇراجەت قىلدى: _ ئى جامائەت، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، رەھمەتلىك ياغاچچى ماڭا بەش يىل ئىشلىۋېدى، ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمىكى، كىيىم - كېچىكى، پۈتكۈل خىراجىتى مەندىن بولغان. يەيدىغىنىنى يەپ، ئالىدىغىنىنى ئېلىپ بولغان ئىدى، مەندە ھېچقانداق ھەققى قالمىدى، مۇبادا كۈنلەردىن بىر كۈنلىرى بۇ ياغاچچىنىڭ ئىگىسى چىقىپ قېلىپ، مېنىڭدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئالىمەن دېسە، سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلار. _ بەش يىلدىن بۇيان سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ، ئۆيلىرىدە ئىشلىگەن تۇرسا، ئۇنىڭ يەنە نېمە ھەققى قالسۇن. ھەرقانداق ئادەم كەلسە بىز گۇۋاھچىلىقتىن ئۆتىمىز، _ دېيىشىپتۇ يۇرت كاتتىلىرى. سودىگەر «بۇ ئىشتىن ئەجەپ ئوبدان قۇتۇلدۇم، ئەمدى ياغاچچىنىڭ ئەۋلاتلىرى داۋام قىلىپ كېلىپ قالسىمۇ، جامائەتكە ئىتتىرىپ قويۇپلا تۈگىشىدىغان بولدۇم» دەپ خۇرسەن بوپتۇ. شۇندىن كېيىن خاتىرجەم يۈرۈۋېرىپتۇ. سودىگەر بىر كۈنى ئىككىنچى بىر شەھەرگە سودىگەرچىلىككە بارماقچى بوپتۇ. 30 سەر ئالتۇننى پوتىسىغا تۈگۈپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. يولدا ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ. تەرلەپ كەتكەن سودىگەر ئېتىنى چۆپكە قۇيۇۋېتىپ، ئۆزى ئېرىق بويىدىكى قارىياغاچنىڭ تۈۋىگە كېلىپ بىر پەس ئۇخلىماقچى بوپتۇ. بىراق ھېلىقى پوتىغا تۈگۈۋالغان ئالتۇننى بىقىنىغا پېتىپ زادىلا ئۇخلاتماپتۇ. ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ پوتىنى بېلىدىن يېشىپتۇ. «بۇ دەشتى - باياۋاندا كىم ئېلىۋالاتتى» دەپ ئويلاپ، دەرەخ شېخىغا ئىلىپ قويۇپ، يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتۇ. بىر ھازادا كۆزىنى ئاچسا كەچ كىرىپ قالغان. «ئاپلاھۇ ئەكبەر، نىمانچە ئۇخلاپ كەتكەندىمەن» دەپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، قامچىسىنى قولىغا ئاپتۇ. ئالدىراپ - سالدىراپ بېرىپ توقۇقلۇق ئېتىغا مىنىپتۇ _ دە، ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ئالتۇن چىگىلگەن پوتا شاختا قاپتۇ. سودىگەر كەتكەندىن كېيىن بىر ياغاچچى بالا دۇكان - جابدۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ ھېلىقى دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ، ئارام ئېلىشقا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ قىرغا بېشىنى قويۇپ، ئاسمانغا قاراپ ياتقاندا كۆزى دەرەخ شېخىدا ئىلىغلىق تۇرغان پوتىغا چۈشۈپتۇ. ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، پوتىنى قولىغا ئاپتۇ. ئۇنى يەشسە، كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، ساپ - سېرىق ئالتۇن چىقىپتۇ، ياغاچچى بالا «خۇدايىم بەردى» دەپتۇ _ دە، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۈپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئەمدى گەپنى سودىگەردىن ئاڭلا. سودىگەر شۇ يەردىن قوپقانچە توختىماي مېڭىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشكەنسېرى قونالغۇغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئالدىراپتۇ. يېرىم كېچىلەر بىلەن ئاران دېگەندە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بېرىۋاپتۇ. ئەتىسى سەھەردە ھېلىقى پوتىدىكى ئالتۇنى ئېسىگە كېلىپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ _ دە، بېلىنى سىلاپتۇ. قارىسا پوتا يوق. شۇ ھامان پۈتۈن بەدىنىدىن ئاچچىق تەر چىقىپ، پۇتلىرى تىترەپ كېتىپتۇ. ئاتقا مىنىپتۇ - دە، ئارقىسىغا قايتىپ ھېلىقى قارىياغاچ تۈۋىگە كەپتۇ. ئۇ كەلگەندە دەرەخ تۈۋىدە بىر قېرى بوۋاي ھاسسىغا تايىنىپ دەم ئېلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. شاختا ئىلىپ قويغان پوتا كۆرۈنمەپتۇ، ئۇ ئۇيان - بۇياننى ئىزلەپتۇ. _ بىر نىمىڭىز يۈتۈپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ بوۋاي. _ ماۋۇ شاخقا پوتىغا تۈگۈلگەن بىر نېمىنى ئېسىپ قويۇۋىدىم، يوق تۇرىدۇ، سىز كۆردىڭىزمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ سودىگەر. _ كۆرمىدىم، ئەمدى كېلىپ ئولتۇرۇشۇم، تېخى شاخقا قارىغۇچىلىكمۇ بولمىدىم ئۇكام، _ دەپتۇ بوۋاي. _ راستىڭىزنى ئېيتىڭ، سۈيۈنچە بېرىمەن. _ ئىللا - بىللا كۆرمىدىم. _ ئەمىسە شەيتان ئېلىپ كېتەمدۇ؟ _ ۋاي توۋۋا، مەن كۆرمىدىم. _ راستىڭنى ئېيت، بىئەجەل ئۆلىسەن قېرى! _ ھوي، قانداق ئۆكتەم نىمىسەن؟ _ كۆرمىگەن بولساڭ مانا! _ سودىگەر پىچىقىنى ئېلىپ بوۋاينى بۇغۇزلىۋېتىپتۇ.... ئەيسا ھېكايىسىنى تۈگىتىپ: _ ئەمدى ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ، ئۆز ئورنىڭغا كېلىپ تۇرساڭ بولىدۇ، _ دەپتۇ مۇساغا. مۇسا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ: _ سودىگەرنىڭ ئالتۇنىنى ياغاچچى بالا ئېلىپ كەتسە، سودىگەر ئاچچىقىدا بىگۇناھ بوۋاينى ئۆلتۈرۋەتتى، بۇ قانداق بولغىنى؟ _ دەپتۇ. ئەمدى بۇنى مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي، _ دەپتۇ ئەيسا، _ ئالتۇننى ئېلىپ كەتكەن بالا ھېلىقى سودىگەرنىڭ قولىدا ئىشلەپ ئۆلۈپ كەتكەن ياغاچچىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئۆلگەن بوۋاي بولسا، بۇرۇن مۇشۇ سودىگەرنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاراقچى ئىدى. پۇل ئىگىسىگە تاپشۇرۇلدى، سودىگەر دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى. ئەمدى سەن دەپ باققىنا، كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالامدىكەن؟ مۇسا قايىل بولۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ: _ كىشىنىڭ ھەققى زادى كىشىدە قالمايدىكەن، ئوخشاش بولمىغان يوللار بىلەن ھامان تۆلىنىدىكەن، _ دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
كىشىنىڭ ھەققى | UyghurWiki | UyghurWiki