UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدات بېگىم

دات بېگىم

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادىل پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ ئۆز مەملىكىتىنى ئادىللىق بىلەن سورايدىكەن، پارىخورلۇق، خىيانەت قىلغان ئەمەلدارلارنى، كىشلەرگە زورلۇق قىلغان مۇتىھەملەرنى قاتتىق جازالايدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ مەملىكەتنىڭ خەلقى قوسىغى توق، غېمى يوق، خوشال - خورام كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. شۇ پادىشاھنىڭ تەۋەسىدە ئىككى ئاغىنە بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ چوڭى ئۆيلەنگەن بولۇپ، سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن، يەنە بىرسى بويتاق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئۆز بەختى - پىشانىسىنى سەپەردىن سىنىماقچى بولۇپ، يولغا چىقىپتۇ. يولبۇيى بىر نەچچە كۈنگىچە تاپقىنىنى تەڭ يەپ، بىرىنى بىرى يۆلەپ مېڭىپتۇ. بىر كۈنى ئۇلار چەكسىز كەتكەن چولگە كېلىپ قاپتۇ، قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپ، قونغۇدەك پانا جاي تاپالماپتۇ. بۇ ئىككىسى نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغلاندا، يىراقتىن بىر قارا قۇرۇم نەرسە كۆزگە چېلىقىپتۇ. ئۇلار: «بىرەر ئۆي بولسا كېرەك» دەپ شۇ يەرگە قاراپ مېڭىتۇ. بارسا ئۈستى ئۆرۈلۈپ، تۆتلا تېمى قالغان ئەسكى تاملىق ئىكەن. ئىككىسى ئامالسىز شۇ ئەسكى تاملىقتا يېتىپ، ئۇخلاپ قاپتۇ. يېرىم كېچىدە دۈرۈلگەن غەلىتە ئاۋاز ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىپتۇ. قارىسا ھېچكىم كۆرۈنمەپتۇ. سىنچىلاپ قارىغان ئىكەن. بىر تۇلۇم چاشقان بىر نەرسىنى دۈگلىتىپ كېتىۋاتقۇدەك. ئۇلار يېقىن بارغان ئىكەن، تۇلۇم چاشقان دۈگۈلتىپ كېتىۋاتقان نەرسىسىنى تاشلاپ، ئۇۋىسىغا قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. تۇلۇم چاشقاننىڭ دۈگلەتكەن نەرسىسى بىر كاللاك ئالتۇن ئىكەن. ئىككى ئاغىنە بۇ ئامەتكە خوشال بولۇپ، ئالتۇننى خۇرجۇنغا ساپتۇ - دە، تۇلۇم چاشقاننىڭ ئۇۋىسىنى يەنە كولاپتۇ. ئۇ يەردىنمۇ بىرمۇنچە ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت چىقىپتۇ. ئۇلار بۇ دۇنيانى تەڭ بۆلۈشۋېلىش قارارىغا كەپتۇ. شۇ چاغدا ئاغىنىلەردىن كىچىكىنىڭ پەيلى بۇزۇلۇپ، چوڭنى ئۆلتۈرۋېتىپ، بارلىق دۇنيانى ئېلىۋالماقچى بوپتۇ. ئۇ ئاغىنىسىنى قانداق ئامال بىلەن ئۆلتۈرۈشنى ئويلاۋاتقاندا، ئاغىنىسى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قەستىنى بىلىپ قاپتۇ. ئاداش، - دەپتۇ چوڭى، - بىز بىرمۇنچە دۇنيا تېپىۋالدۇق. سەن بۇنى تەڭ ئوتتۇردىن بۆلۈشۈشكە ئاغزىڭدا ماقۇل دېگىنىڭ بىلەن پەيلىڭ بۇزۇلدى. سەن بەرىبىر مېنى ئۆلتۈرىسەن. ئۆلۈش ئالدىدا بىر ئامانىتىم بار، ئۇزۇن يىللىق ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن خوتۇنۇمغا يەتكۈزۈپ قۇيارسەن. خوتۇنۇم ھامىلدار ئىدى، ساق - سالامەت كۆز يورۇلسا، ئوغۇل بولسا ئېتىنى «دات بېگىم»، قىز بولسا «دات خېنىم» دەپ قويسۇن. شۇ گەپتىن كېيىن ئىككىسى ئۇخلاپ قاپتۇ. لېكىن، تۈن تەڭ بولغاندا ئاغىنىلەرنىڭ كىچىكى ئاستا ئويغىنىپتۇ. ئالتۇن - كۈمۈش ئالدىدا ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەپتۇ - دە، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاغىنىسىنىڭ بېشىغا يەردە ياتقان تاش بىلەن بىرنى ساپتۇ، ئاغىنىسى تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىچىكى بارلىق دۇنيانى ئېلىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئارىلاپ، 5 - 6 ئايدىن كېيىن ئۆز شەھىرىگە قايتىپتۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۆزى ئۆلتۈرۋەتكەن ھېلىقى ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ غەيرى يىغىسىنى يىغلاپتۇ ۋە: - ئاغىنەم ياقا يۇرتتا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. مۇنۇ تاپقان ئازغىنا دۇنياسىنى سىلەرگە ئېلىپ كەلدىم، - دەپ خوتۇنىغا ئاز تولا ئالتۇن - كۈمۈش بېرىپتۇ، ئاندىن ئاغىنىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى يەتكۈزۈپتۇ. بۇ خوتۇن ئېرىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلاپ يىغلاپتۇ. قاقشاپتۇ، ئەل - يۇرتقا نەزىر بېرىپتۇ. ۋاقتى - سائىتى توشۇپ بۇ خوتۇن بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئېرىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئوغلىغا «دات بېگىم» دەپ ئات قويۇپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، بۇ ئوغۇل يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. بىر كۈنى دات بېگىم كوچىدا ئويناۋاتقان ئىكەن، ئادىل پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋەزىر، ياساۋۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. ئانا «بالام دەسسىلىپ كەتمىسۇن» دەپ يۈرىگى سۇ بولۇپ: - دات بېگىم! دات بېگىم! - دەپ ۋارقىراپتۇ. كەينى - كەينىدىن «دات بېگىم» دەپ ۋارقىراۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىغان شاھ كېتىۋاتقان يولىدىن توختاپ، ۋەزىرىنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. ۋەزىر ئات بىلەن ھېلىقى خوتۇننىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ: - نېمە دەردىڭىز بار؟ - دەپتۇ سوراپتۇ. - ھېچ دەردىم يوق، - دەپتۇ خوتۇن. - ئەمسە پادىشاھ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا «دات بېگىم» دەپ ۋارقىرىغىنىڭىز نېمىسى؟ - دەپتۇ ۋەزىر. - مەن بالامنى چاقىرغان ئىدىم، بالامنىڭ ئېتى «دات بېگىم»، - دەپتۇ خوتۇن. ۋەزىر ئەھۋالنى پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ: «بۇ يەردە بىر گەپ بار ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىنىپ خۇتۇننى ئوردىغا چاقىرىپتۇ. - دۇنيادا نېمە كۆپ، ئىسىم كۆپ، - دەپتۇ پادىشاھ خوتۇنغا، - سەن نېمە ئۇچۈن بالاڭغا «دات بېگىم» دەپ ئات قويدۇڭ؟ - پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ خوتۇن، - ئېرىم سەپەردە ئۆلۈش ئالدىدا ئاغىنىسىگە «خوتۇنۇم ئوغۇل تۇغسا ئېتىنى «دات بېگىم» قويسۇن، دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئىكەن، مەن ئېرىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىش قىلىدىم» پادىشاھ بۇيەردە بىر چاتاقنىڭ بارلىقىنى سېزىپ، ئېرىنىڭ ھېلىقى ئاغىنىسىنى ئوردىغا چاقىرتىپ سوراققا تارتىپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى قاتىل ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىپتۇ. پادىشاھ قاتىلنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، ئۇنىڭ يەر - جايلىرى، دۇكانلىرى ۋە مال - دۇنياسىنى دات بېگىمگە ھەم ئۇنىڭ ئانىسىغا بۇيرۇپ بېرىتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
دات بېگىم | UyghurWiki | UyghurWiki