ھاماقەتنىڭ خىيالى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، بىر ھاماقەت ئادەم بار ئىكەن. ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى، قىلىقلىرى كۈلكىلىك ئىكەن. ھاماقەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن جاڭگالغا مېڭىپتۇ. كېتىۋاتسا، بىر توپ جىغاننىڭ سايىسىدە بىر توشقان ئۇخلاپ ياتقۇدەك. بۇ توشقاننى كۆرگەن ھاماقەت. دەرھاللا چوڭقۇر خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپتۇ. ئۇ ئويلاپتۇ: «توشقاننى تۇيدۇرماستىن تۇتۇۋالسا، ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، پۇلىغا بىر مىكىيان ئالسام، توخۇ تۇخۇم تۇغسا، تۇخۇملارنى يىغىپ بىر تالاي چۆجىلەرنى چىقارتسام، ئۇنىڭ پۇلىغا بىر پاقلان ئالسام پاقلىنىم چوڭىيىپ ھەر يىلى بىر قانچىسىنى قوزىلىسا، قوي - قايماق ئىچىپ ھۇزۇرلىنىپ، قېتىق سېتىپ پۇل يىغىپ خېلى باي بولۇپمۇ قالىدىكەنمەن. يەنە تايچاقتىن بىرىنى سېتىۋالسام...»
ئۇنىڭ بۇ خىيالى ئۆزىگە بەكمۇ ياراپ كېتىپتۇ - دە، ئايالىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولۇپ ئوتۇنغا بارماي ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ، ئىشىكتىن كىرە - كىرمەيلا ئالدى بىلەن تاي ئالماقچى بولغانلىقىنى خوتۇنىغا دەپتۇ. ئېرىدىن بۇ خەيرىلىك خەۋەرنى ئاڭلىغان ئايالى خوشاللىغىدىن سەكرەشكە باشلاپتۇ - دە،
- شۇ تاينى ئانامنىڭ ئۆيىگە ئازنىلىققا بارغاندا مىنىپ بارىمەن، - دەپتۇ ئېرىگە رەھمەت ياغدۇرۇپ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھاماقەتنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇكى، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە:
- ھە؟! چىش يىمىگەن تاينى ئاناڭنىڭكىگە مىنىپ بارساڭ بېلى سۇنۇپ كەتمەمدۇ؟! - دەپ . قاتتىق ئۇرۇپ خوتۇنىنىڭ بېلىنى سۇندۇرۇۋېتىپتۇ. ھاماقەت شۇ ئەسنادا يەنە جاڭگالغا قاراپ يول ساپتۇ. ئۇ بايىقى يەرگە بېرىپ توشقاننى تۇتاي دەپ قارىسا توشقان ئاللىقاچان ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن ئىكەن. خىيالى بەربات بولغان ھاماقەت ئاچچىغىدا ئوتۇننىمۇ ئالماي ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ بېلى سۇنغان خوتۇنىنى ئانىسى كېلىپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋلدىن خەۋەر تاپقان ئەلە - مەھەللە خۇلۇم - خوشنىلار ھاماقەتنى زاڭلىق قىلىپ شۇنداق قاتتىق كۈلۈپتۇكى، ھاماقەتنىڭ يارىسىغا تۇز سەپكەندەك بولۇپتۇ. ھاماقەت ئۆزىنى كاچاتلاپ پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھاماقەت نامى. قىلغان «توۋا» سى ئەل ئىچىدە پۇر بولۇپ كېتىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ساۋۇت ئابدۇللا