سودىگەرنىڭ خوتۇنى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن شۆھرىتى پۈتۈن ئالەمگە تارقالغان، ئادالەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن. شاھزادە بىر كۈنى دادىسىغا:
- ئى دادا، مەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىم. سېنىڭ بار چېغىڭدا كۆڭلۈمنى ئېچىپ يۇرت ئارىلاپ كەلسەم، سەپەردىن كۆزۈم پىشىپ قالسا، - دەپ ئىلتىماس قىلىپتۇ.
پادىشاھ بالىسىنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلۇپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئامانلىقىغا دۇئا قىلىپ يولغا ساپتۇ. شاھزادە تېخى ياش بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ قول ئاستىدىكى شەھەرلەردىن يىراققا ماڭمايلا پۇل ۋە باشقا نەرسە - كېرەكلىرىنى تۈگىتىپ قويۇپتۇ. ئۇنى غېرىپچىلىق بېسىپ ھالى تەڭ بولۇپ قاپتۇ. ئاخىرى بىرەر - يېرىم ناننى تىلەپ يەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ مەلۇم بىر شەھەرگە بېرىپ بىر غېرىپ - مۇساپىرلار چۈشىدىغان سارايغا چۈشۈپتۇ. شۇ ساراي بار كوچىدا بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى كېلىشكەن، ھەر كىمنىڭ زوقىنى تارتقۇچىلىكى بار بىر ئايالى بار ئىكەن. بۇ ئايالغا شاھزادىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. شاھزادە ئۆزىنىڭ ئاچ - يالىڭاچ يۈرگەنلىكىگە قارىماي، كېچە - كۈندۈز شۇ ئايالنىڭ ئۆيىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.
ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سودىگەر بۇ ئايالنى تالاق قىلىۋېتىپتۇ. لېكىن ئاغزىدىن >تالاق< سۆزى چىقىپ كېتىشىگىلا پۇشايمان قىلىپ قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. قازى سودىگەرگە:
- سەن خوتۇنۇڭنى تالاق قىلىۋەتكەن بولساڭ، شۇ ھالى بىلەن ساڭا دۇرۇس بولمايدۇ. ئايالىڭنى خالىس بىر كىشىگە نىكاھ قىلدۇرۇپ بىر كېچە قوندۇرساڭ، ئەتىسى ئۇنىڭ نىكاھىدىن ئاجرىتىپ ئالساڭ ئاندىن ساڭا دۇرۇس بولىدۇ، - دەپتۇ. سودىگەر يۇۋاش - يۇمشاقراق بىر كىشىنى تاپماقچى بولۇپ يۈرگىنىدە ئالدىغا شاھزادە ئۇچراپتۇ. ئاخىرى ئۇ بىر مىچىتنىڭ ئىمامىنى تېپىپ خوتۇنىنى شاھزادىگە بىر كېچىلىك نىكاھلاپ قويۇپتۇ.
بۇ ئايالنىڭ شۇ كېچىسىلا شاھزادىگە كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا سودىگەر كەلگەن ئىكەن. ئايال ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىماپتۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئېرىنى بولۇشىغا تىللاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاخۇنۇم:
- ھازىر ئايالىڭ ئاراي بولسىمۇ مۇشۇ بالىنىڭ نىكاھىدا ئايالىڭنى ئۇ قويۇپ بەرسە سېنىڭ، قويۇپ بەرمىسە ئۇنىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر ئايلىق مۇددەت بېرەيلى، - دەپ سودىگەرنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. شاھزادە بىر ئايدىن كېيىن ئايالنى نىكاھىدىن ئاجرىتىپ بېرىش توغرىسىدا تىل خەت يېزىپ بېرىپتۇ. ئارىدىن يىگىرمە يەتتە كۈن ئۆتۈپتۇ. شاھزادە ناھايىتى ئۇستا سازچىكەن. ئۇ تەمبۇرنى شۇنداق چىرايلىق چالىدىكەنكى، ھەر قانداق كىشى قايىل بولىدىكەن. شاھزادە ياش بولغاچقا، سودىگەرنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ھۆسنى - جامالىغا، تەمبۇر چېلىشىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادىنىڭ دادىسى خەلقنىڭ قانداق شىكايەتلىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن پۇقراچە ياسىنىپ، شاھزادە ياشاۋاتقان كوچىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ دەل شاھزادە تەمبۇر چېلىۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەمبۇرنىڭ مۇڭىدىن مەس بولۇپ ئىشىكنى قېقىپتۇ. ئىشىكنى شاھزادىنىڭ ئايالى ئېچىپتۇ. پادىشاھ مۇشۇ ئۆيدە بىر كېچە قونۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ. شاھزادە تەمبۇر چېلىپ، ئايالى ئۇسۇل ئويناپ مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئېچىپتۇ. بۇلار كېچىچە پاراڭلىشىپ يېتىپتۇ. پادىشاھ بۇلارنىڭ ئۆز بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ. لېكىن ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇتماي ئوردىغا قايتىپتۇ. بۇ ئىككىيلەن ئەر - خوتۇن بولۇپ يىگىرمە توققۇز كۈن بولغان كۈنى تۇيۇقسىز ئېشىكى ئالدىغا ئوتتۇز توققۇز تۆگە مال ۋە پادىشاھنىڭ يارلىقى كەپتۇ. يارلىقتا پادىشاھ ئاتىلىق سۈپىتى بىلەن ئۆز بالىلىرىنىڭ مەرىكىسىنى مۇبارەكلەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان سودىگەر پادىشاھتىن قورقۇپ شاھزادىدىن ئايالىنى تەلەپ قىلالماپتۇ. باشقا بىر خوتۇن ئېلىپ جاھان ئۆتكۈزۈپ قاپتۇ. شاھزادە بۇ ئايالى بىلەن بەختلىك كۈن كەچۈرۈپ ئاتىسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې ياقا دادۈيدىن: ئابدۇغېنى يۈسۈپ.