سودىگەرنىڭ ئوغلى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر سودىگەرنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا بالىسى بولۇپ، ئايالى بالىغا ئۆگەي ئىكەن. ئۆگەي ئانا سودىگەرنىڭ ئالدىدا بالىسىنىڭ باش - كۆزىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلايدىكەن، سودىگەر سىرتقا چىقىپ كەتسىلا سىلاپ - سىپىغان يەرلىرىگە غەزەپ بىلەن ئۇرىدىكەن. بالا بولسا ئۆگەي ئانىسىنىڭ قىلىمىشلىرىنى دادىسىغا ئېيتمايدىكەن. پەقەت دادىسى ئۆزىگە تەقدىم قىلغان ئاق قاشقىلىق قارا تاينىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلايدىكەن.
شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. تاي چوڭىيىپ ئات بوپتۇ. بالا چوڭ بولۇپ يىگىت بوپتۇ. ئانا بالا بىلەن تاينىڭ شۇنچە ئىجىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ دەرغەزەپ بوپتۇ. چىراقچى موماي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تاينى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. سودىگەر ھىندىستان سەپىرىدىن يانارغا يېقىن سۈرگە ئىچىپ كېسەل بولۇپ يېتىۋاپتۇ. سودىگەر ئايالىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چىراقچى موماينى چاقىرتىپتۇ، چىراقچى موماي پال ئېچىپ:
_ خېنىم خاپىغان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مۇشۇ ئۆيدە بىر قارا تاي بار ئىكەن، شۇنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يەپ، تېرىسىگە يۆگەنسە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ، - د غان ئوغلى دادىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى تاشلاپ، تاينى ئۆلتۈرمەسلىكىنى سوراپ زار يىغلاپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئانا بولسا ئالەمنى - مالەم قىپتۇ. سودىگەر تەڭلىكتە قاپتۇ.
سودىگەر بالىسىغا:
_ ساڭا دۇلدۇل بولسىمۇ ئېلىپ بېرەي بالام، بۇ تاينى ئۆلتۈرەيلى، - دەپتۇ.
_ ھېلىغۇ دۇلدۇلكەن دادا، - دەپتۇ ئوغلى، - پۈتۈن بىساتىڭىزنى خەت - مۈر قىلىپ بەرسىڭىزمۇ مەن بۇ تايدىن كېچەلمەيمەن.
شۇنداق قىلىپ سودىگەر ئىككى ئوتنىڭ ئارىسىدا قاپتۇ. دەرت - ھەسرەتتىن ئەقىل ھۇشى جايىدا بولماپتۇ، كېچە تەڭ بولۇپ ئەل ئايىغى بېسىققاندا، بالا دادىسىنىڭ ئۆتكۈر قىلىچىنى ئېلىپ، قارا تاينى مىنىپ قېچىپتۇ، يۇرت - مەھەللىلەرنى ئارىلاپ نۇرغۇن يول يۈرۈپتۇ. بىر ئېقىن سۇدىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر قاغىنىڭ قىرغاققا چىقىپ قالغان بىر ئىلان بالىسىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، دەرھال قاغىنى ئۈركۈتىۋېتىپتۇ. ئاتتىن چۈشۈپ، ھالسىزلىنىپ قالغان ئىلان بالىسىنى ئاستاغىنا سۇغا قۇيۇپ بېرىپتۇ.
_ ئەي ئادىمزات - دەپتۇ ئىلان زۇۋانغا كېلىپ، - سەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ، نېمە تېلىگىڭ بار، ئېيت! ئەجرىڭنى قايتۇراي؟
بالا ئىلاننىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولۇپ:
_ ھېچقانداق تىلىكىم يوق، - دەپتۇ.
_ ھېچبولمىسا سەن مېنىڭ ماياقلىرىمدىن بىر نەچچە تال ئېلىۋال، ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا كۆيدۈرسەڭ ئەسقېتىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ ئىلان.
بالا ئىلان ماياقلىرىدىن ئېلىپ ئېتىغا مىنىپ، ئۆز يولىغا چۈشۈپتۇ. پايانسىز بىر قۇملۇققا چىقىپ قاپتۇ. كېتىۋاتسا ئالدىدا بىر نەرسىنىڭ ۋىچىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. قارىسا يوغان بىر ئاغمىخان بىر يەردىن قوزغىلالماي تۇرغۇدەك. بالا دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ يېقىن بېرىپ قارىسا ئاغمىخاننىڭ ئالدى قولى ئىششىپ كەتكەن ئىكەن. بالا ئۇ جاراھەتنى ئېغىز ئالدۇرۇپ ئۇ يەردىكى تىكەننى ئېلىۋىتىپ، تېڭىپ قويۇپتۇ.
ئاغمىخان تۇيۇقسىز زۇۋانغا كېلىپ:
_ ئەي ئادىمىزات. نېمە تېلىكىڭ بار، ئېيت؟ - دەپتۇ.
بالا تېخىمۇ ھەيران بولۇپ:
_ مېنىڭ سەندىن سورايدىغان تىلىكىم يوق. تېزرەك ئۆيۈڭگە بار، - دەپتۇ.
_ ئۇنداقتا سەن مېنىڭ تۈكلىرىمدىن بىر نەچچە تال ئېلىۋال، ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا، كۆيدۈرسەڭ، ئەسقېتىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ ئاغمىخان.
بالا ئاغمىخاننىڭ تۈكلىرىدىن بىر نەچچە تال ئېلىپ، يولغا چۈشۈپتۇ، يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەنىدىمۇ مول يۈرۈپتۇ. پايانسىز بىر جاڭگالغا كىرىپ قاپتۇ. كېتىۋاتسا قانداقتۇ بىر قۇشنىڭ ئېچىنىشلىق «چىر - چىر» قىلغان نالە - زارى ئاڭلىنىپتۇ. بالا ئاۋاز چىققان تەرەپكە بېرىپ قارىسا، ئاسمان پەلەك بىر توغراق تۈۋىدە، سۇمرۇغنىڭ بىر بالىسى تۈكى چىقمىغان قاناتلىرىنى سوزۇپ نالە قىلىۋاتقۇدەك، بىر تۈلكە بولسا ئۇنىڭغا تۇمشۇقىنى سوزۇۋاتقۇدەك. بالا بىر ۋارقىراپ تۈلكىنى قاچۇرۋېتىپتۇ. ئاتتىن چۈشۈپ سۇمرۇغ بالىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇۋىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ - دە، ھېلىقى ئاسمان پەلەك توغراقنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، مىڭ بىر تەسلىكتە بۇنى ئۇۋىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ. بالا ئەمىدىلا توغراقتىن چۈشەي دېگەندە:
_ ھەي ئادىمىزات ، - دەپتۇ سۇمرۇغ بالىسى، - بىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ. توختاپ تۇر، ئاتا - ئانىمىز ھازىر كېلىدۇ. سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭغا بىر ياخشلىق قىلايلى!
بالا تېخمۇ ھەيران بولۇپ تۇرىشىغا ئاسمانۇ - پەلەكتىن ئالامەت يوغان بىر قۇش ئۇچۇپ كەپتۇ.
سۇمرۇغ بالسى دەرھال:
_ ئەي يىگىت، دەرھال ئۇۋىنىڭ ئاستىن تەرىپىگە يۇشۇرۇنۇپ دەرەخكە چىڭ چاپلىشىۋال، - دەپتۇ.
بالا سۇمرۇغ بالىسىنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا ئاران ئۈلگۈرۈپتۇ.
قۇش توغراققا قونۇپتۇ. سۇمرۇغ بالىسى:
_ ئاتا - ئانا سەندىن بىر نەرسىنى تىلەيمەن، - دەپتۇ.
_ نېمىنى تىلەيسەن؟ - دەپتۇ ئانا قۇش. سۇمرۇغ بالىسى ئەھۋالنى بايان قىپتۇ.
_ ئەي ئادىمىزات - دەپتۇ سۇمرۇغ ئىنتايىن خوشال بولۇپ، - سەن بىزگە ئىنتايىن چوڭ بىر ياخشىلىق قىلىپسەن، ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش - بىزنىڭ ئېتىقادىمىز، قېنى، ئېيت، نېمە تىلىگىڭ بار؟
بالا ئالامەت كۆركەم قۇشقا زوقلىنىپ قاراپ تۇرۇپ:
_ مېنىڭ تىلىكىم يوق، - دەپتۇ. سۇمرۇغ ھەيراق قېلىپ:
_ ئۇنداقتا سەن مېنىڭ پەيلىرىمدىن بىر نەچچە تال ئېلىۋال، ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا، كۆيدۈرسەڭ، ئەسقېتىپ قالارمەن، - دەپتۇ.
بالا سۇمرۇغنىڭ پەيلىرىدىن ئېلىپ دەرەختىن چۈشمەكچى بوپتۇ. شۇ چاغدا قۇش ئۇنىڭدىن:
_ مۇشۇ مېڭىشىڭدا نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا:
_ بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان يەرگىچە، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قۇش قەتئىي قىلىپ:
_ كەينىڭگە يان. ئالدىدا پايانسىز قۇملۇق بار، ئۇ يەرگە ھەتتا ئۇچار قۇشلار كىرىپ قالسىمۇ كاۋاپ بولۇپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. ئەمما بالا «قېنى كۆرۈپ باقمايمەنمۇ؟» دەپتۇ - دە، سۇمرۇغ بىلەن خوشلىشىپ، دەرەختىن چۈشۈپ، يولىنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ. بىر نەچچە كۈن مېڭىپ پادىشاھ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. بالا شەھەرگە كىرىشىكە بىر توپ جاكارچىلار:
_ ئەي ھانناس! ئىشتىڭلار ئامۇ - خاس! پادىشاھمىزنىڭ يالغۇز قىزىنىڭ كېسىلى بارغانسىرى ئېغىرلاشتى. شۇڭا پادىشاھمىزنىڭ دەردى پەلەكتىن ئاشتى. كىمدىن كىم ئول مەلىكىنىڭ قورسىقىدىكى ئىلاننى چۈشۈرۈپ، مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ قالسا، پادىشاھ ھەزرەتلىرى، ئول كىشى ئايال بولسا دۇنيادىن بىنەزەر قىلىدۇ. ئەر بولسا ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىۋالىدۇ، - دەۋاتقۇدەك.
بالا جاكارچىلارغا ئەگىشىپ خېلى يۈرۈپتۇ. بالا شەھەر خەلقىدىن مەلىكىنىڭ ئەخلاقىي دىيانەتلىرىنى، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوقلۇقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ نېمە بولاركىن دەپ جاكارچىلارغا كۈن بويى ئەگىشىپ يۈرسىمۇ ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقالماپتۇ. بالا مەلىكىنىڭ تارتىۋاتقان ئازاپلىرىغا، ھاياتىغا قاتتىق ئېچىنىپتۇ. مەلىكىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىسىمۇ بىر ئامال تاپالماپتۇ. يىگىت قايغۇرغان ھالدا ئېتىنى سۇغارغىلى ئۆستەڭ بويىغا ئېلىپ بارغاندا:
_ ئەي مېھرىبان يېگىت، - دەپتۇ ئات زۇۋانغا كىرىپ، - سەن ماڭا چەكسىز ياخشىلىق قىلىدىڭ. مەن ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەكتىڭ. ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ نامىغا قەسەم ئىچىمەنكى، سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭنى ئۆمۈر بويى قەرزدارمەن، ھازىر مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ئامال تاپالماي قايغۇرىۋاتىسەن. ئەي يۇمشاق كۆڭۈل يىگىت، دەرھال ئىلان ماياقلىرىدىن بىرنى كۆيدۈرسەڭ غەم - غۇسسىلىرىڭ شاتلىققا ئايلانغۇسى.
يىگىت ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم چەكسىز خوشال بولۇپ دەرھال ئىلان ماياقلىرىدىن بىرنى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇئان ئىككى چوڭ ئىلان ۋە بىر كىچىك ئىلان بالىنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ:
_ ئەي مېھرىبان ئاق كۆڭۈل يىگىت، - دەپتۇ چوڭ ئىلانلار، - سەن بىزنىڭ كۆز نۇرىمىزنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قاپسەن. قېنى ئېيت، بىزگە نېمە ھاجىتىڭ چۈشتى، بىز قولىمىزدىن كىېلىدىغىنىنى قىلىپ، ياخشىلىقىڭغا جاۋاب قايتۇرايلى؟
بالا ئەھۋالنى بايان قىپتۇ.
_ مەلىكە كىچىك چېغىدا، ئوردىنىڭ ھەرەم بېغىدىكى ئېرىقتىن سۇ ئىچكەندە ئىلان بالىسىنى بىللە يۇتۇۋەتكەن. ھازىر شۇ ئىلان مەلىكىنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا، - دەپتۇ. ئىلان بىر يۇمۇلاپلا تېرىسىنى تاشلاپ، - سەن قىرىق يىللىق ئۈرۈك ئوتۇنى تېپىپ گۈلخان سال، ئاندىن بۇ تېرەمنى قىرىق يىللىق سىركىگە چىلاپ سىركىدىن ئال - دە، يېنىۋاتقان گۈلخانغا تاشلا، ئېسىڭدىن چىقمىسۇنكى، بۇ چاغدا پادىشاھنىڭ مەلىكىسى گۈلخاننىڭ قېشىدا ياتقۇزۇلغان بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ كۆيدۈرۈلگەن تېرەمنىڭ دۇتى مەلىكىنىڭ قورسىقىدىكى ئىلانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ ھامان ئىلان سىرتقا چىقىپ مەلىكە شىپا تاپىدۇ.
بالا رەھمەت ئېيتىپ، ئوردىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەلىكىنى داۋالايدىغانلىقىنى بايان قىپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ كۆپ خۇرسەن بوپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ گۈزەللىكىگە ھاڭ - تاڭ بوپتۇ ۋە دەرھال ئىشىغا كىرىشىپ، ئىلاننىڭ ئېيتقىنى بويىچە مەلىكىنى داۋالاپتۇ. ئىلان چۈشۈپتۇ. مەلىكە بولسا قۇتقۇزۇپ قېلىنىپتۇ، بۇنىڭغا يىگىت ھەم پادىشاھ ئېيتقۇسىز خوشال بوپتۇ. پادىشاھ يىگىتتىن:
_ ئەي بەختىلىك يىگىت، سېنى ئالەمگە ئاپرىدە قىلىغان ئاتاڭ كىم؟ ئاناڭ كىم؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەدەپ بىلەن:
_ ئەي شەۋكەتلىك پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ ئوردا شەھرىنىڭ غەربىدىكى قەبىلىدىن، ئانام يوق، ئاتام بولسا سەپەردە، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
_ ۋەدەمدە تۇرىمەن، - دەپتۇ شاھ ئوردا ئەھلىگە قاراپ. شۇ چاغدا ئوڭ قول ۋەزىرى:
_ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش شاھلارنىڭ ئالىجاناپ خىسىلىتى، لېكىن، مېنىڭچە مەلىكىمىزنىڭ سالامەتلىكى تازا ئەسلىگە كەلسە ئاندىن توينى ئۆتكۈزسەك، - دەپتۇ. پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ماقۇل تېپىپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئايرىم جايدا ۋەزىردىن بۇنىڭ سەۋەبنى ئىنچىكىلەپ سورىماي تۇرالماپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرى:
_ پەقىرنىڭ نەزەردە تۇتقىنى ھەرگىزمۇ ۋەدىگە كىيىنچە ۋاپاسىزلىق قىلىش ئەمەس، مەلىكەمنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشمۇ ئەلۋەتتە بىر سەۋەب. لېكىن پىقىرنىڭ بۇ يەردە يەنە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى - ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل پەرزنتلىرى يوق. ياشلىرىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. بۇ يىگىت ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى كېلىپ قالسا يۇرتقا باش بولامدۇ - يوق، بۇ تەرەپنىمۇ ئويلاپ ئىش قىلغىنىمىز تۈزۈك، - دەپتۇ.
ئەگەر يىگىت كۆڭلىمىزدىكىدەك چىقماي قالسا، ۋەدىمىزنى بۇزامدۇق؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
_ ياق، - دەپتۇ ۋەزىر، - ئۇ ھالدا، بىز ئۇنى رازى قىلساقلا بولدى. بىز مۇنداق جىددىي ئىشتا يۇرتنى ئويلىشىمىز كېرەك! كونىلار «بېشى يوقنىڭ ئىشى يوق» دەيدۇ. ئەگەر يورت كۈنلەرنىڭ بىرىدە نائىنساپ ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇ چاغدا ئەل يەيدىغان نېنىنى تاپالماي قالىدۇ، بىزنىڭ مۇبارەك يۇرتىمىزنىڭ نامى ئالەمدىن ئۇچۇپ كېتىدۇ.
پادىشاھ دانىشمەن ۋەزىرنىڭ سۆزىگە قايىل بوپتۇ. پادىشاھ يىگىتكە ئوردا شەھرىدىن ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھەشەمەتلىك بىر قورۇنى باغلىرى، خىزمەتكارلىرى بىلەن سوۋغا قىپتۇ ھەمدە نۇرغۇن مىقداردا ئالتۇن - كۆمۈشمۇ ئىنئام قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىگىت مەلىكىنى كېچە - كۈندۈز ئويلاپتۇ، باغرى كاۋاپ بوپتۇ، ئاغزىدىن چىققىنى نەپەس ئەمەس، بەلكى كۆيۈۋاتقان يۈرىگىدىن چىققان ئىس بوپتۇ. مەلىكىمۇ يىگىتنى بىر كۆرۈپ كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىتىن، كۈنۈ - تۈن يىگىتنى ئويلايدىكەن. كېچىلىرى ئايغا قاراپ تەلمۈرۈپ ئويلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. مەلىكىنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارا - بارا ئەسلىگە كېلىپ، قىزىلى - قىزىل، ئېقى - ئاق، بويلىرى ئەۋرىشىم، مېڭىشلىرى خىيالچان بوپتۇ. . . . . .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئوردا ئەھلىنى ئېلىپ شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. يىگىتنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپتۇ: ئۇلار شۇ كۈنى كەچتە، چەت بىر قورغان شەھرىدە دەم ئېلىپتۇ. شۇ يەردە قۇنۇپ قاپتۇ. كېچىسى پادىشاھ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە قاپ - قارا بىر نەرسە «گۇپ» قىلىپ پادىشاھنى بېسىۋاپتۇ. ئارقىدىن يەر يېرىلىپتۇ. ھېلىقى قارا نەرسە پادىشاھنى شۇ كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر يار ئىچىگە ئىتتىرىۋاتقۇدەك. پادىشاھ قاتتىق قورقۇپ، ۋارقىراپ ئويغۇنۇپتۇ. پادىشاھ تاڭ سەھەردە ئوردا ئەھلىنى چاقىرىپ ھېلىقى چۈشىگە تەبىر سوراپتۇ. ھېچكىم زۇۋان سۈرەلمەپتۇ.
_ ئى نائىنساپ نان قېپىلار! - دەپتۇ - پادىشاھ، - سىلەر بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدىڭلار، ئەتىدىن باشلاپ ھەممىڭلارنى ساپانغا قاتتۇرۇپ يەر ئاغدۇرىمەن! - شاھنىڭ غەزىپىدىن ھەممىنى سۈر بېسىپتۇ. ھېچكىمنىڭ گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتمەپتۇ. يىگىت پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىنى ئويلاپ، ئېتىنى يوقلىغىلى چىقسا ئېتى ئوقۇردىكى بوغۇزىنىمۇ يېمەي تۇرغۇدەك. يىگىت ئېتىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلاپتۇ.
_ ئەي يىگىت، دەپتۇ ئات يەنە زۇۋانغا كېلىپ، - پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىرنى ھېلىقى ئاغمىخاندىن سورا، دانىشمەنلەرنى قۇتقۇزۇۋال.
يىگىت تۈكنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئاغمىخان شۇ زامان پەيدا بوپتۇ:
_ ئەي مېھرىبان يىگىت! ئېيت، ماڭا قانداق ھاجىتىڭ چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. ئاغمىخان:
_ ئەي يىگىت! پادىشاھنىڭ چۈشىنىڭ تەبىرى شۇكى، ھېلىقى قاپ - قارا نەرسە بۇ كېچە ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەششەتلىك قارا بوراننىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. يەرنىڭ يېرىلىشى بولسا، ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەھەردە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر دەرھال بۇ يەردىن قوزغىلىپ كەتمىسە قۇم بېسىۋالدۇ، دېگەننىڭ ئالامىتىدۇر، - دەپتۇ.
يىگىت رەھمەت ئېيتىپ، پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرىپ چۈشنىڭ تەبىرىنى بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ دەرھال قۇبۇل قىپتۇ. پادىشاھ، يىگىت بەرگەن تەبىرلەرگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قاپتۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەرگە دەرھال كۆچۈشكە پەرمان بېرىپتۇ، راست دېگەندەك كېچە قاتتىق، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك قارا بوران چىقىپتۇ. ئەتىسى بوران پەسەيگەندە، ئەۋەتكەن ئادەملەر ھېلىقى شەھەرنىڭ ئورنىدا ئىنتايىن زور، ئاسمان - پەلەك قۇم دۆۋىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى ئەتراپىدا نە دەرەخ، نە ئۆستەڭ، نە ئۆيدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ كەپتۇ.
پادىشاھ چەكسىز ھەيران قېلىپ ھەم خوشال بولۇپ، دەرھال ئوردا ئەھلىنى چاقىرتىپتۇ. يىگىتنىڭ دانىشمەنلىكىنى ماختاپتۇ. ئۆز قولى بىلەن ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن ھەشەمەتلىك تون يېپىپتۇ ھەمدە ئون مىڭ تىللا ئىنئام قىپتۇ. ئوردا ئەھلىمۇ يىگىتكە چىڭ يۈرىگىدىن ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مەلىكە يىگىتكە بىر ئالتۇن كەمەر سوۋغا قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. يىگىتنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئېشىپتۇ.
بۇ ۋەقە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ يۇرتنىڭ بېشىغا يەنە بىر پالاكەت چۈشۈپتۇ: ئوردا شەھرىنىڭ يېنىدىن ئېقىلپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ سۈيى تۇيۇقسىز تارتىلىپ كېتىپتۇ. دالا ئوت - چۆپسىز، دەرەخلەر يۇپۇرماقسىز، قۇشلار دانسىز، كىشىلەر نانسىز قېچىشقا باشلاپتۇ.قىلىمىغان ئامال قالماپتۇ. لېكىن دەششەتلىك قۇرغاقچىلىق تۈگۈمەپتۇ. پادىشاھ توپ - توپ يىگىتلەرنى دەريانىڭ بېشىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ھېچقايسىسى قايتماپتۇ. قۇرغاقچىلىق بولسا، ئەل - يۇرتنىڭ يىلىگىنى قۇرۇتۇشقا باشلاپتۇ. يىگىت بىر كۈنى يۇرتىنىڭ قايغۇسىدا ئېتىنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئات:
_ بىز دەريانىڭ بېشىغا بېرىپ باقايلى، - دەپتۇ.
يىگىت شاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئېتىنى مىنىپ دەريا بويلاپ مېڭىپتۇ. دەريانىڭ بېشىغا يېقىنلاشقانسېرى جاپا- مۇشەققەتمۇ شۇنچە كۆپ بوپتۇ. يىگىت بېرىپ قارىسا سۇنىڭ يولىنى يوغان بىر ئەجدىھا توساپ يېتىپتۇ. يىگىت ئېتىنى قويۇپ، قىلىچىنى يالىڭاچلاپ بىر نەرە تارتقان ئىكەن، ئەجدىھا ئويغىنىپ:
_ ئەي ئادىمىزات! سەن ماڭا ئەلچى بولۇپ كەلدىڭمۇ؟ - دەپتۇ. يىگىت:
_ مەن سەن ئۈچۈن نېمىگە ئەلچى بولىمەن؟ -دەپ سوراپتۇ.
_ سەن، - دەپتۇ ئەجدىھا، - پادىشاھىڭغا بېرىپ ئېيت، ھەريىلى دەل مۇشۇ چاغدا ماڭا ئوتتۇز تۆگە، ئوتتۇز قوتاز، ئوتتۇز ئات، ئوتتۇز كالا، ئوتتۇز قوي، ئوتتۇز ئۆچكە، ئوتتۇز قىز ئەكىلىپ بەرسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمىسە گۈزەل يۇرتۇڭنى سۇسىز قويۇپ، قۇرۇتىۋېتىمەن!
يىگىت ناھايىتى قاتتىق غەزەپكە كەپتۇ.
_ ئەي ئەجدىھا! مۇبادا مەن سېنىڭ خىزمەتكارىڭ بولسام يۇرتۇمنىڭ دەريالىرى ماڭا سۈيىنى ئىچكۈزمەيدۇ، مېۋىلىرى ئۆزىنى يىگۈزمەيدۇ. قۇشلىرى ماڭا سايراپ بەرمەيدۇ. تۇپراقلىرى ئۆلگەندە ماڭا قۇينىنى ئاچمايدۇ. ئەۋلاتلىرىم تاكى زامان ئاخىر بولغۇچە ماڭا لەنەت ئوقۇيدۇ! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
_ مانا ئەمىسە كۆر، - دەپتۇ ئەجدىھا قاتتىق غەزەپكە كېلىپ ۋە يىگىتنى شوراپتۇ. يىگىت ئۆتكۈر ئىككى شەمشەرنى توغرا تۇتقان پېتىچە ئەجدىھانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بىر سائەتتىن كېيىن يىگىت ئەجدىھانىڭ ئاخىرىسىدىن چىقىپتۇ. ئەجدىھا ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. يىگىت ئەجدىھانىڭ بېشىنى كېسىپ، ئېتىغا مىنىپ سۇ بىلەن تەڭ ئوردا شەھرىگە كىرىپ كەپتۇ . . . ئەجدىھا بېشىنى قاشتېشى، ئالتۇندىن ياسالغان ھەشەمەتلىك تەخىتتە ئولتۇرغان شاھنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئىززەت - ئىكرام بىلەن قويۇپتۇ. شاھ تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئاپتۇ. يىگىتنىڭ پېشانىسىگە ئاتىلىق مىھرى بىلەن سۆيۈپ قويۇپتۇ ھەمدە يىگىتنى ئۆزىگە سول قول ۋەزىر قىلغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ئوردا ئەھلىدىن تاكى ئاددىي پۇقراغىچە يىگىتنى قىزغىن تەبرىكلەپتۇ. پادىشاھ داغدۇغىلىق زىياپەتتىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىرىگە:
_ ئەمدى توينى قىلىۋەتسەك قانداق؟ - دەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر:
_ ئى پادىشاھىم، ئالدى بىلەن يىگىتنى چاقىرساق، سورايدىغان بىر گېپىم چىقىپ قالدى. شۇنى سورىۋېلىپ ئاندىن گېپىڭىزگە ئۇچۇر قىلسام، - دەپتۇ. شاھ يىگىتنى چاقىرىپتۇ. يىگىت ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئولتۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ۋەزىر:
_ ئەي يىگىت! سىز ئەجدىھانىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ مەن كىچىك چېغىمدا «يۇرت قوغىمىغان ئۆلەر» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆتكەندە ئۆزلىرىنىڭ «يۇرتى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن سۆزىنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم. شۇڭا ئەل - يۇرتنىڭ خىزمىتىنى قىلىش يولىدا ئۆلۈمدىن قورقۇش كەمىنىلىرىگە يات! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
يارايسەن ئوغلۇم! - دەپتۇ ۋەزىر يىگىتنىڭ سۆزىدىن ھاياجانلىنىپ، يىگىتكە ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىر:
_ ئى ئۇلۇغ شاھىم، بىزنىڭ مۇبارەك يۇرتىمىز يەنە بىر ئۆچمەس چىراققا ئىگە بولدى. توينى ئەمدى قىلايلى، - دەپتۇ.
توينىڭ تەييارلىقى جىددىي باشلىنىپ كېتىپتۇ. يىگىتكە يىپ - يېڭى ھەيۋەتلىك ساراي سېلىنىشقا باشلاپتۇ. دەل مۇشۇ كۈنلەردە شەھەرگە يېغىلىق كەپتۇ. ئوردىدا غۇلغۇلا پەيدا بوپتۇ. مەنسەپتىن قالدۇرۇلغان سابىق سول قول ۋەزىر تەرەپتىكىلەر سۈلھى قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر تەرەپتىكىلەر دۈشمەنگە قەتئىي قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپتۇ. پادىشاھنىڭ بولسا بېشى قېتىپتۇ.
يىگىت، يوشۇرۇنچە شەھەر سىرتىغا چىقىپ سۇمرۇغنىڭ تۈكچىلىرىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، قۇش دەرھال يېتىپ كېلىپ:
_ ئەي مېھرىبان يىگىت! ئېيت، قېنى،سېنىڭ بېشىڭغا قانداق كۈن چۈشتى؟ - دەپتۇ. يىگىت ئەھۋالنى بايان قىپتۇ ۋە دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۆرۈپ كېلىش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. سۇمرۇغ:
_ قېنى ئۇنداق بولسا، ئۈستۈمگە مىن، - دەپتۇ. يىگىت سۇمرۇغنىڭ ئۈستىگە مىنىپ غەرب تەرەپكە ئۇچۇپتۇ. كەنتلەردىن، دەريا - سۇلاردىن ئۆتۈپ، شەھەرلەردىن ئۆتۈپ پايانسىز چۆلگە چىقىپتۇ. سۇمرۇغ:
_ ئەي يىگىت، مۇشۇ چۆلنىڭ ئىچىدە، ئەمدى پەسرەك ئۇچىمەن سەگەكرەك بول! - دەپتۇ. يىگىت قارىسا دۈشمەن ئەسكەرلىرى پۈتۈن چۆلنى چۈمۈلىدەك قاپلىغان ئىكەن. بارگاھلار بولسا سانجاق - سانجاق تۇرغىدەك. يىگىت دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ بىرىنچىدىن سانى كۆپلۈكىنى، ئىككىنچىدىن ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ خىللىقىنى، ئۈچىنچىدىن ئوقيالىرىنىڭ ئالامەت يوغان، ئوقلىرىنىڭ ئۇزۇنغا بارىدىغان ئوقلار ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. يىگىت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشنى، دۈشمەن ئەھۋالىنى پادىشاھقا ۋە ئوردا ئەھلىگە بايان قىپتۇ. تالاش - تارتىشلار بوپتۇ. سۈلھى تەرەپدارلىرى:
_ بۇنداق دۈشمەننى قىلىچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سوۋغات ھەم ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، يۇرتىمىزنى تاپشۇرۇپ، بېشىمىزنى تۆۋەن سالغىنىمىز تۈزۈك، - دېيىشىپتۇ.
_ بولمايدۇ! - دەپتۇ يىگىت قەتئىي قىلىپ، - بۇ دۈشمەنلەر بىزنىڭ سوۋغات، ئىززەت - ئىكراملىرىمىزغا قانائەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلار يۇرتىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى قۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا دۈشمەن ئۈستىگە ئاتلانماق كېرەك.
پادىشاھ يىگىتكە ئەسكەر تارتىشقا پەرمان بېرىپتۇ. يىگىت ئاتلىنىپتۇ ۋە دۈشمەن بارگاھىنىڭ ئۇدۇلىغا بارگاھ تىكىپتۇ. ئەل ئايىغى بېسىققاندا يىگىت ئاغمىخان تۈكلىرىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئاغمىخان دەرھال پەيدا بوپتۇ.
_ ئەي يىگىت، - دەپتۇ ئاغمىخان، - بىزگە يەنە قانداق ھاجىتىڭ چۈشتى؟
يىگىت ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. ئاغمىخان:
_ بىز ھازىردىن باشلاپ دۈشمەنلەرنىڭ چىشلەپ، قىرىپ ئۈزۈۋېتىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىنى كاردىن چىقىرىمىز. بىزمۇ سېنىڭ يۇرتۇڭدىكى ئاغمىخانلارمىز، سېنىڭ دۈشمىنىڭ بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىز، سېنىڭ قايغۇڭ بىزنىڭمۇ قايغۇمىز، مەن سېنىڭ ئىشىڭغا ئاز بولسىمۇ ياردەم بېرىمەن، سەن ئەتە تاڭ سۈزۈلىشى بىلەنلا غالىبىيەت بايرىغىڭنى كۆتەر، - دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
يىگىت ئەسكەرلىرىنى پۇختىلىق بىلەن جەڭگە تەييارلاپتۇ. تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن يىگىت ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە ئاتلىنىپتۇ. دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئاتلىرىنى تاسما، بەلۋاغلىرى، ئوقيالىرىنىڭ يىپلىرى تامام غاجىلىنىپ، ئۈزۈلۈپ، تۈگىشىپ كەتكەنلىكتىن، جەڭگە دەرھال ئاتلىنالماي، پاتپاراق بولۇپ كېتىپتۇ. يىگىت ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە بوراندەك يېتىپ بېرىپ، دۈشمەنلەرنى تېرى - پېرەڭ قىلىۋېتىپتۇ. كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندا يىگىت ئۇرۇش مەيدانىنى يېغىشتۇرۇشقا پەرمان بېرىپتۇ. ھەددى - ھېسابسىز مال - دۇنيا، قورال - ياراق، ئېسىل ئاتلارنى غەنىمەت ئالغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپتۇ. ئەسىرلەرنى ھەيدەپ كەلگەن ئەزىمەتلەردىن بىرسى ئەسىرلەرنى قاتار تۇرغۇزۇپ قويۇپ:
_ ئەي باسقۇنچىلار! غالىپ قۇشۇنىمىزنىڭ سەركەردىسىگە باش ئېگىش! - دەپتۇ. يىگىت شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، بۇ ئەزىمەت دەل يىگىتنىڭ بولغۇسى خوتۇنى - شاھنىڭ ئارزۇلۇق مەلىكىسى ئىكەن.
_ سىز قاچاندىن تارتىپ بىز بىلەن بىللە؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
_ تۈنۈگۈن چۈشتىن تارتىپ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەلىكە.
_ ئاتىڭىز رۇخسەت قىلدىمۇ؟ - دەپتۇ يىگىت.
_ يۇرت قوغداشقا رۇخسەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپتۇ مەلىكە. يىگىت مەلىكىنىڭ جاۋابىدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپتۇ ھەمدە ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ئوردا شەھرىگە راۋان بوپتۇ.
پادىشاھ ۋە ئوردا شەھرىدىكى كىشىلەر يىگىتنى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەنتەنە بىلەن قارشى ئاپتۇ. راۋاق ئالدىغا بارغاندا پادىشاھ ئىشارەت قىپتۇ. پۈتۈن ئوردا ئەھلى ھەم كىشىلەر يىگىتنىڭ ئالدىدا يۇرتنىڭ مۇبارەك توپىسىنى سۆيۈپتۇ.
يىگىت دۈشمەن بايراقلىرىنىم، ئەسىر ئېلىنغان دۈشمەن باشلىقىلىرىنى راۋاق تېگىگە تاشلاپتۇ. شاھ دۈشمەن بايراقلىرىنى دەسسەپ يىگىتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قىزى بىلەن بىرلىكتە راۋاق ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى يىگىتكە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، شۇ مەيداندىلا مۇراسىم ئۆتكۈزىلىپتۇ.
يىگىت پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىشقا باشلىغان بىر سودىگەر كىرىپ:
_ داد! ئەي شەۋكەتلىك شاھ! - دەپ تىز پۈكۈپتۇ. يىگىت قارىغۇدەك بولسا ئۆزىنىڭ ئەزىز دادىسى ئىكەن. ئەمما يىگىت تۇنۇشلۇق بەرمەي تۇرۇپ:
_ قېنى سودىگەر. دەردىڭىزنى بايان قىلىڭ! - دەپتۇ.
_ مەن سادىق پۇقرالىرى بولىمەن، مەن ھىندى - ئاۋغان تەرەپكە مال ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدىم، - دەپتۇسودىگەر، - سەپەردە بەختسىزلىك يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇمنى ئىزلەپ ھايال بولۇپ قالدىم. ئارقىسىدىن ئۇزاققىچە ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم. ئايالىم بىر يىل بۇرۇن مېنى ئۆلدىگە چىقىرىپ، ماتەم تۇتۇپ، باشقا ئەرگە تېگىۋاپتۇ. مېنىڭ سارايلىرىم، ئۆمۈر بويى يىغقان مال - دۇنيالىرىمغا بىر نائىنساپ ئىگىدارچىلىق قىپتۇ.
_ تەلىۋىڭىز نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت دادىسىنىڭ غەزەپتىن گەپ قىلالماي قالغانىلىقىنى كۆرۈپ:
_ ئاجىز قۇللىرىنىڭ تەلىپى، - دەپتۇ سودىگەر، - مېنىڭ بىردىن - بىر كۆز نۇرۇم ئوغلۇم شۇ جادۇگەر خوتۇننىڭ كاساپىتىدىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇنى ئىزلەپ بارمىغان يەرلىرىم قالمىدى. شۇ ئوغلۇمنىڭ ئىز - دېرىكىنى بىر ئۇقۇش مۇمكىن بولسا ھەمدە بارلىق مال - مۈلۈكلىرىم قۇلۇمغا ئېلىپ بېرىلسىكەن.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا! - دەپتۇ يىگىت تەخىتتىن چۈشۈپ، - مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىزمەن!
سودىگەر ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. يىگىت دادىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ شاھانە تەخت ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. سودىگەر بولسا شاتلىق ياشىلىرى بىلەن ساقاللىرىنى يۇيۇپتۇ. يىگىت ئانىسىنى ۋە ئۇنىڭ تېگىۋالغان ئېرىنىمۇ قوشۇپ ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ ۋە دادىسىغا:
_ قېنى، دادا بۇنىڭغا ئۆزىڭىز بىرنېمە دەڭ! - دەپتۇ. دادىسى:
_ ئى ئوغلۇم، مەن گەرچە دادا بولساممۇ، سەن بىر شاھسەن. يۇرتنىڭ ئاتىسى سەن. مېنى بۇنچىلىك ئىززەت قىلىغىنىڭغا خۇدا رەھمەت قىلسۇن! بۇلارغا يۇرت قانۇنى بويىچە ھۆكۈم قىلغايسەن! - دەپتۇ. يىگىت؛
_ بۇ ئىككىسى سارايلارنى، ئالتۇنلارنى، رەھمەتلىك ئانام ۋە بوۋامنىڭ خاتىرە بۇيۇم - يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرسۇن، قالغانلىرى بولسا ئۆزلىرىدە قالسۇن. ئۇلارغا ھېچكىم دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمىسۇن! - دەپ ئەمىر قىپتۇ. يىگىتنىڭ بۇ ئادىل ھۆكۈمىگە ھەممە قايىل بوپتۇ. ئارقىدىنلا غەلبە شاتلىقى بىلەن توينى باشلىۋېتىپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز شۇنداق توي بولۇپتۇكى، تارىختا ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇنداق توي بولۇپ باقمىغان ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ ئاتا - بالا جەم بوپتۇ. يىگىت يۇرتنى ئادىل سوراپتۇ. خەلق - ئەل مۇراد - مەقسىدىگە يېتىپتۇ.