UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانىشمەن قىز

دانىشمەن قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر كەمبەغەل دېھقاننىڭ يالغۇز قىزى بولغانىكەن. قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، خۇددى بىر پەرىزات ئىكەن. ئۇنىڭ ھۈسىن - جامالى دادىسىنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەندىشىگە سېلىپ قويۇپتۇ.دېگەندەكلا ، بۇ قىزنىڭ چىرايلىقلىقىنى ئاڭلىغان پادىشاھ بىر كۈنى دېھقاننى ئوردىسىغا قىچقىرىپ، قىزىنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا بېرىشنى ئېيتىپتۇ. دېھقان پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن قايتىپ كېلىپ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. قىزى دادىسىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى سوراپتۇ. دادىسى «ئېيتساممۇ - ئېيتمىساممۇ دەرد» دەپ ئويلاپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئۇنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ جاۋاب بەرمەي، ئۈچ كۈن مۇددەت سورىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ: _ قىزىم، سېنى بەرمىسەم، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. بېرەي دېسەم، سەن بەخىتسىز بولىسەن، _ دەپ ئۇنى باغىرىغا بېسىپ زار - زار يىغلاپ كېتىپتۇ. قىز ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن، دادىسىغا تەسەللى بېرىپ: _ بۇ ئىشنى ئۆزۈمگە قويۇڭ، ئوردىغا بارماي تۇرۇپ، پادىشاھتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلالايمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ دادىسى قىزىنىڭ سۆزىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي«خۇدادىن كەلگىنىنى كۆرەرمەن» دەپ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ ئەلچىلىرى كەلگەندە قىزنىڭ دادىسى: _ بۇ ئىشنى قىزىم بىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈڭلار، - دەپ قىزىنى چاقىرىپ بېرىپ، ئۆزى چىقىپ كېتىپتۇ. ئەلچىلەرگە قىز قوبۇل كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەلچىلەر قىزدىن خۇشال بولغان ھالدا توتلۇقنى سورىغاندا، قىز مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ: _ ئالدى بىلەن مېنىڭ بىر سوئالىم بار، سوراشقا بولارمىكىن؟ شۇنىڭغا جاۋاب بېرىشسىلە مەن تويلۇقنى ئېيتاي، - دەپتۇ. ئەلچىلەر سوراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، قىز : پادىشاھنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ۋە قانچە نۆۋەت ئۆيلەنگەنلىكىنى سورىغانىكەن، ئەلچىلەر ھېچ ئويلانماستىنلا: _ پادىشاھ 70 ياشتا. ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانىسا بىلگىلى بولار، لېكىن پادىشاھنىڭ قانچە خوتۇن ئالغانلىقىنى ساناپ تۈگەتلىكىلى بولمايدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قىز ھېچبىر ھودۇقماستىن: _ ئۇنداق بولسا، مېنېڭ تويلۇقۇم 20 بۆرە، 30 قاپلان، 40 ئارسلان،60 ئاختا، 70 جىڭ پاختا ۋە 80 تاختا بولسۇن، مۇشۇلار قاچان تەييارلانسا شۇ ۋاقىتتا توي باشلانسۇن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەلچىلەر «ئاق ياكى كۆك» دېيەلمەي قايتىپتۇ. پادىشاھ پۈتۈن ۋەزىرلىرىنى يىغىپ: _ قىزنىڭ سالغان تويلۇقىنى قانداق قىلىپ تەييارلايمىز؟ - دەپ سوراپتۇ، ۋەزىرلەر قىزنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: _ تۇخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال دېگەندەك، بۇ تىجمەلنىڭ قىزى ساراڭ بولسا كېرەك، خىيالىغا كەلگىنى جۆيلۈپتۇ، - دەپ پادىشاھقا خۇشامەت قىپتۇ. ئاندىن يەنە پادىشاھقا، - جانابىي ئالىيلىرىنىڭ بىر كېچىلىك لەززىتى ئۈچۈن بۇ قانچلىك نېمىتى. پەرمان بولسا مۇنداق قىلساق، - دەپ تاغدىكى چارۋىچىلارغا 20 بۆرە، 30 قاپلان،40 ئارسلاننى بەش كۈندە تەييارلاشنى بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلىقىنى، 60 ئاختا بولسا، ئاتخانىدا تەييار ئىكەنلىكىنى،70 جىڭ پاختىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى، 80 تاختىنى ياغاچچىلار غا بىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تەييارلايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى توغرا تېپىپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇ ۋاقىتتا بىر مەدىكار پېشايۋان ئالدىنى سۈپۈرۈپ تۇرۇپ ھېلىقى سۆزلەرنىڭ ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ ھەم ۋەزىرلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكىدىن ھەيران قېلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي قاتتىق كۈلۈپ تاشلاپتۇ. پادىشاھ ئاڭلاپ قېلىپ دېرىزىدىن قارىسا مەدىكار يالغۇز، ھېچمنېمىدىن - ھېچنېمە يوق كۈلۈپ تۇرغۇدەك.پادىشاھ «بۇ كۈلكىدە بىر سىر بولۇشى كېرەك» دەپ ئويلاپ ، مەدىكارنى ئالدىغا چاقىرىپ، نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىنى سورىغانىكەن، مەدىكار: «ئۆزۈمچىلا» دەپ راستنى ئېيتماپتۇ. پادىشاھ تېخىمۇ قىزىقىپ تېرە تاراقلىتىپ كۆرسىمۇ بىر نەتىجە چىقماپتۇ. ئاخىر غەزەپكە كېلىپ جاللاتنى چاقىرىپ، كۈلۈشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرمىسە، چېچىشنى بۇيرۇپتۇ. مەدىكار ئىشنىڭ يامان يەرگە يەتكەنلىكىنى بىلىپ: _ بىر قۇشۇق قېنىمدىن كەچسىلە ئېيتىپ بېرەي، - دەپتۇ. پادىشاھ: «كەچتىم» دېگەندىن كېيىن، كۈلۈشنىڭ سەۋەبىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ مۇنداق دەپتۇ: _ قىزنىڭ تويلۇقى ھەققىدىكى سىلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكىڭلاردىن كۈلدۈم. قىزنىڭ 20 بۆرە دېگىنى، ئادەم بالسى 20 ياشقا تولغاندا چەبدەس؛ 30 قاپلان دېگىنى، 30 قاپلان دېگىنى 30 ياشقا تولغاندا قاپلاندەك كۈچلۈك؛ 40 ئارسلان دېگىنى؛40 ياشقا تولغاندا ئارسلاندەك ھەيۋەتلىك بولىدۇ ، لېكىن، 60 ياشقا تولغانداخۇددى ئاختا ئاتقا ئوخشاش، 70 ياشتا پاختىدەك بوشىشىپ قالىدۇ، ئەمدى 80ياشقا توشقاندا ئادەم تاختا تەلەپ قىلىدۇ، يەنى جىنازا كۈتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، 70 ياشقا كىرگەن پادىشاھ مەندەك قىزلارنى ئالىمەن دېمەي، ئەمدى قاچان جىنازا كېلەركىن، دەپ شۇنى كۈتسۇن، پادىشاھقا ھازىر قىز ئەمەس، بەلكى تاختا كېرەك دېگىنى. مانا بۇنىڭدىن، ھەر قايسىلىرى ناتوغرا پىكىر قىلىپ ئىشقا كىرىشكەنلىرى ئۈچۈن كۈلدۈم، - دەپ يەنە كۈلۈپتۇ. پادىشاھ ئويلىسا راست. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەر ئالاقىزادە بولۇپ، ھوش - كاللىسىنى يوقىتىپتۇ، پادىشاھ بولسا، قىزنىڭ ئۆتكۈر ۋە قاقشاتقۇچ پىكرى ئاستىدا ھوشىدىن كېتىپ ئوڭلىنالماي ئۆلۈپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇ ئۆلۈمى پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىپتۇ. قىزنىڭ شۆھىرىتى ئېشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق بۇ قىزنى «دانىشمەن قىز » دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق