UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقموماي بىلەن بۆرى

موماي بىلەن بۆرى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر موماي بولغانىكەن. ئۇ يېزىنىڭ چەت بىر يېرىدىكى ئېرىدىن قالغان كۈزلەكتە يالغۇز ياشايدىكەن. موماينىڭ بارى - يۇقى بىرلا قوزىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا توخۇ، ئىت چاغلىق نەرسىسىمۇ يوق ئىكەن. شۇ قوزىسى بىلەن مەلىكە بولۇپ، ئۇزۇن كۈنلەرنى قىسقارتىپ، كۆڭۈلسىز چاغلىرىنى خۇشال قىلىپ يۈرىدىكەن. موماي قۇزىسىنى تاغنىڭ ئاياغ بېسىلمىغان جايلىرىدىكى ئەڭ مەيىن ئوتلاردىن، ئەڭ سۈزۈك ۋە سالقىن بۇلاق سۇلىرىدىن ئەكىلىپ باقىدىكەن، ئەتىسى - ئاخشىمى ئۆزى بىلەن ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىكەن. موماي تاغقا ئوت ئەكىلىشكە ماڭغاندا «ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋالغىن، مەن كەلمەي تۇرۇپ تالا - تۈزگە چىقمىغىن، ئىشىكنى مېنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىپ بەرمىگىن» دەپ قوزىسىنى ئۆينىڭ ئىچىدە قالدۇرۇپ كېتىدىكەن. موماي تاغنىڭ ئاياغ بېسىلمىغان جايىرىدىكى ياپيېشىل ۋە ئەڭ يۇمشاق ئوتلارنىڭ ئۇچ - ئۇچلىرىدىن تېرىۋېلىپ قاپقا سالىدىكەن، سالىقىن ۋە ئەڭ سۈزۈك بۇلاق سۈيىدىن بىر كومزەككە ئالدىكەن، كۈن چۈشتىن ئېگىلگەن چاغلاردا قايتىپ كېلىدىكەن - دە: «تۇر - تۇر قوزام، تۇر تۇر، ئوتنىڭ ئۇچىنى ئەكەلدىم. تۇر - تۇر قوزام، تۇر - تۇر، سۇنىڭ سۈزۈكىنى ئەكەلدىم.» دەيدىكەن. قوزا موماينىڭ بۇ شەرتلىك چاقىرىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشكىنى ئاچىدىكەن ۋە موماينىڭ ئېلىپ كەلگەن ئوتلىرىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىدىكەن. شۇندىن كېيىن موماي ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ سەيلە قىلىدىكەن. بۇ قوزىغا كۆپتىن بېرى بىر بۆرىنىڭ كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى يىيىشنىڭ قەستىدە بولسىمۇ لېكىن يېيىشنىڭ ئېپىنى تاپالماي يۈرىدىكەن، چۈنكى ئۇ قوزا ئەتە - ئاخشىمى مومايدىن زادىلا ئايرىلمايدىكەن، كۈندۈزلىرى موماي تاغقا كەتكەندە بولسا، ئۆيدىن تاشقىرىغا چىقمايدىكەن. موماي تاغقا كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۆرى قوزىنىڭ ئۆيدىن چىقىشىنى پايلاپ بىر بۈك تىكەن تۈۋىدە ئۇزاق ماراپ يېتىپتۇ. لېكىن قوزى چىقماپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن موماي قايتىپ كەپتۇ، بۆرى بولسا، ئەلەمدىن قۇرۇق ئاغزىنى كۆشەپ كېتىپ قاپتۇ. ئەتىسمۇ بۆرى موماي تاغقا كەتكەن ۋاقتىدا كېلىپ، يەنە ماراپ يېتىپتۇ، لېكىن بىرھازا كۈتۈپ يېتىپ، قوزى چىقمىغاندىن كېيىن ئاچچىقىدا ئۆينىڭ پەنجىرىگە كەپتۇ - دە، ئالداپ كۆرۈپتۇ، قورقىتىپ كۆرۈپتۇ، چىقىرالماپتۇ، پەنجىر ۋە ئىشىكلەرنى ئۇرۇپ كۆرۈپتۇ، ئىچكىرىگە كىرەلمەپتۇ. قوزا بولسا، ئۈن چىقارماي جىمجىت تۇرۇۋاپتۇ. شۇ ئارىدا يەنە موماي قايتىپ كەپتۇ - دە، بۆرى تېخىمۇ ئەلەم بىلەن «خەپ، سېنى توختا! » دەپ قېچىپ كېتىپتۇ . شۇندىن كېيىن بۆرى موماينىڭ ئىشىكنى نېمە دەپ ئاچۇرۇشىنى بىلىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. ئەتىسى موماينىڭ كېلىدىغان ۋاقىتىدا ئۆيگە يېقىن بىر دالدا يەرگە مۆكۈۋېلىپ، قۇلاق سېلىپ تۇرۇپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن موماي بىر قاپتا يۇمشاق ئوت، بىر كومزەكتە سۈزۈك سۇ كۆتۈرۈپ كېلىپ: «تۇر - تۇر قوزام، تۇر تۇر، ئوتنىڭ ئۇچىنى ئەكەلدىم. تۇر - تۇر قوزام، تۇر - تۇر، سۇنىڭ سۈزۈكىنى ئەكەلدىم.» دېگەندە ، قوزا ئىشىكنىڭ ئىلغىنى شاراققىدە ئېچىپ، موماينىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ ئەركىلەپ ئويناقلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن بۆرى كۆڭلىدە«ئەمدى تىلىڭنى بىلدىممۇ، قولۇمغا چۈشكىنىڭ چۈشكەن» دەپ كېتىپتۇ. بۆرى بىر جاڭگاللىققا بېرىپ تاڭ ئېتىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ، موماينىڭ ھېلىقى شەرتلىك سۆزلىرىنى يادلاپتۇ. تاڭ ئېتىپ كۈن چىقاردا موماي قاپ بىلەن كومزىكىنى كۆتۈرۈپ تاغقا كېتىپتۇ. بۆرى ئۆينىڭ ئەتراپىنى بىردەم ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ - دە، كېيىن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ: «تۇر - تۇر قوزام، تۇر تۇر، ئوتنىڭ ئۇچىنى ئەكەلدىم. تۇر - تۇر قوزام، تۇر - تۇر، سۇنىڭ سۈزۈكىنى ئەكەلدىم.» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قوزا بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەپتۇ. ئىشىكنى ئاچاي دېسە، بىرىنچىدىن موماينىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمىغۇدەك، ئىككىنچىدىن، موماينىڭ كېلىدىغان ۋاقتى ئەمەس، تېخى ئەتىگەن. ئاچماي دېسە، بەلكى موماي يېقىن يەرگە بېرىپلا ئالدىراپ قايتىپ كەلدىمىكىن، ئىلدام مېڭىپ كەلگەنلىكتىن ھاسىراپ ئاۋازى ئۆزگىرىپ قالدىمىكىن، دەپ ئىككى خىيالدا قېلىپ تۇرغاندا، بۆرى يەنى ھېلىقى شەرتلىك سۆزلەرنى يەنە تەكرارلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قوزا تەۋەككۈل دەپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ - دە، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆزى ئىشىكنى كەينىگە مۆكۈپتۇ. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا ئۆيگە ئوقتەك ئېتىلىپ كىرگەن بۆرى قوزىنى كۆرمەي قاپتۇ، بىراق كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرغان ئاچ بۆرىنى كۆرگەن بىچارە قوزا قورققىنىدىن ۋارقىرىۋېتىپتۇ. شۇ چاغدا بۆرى قوزىنى بىر چىشلەپ بېسىپتۇ - دە، يەپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن موماي كەلسە ئىشىك ئوچۇق تۇرغۇدەك، ئۆيگە كىرسە قوزىسىنىڭ پەقەت ئۇستىخانلىرىلا قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن موماي « ئاھ» دەپتۇ - دە، لېۋىنى چىشلەپتۇ، «سەن بۆرىگە بىر كۆرسەتمىسەم، توختا!» دېگەن ئوينى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. بىركۈنى بېرىپ يەنە بىر قوزا سېتىپ كەپتۇ. بىركۈنى موماي بوسۇغىسىنىڭ تۈۋىنى چوڭقۇر ئورا قىلىپ كولاپتۇ. تونۇرغا ناھايىتى كۆپ كۈكۈن يېقىپ، ئۇنىڭ قوقاسلىرنى ھېلىقى كولىغان ئورىغا تۆكۈپتۇ - دە، ئۈستىنى بوش قىلىپ، بىلىندۈرمەي يېپىپ قويۇپتۇ. ئۆزى قاپ بىلەن كومزەكنى كۆتۈرۈپ تاغقا ماڭغان بولۇپ كېتىپتۇ - دە، ئاستاغنا قايتىپ كېلىپ، ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن بۆرى موماينى كېتىپ قالدى دەپ ئويلاپ، بۇ قۇزىنىمۇ يېمەكچى بولۇپ كەپتۇۋە: «تۇر - تۇر قوزام، تۇر - تۇر» دەپ ئىشىككە يېقىنلىشىشى بىلەنلا پالاققىدە قىلىپ ئورىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭدىكى قوقاسقا ئوتلىنىپ ئاۋازىنىڭ بارىچە چىر قىراپتۇ. شۇ چاغدا موماي چىقىپ: «ھە، قوزا يېگەندە مەززە قىلغان بولىيتىتىڭ، ئەمدى ئۇنىڭ جازاسىنىمۇ تارتىپ كۆرگىن !» دەپ كۈلۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۆرى قوزىغا قەست قىلىمەن دەپ ئاخىر ئۆزى قوقاستا كۆيۈپ ئۆلۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق