ئالتۇن كوكۇللۇق بالا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر كەمبەغەلنىڭ شانىياز دېگەن يالغۇز ئوغلى بولغانىكەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغاندىن كېيىن ھەر كىملەرنىڭ مېلىنى بېقىپ، سۈيىنى توشۇپ، ھويلىلىىرنى سۈپۈرۈپ كۈن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى شانىياز تونۇر بېشىدا يېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە چوڭ بىر دەريادا نۇرغۇن قىزلار چۆمۈلۈپ، بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئويناپ يۈرگۈدەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇر بۈۋى دېگەن چىرايلىق بىر قىز بۇ بالىغا قاراپ كۈلگۈدەك - تە، سۇ چېچىپ قاچقۇدەك. شانىياز ئۇنى قوغلايمەن دەپ تەمشەلسىمۇ، ئورنىدىن قوزغىلالمىغۇدك. ئاخىر چېچىلغان سۇدىن ئەندىكىپ ئويغانسا قاپقاراڭغۇ كېچە، يېنىدا ھېچكىم يوق، شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتقانىكەن. شانىياز >ئاھ، چۈشۈم ئىكەن!< دەپتۇ - دە، شۇندىن باشلاپ چۈشىدە كۆرگەن نۇربۈۋىگە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ، لېكىن ئۇ قىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قانداق تېپىشنى بىلمەپتۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىدە غايىبانە ئىسسىق مۇھەببەت ئوتى يېنىپتۇ، كېچە - كۈندۈز ئەس - ھوشى ئەنە شۇ قىزدا بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئىشقى - ئوتىدا شانىياز ئۆز شەھىرىنى تاشلاپ تەركىدۇنيا بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، شانىياز كۆپ دەريالار، نۇرغۇن تاغلار ۋە چەكسىز چۆللەرنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ، ئاخىر بىر چوڭ شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بۇ شەھەردە نېمە قىلىشنى بىلمەي شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بىر بۇلاقنىڭ بويىغا كېلىپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسا، بىر موماي ئىككى چېلەكنى كۆتۈرۈ سۇغا كېلىپ قاپتۇ. موماي شانىيازنىڭ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
- نېمىشقا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسەن بالام؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئارتۇقچە غەم - قايغۇ مېنى خىيالغا غەرق قىلماقتا، موما، دەپتۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ شانىياز:
- قانداق غەم - قايغۇ چۈشتى بالام؟ ياكى ئاتا - ئاناڭ قوغلىۋەتتىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ موماي.
- ياق موما، ئاتا - ئانام يوق، يېتىم بالىمەن. بۇ يەرگە تېنەپ كېلىپ قالدىم. تونۇش - بىلىشىم يوق، بېشىم گاڭگىراپ نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئولتۇرىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شانىياز.
- خىيال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئاۋارە قىلما بالام. مەن ساڭا ئانا بولاي، سەن ماڭا بالا بول، ئېغىرىڭنى يەر كۆتۈرەر، رىزقىڭنى خۇدا بېرەر بالام. جۈر مېنىڭ بىلەن، - دەپ موماي شانىيازنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇلار ئانا - بالا بولۇپ ناھايىتى ئىناق كۈن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. شانىياز موماينىڭ كالىلىرىنى بېقىپ، سۈيىنى توشۇپ يۈرۈپ خېلى كۆپ ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى شانىياز موماينىڭ كالىلىرىنى بېقىپ، دەريا بويىغا كېلىپ قاپتۇ، قارىسا نۇرغۇن قىزلار دەريادا چۆمۈلۈپ، بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئوينىشىپ يۈرگۈدەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىز شانىيازنىڭ كۆزىگە ناھايىتى ئىسسىق كۆرۈنۈپتۇ، ئۇ قىزنى قەيەردىدۇر بىر يەردە، قاچاندىدۇر بىر ۋاقىتتا كۆرگەندەكلا قىلغۇدەك، لېكىن زادىلا يادىغا ئالالماپتۇ. ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ئۇزاق قاراپ تۇرۇپتۇ.
شۇ ئارىدا قىزلارنىڭ بىرى ھېلىقى قىزغا قاراپ >نۇر بۈۋى!< دەپ ۋارقىراپ قاپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا شانىيازنىڭ يۈرىكى >شۇۋ< قىلىپ كېتىپتۇ. قارىسا چۈشىدە كۆرگەن ھېلىقى قىزنىڭ ئۆزى، >تاپتىم< دەپتۇ ئىچىدە شانىياز. شۇ زامان ئۇ بىر تال شاخنى شارتتىدە كېسىۋېلىپ نەي ياساپتۇ - دە، بىر تۈپ تالنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ چېلىشقا باشلاپتۇ. شانىياز نەينى شۇنداق مۇڭلۇق بىر مۇقامغا چېلىپتۇكى، ئۇنى ئاڭلىغان قىزلار تۇرغان جايلىرىدا قىمىرلىماي ھەيران بولۇپ قارىشىپ قاپتۇ. كېيىن ئۇلار دەررۇ سۇدىن چىقىپ كىيىملىرىنى كىيىشىپتۇ - دە، نەي ئاۋازى كەلگەن تەرەپكە قاراپ كېلىشىپتۇ ۋە تونۇش بولمىغان بۇ نەيچىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشۇپ نەينىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىغا غەرق بولۇشۇپتۇ. شانىياز بىردەم نەي چالغاندىن كېيىن كالىلىرىغا قارىماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغانىكەن، بېشى تالنىڭ شېخىغا تېگىپ دوپپىسى چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالتۇن كۇكۇلىسىنى ۋە نۇر يېغىپ تۇرغان جامالىنى كۆرگەن نۇر بۈۋى ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.
ئەتىسى شانىياز موماينىڭ بېغىدىن بىر دەستە گۈل ئېلىپ، ئۇنىڭ ئارىسىغا بىر پارچە خەت سېلىپ، يەنە كالىلىرىنى ھەيدەپ چىقىپتۇ. كۈن چۈشتىن ئېگىلگەندە ھېلىقى قىزلارمۇ چىقىپ ئويناپ - كۈلۈپ دەريادا سۇغا چۆمۈلۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا شانىياز قىزلار چۆمۈلۈۋاتقان جاينىڭ باش تەرىپىگە ئۆتۈپ قولىدىكى گۈلدەستىنى سۇغا ئېقىتىۋېتىپتۇ. نۇر بۈۋى ئېقىپ كېلىۋاتقان گۈلنى تۇتۇۋاپتۇ - دە، قارىسا ئارىسىدا بىر پارچە قەغەز تۇرغۇدەك، ئۇنى ئېچىپ قارىسا خەت ئوقۇپ كۆرسە ئىشقى - مۇھەببەت سۆزلىرى ئىكەن. >مېنىڭ كۆڭلۈمدە يانغان مۇھەببەت ئوتى ئۇ يىگىتنىڭمۇ كۆڭلىدە يېنىۋېتىپتۇ. ئىككىمىزنىڭ تىلىكى بىر ئىكەن. دېمەك، مۇرادقا يېتىش ئەمدى ئاسان< دەپ ئويلاپتۇ، لېكىن بۇنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەپتۇ. ئۇ كۈن شۇنداق ئۆتۈپتۇ.
يەنە بىر كۈنى دەريادا شۇنداق چۆمۈلۈپ ئويناپ يۈرگەندە، نۇر بۈۋى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى شېرىنخانغا سىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە:
- مەن ھازىر شۇ يىگىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېلىمەن، سىز قىزلارنى مېلىكە قىلىپ، مېنىڭ يوقلۇقۇمنى بىلىندۈرمەي تۇرۇڭ، - دەپ ئۆزى دەريانى تاشلاپ شانىيازنىڭ ئالدىغا كېتىپتۇ.
نۇر بۈۋى بىلەن شانىياز ئىككىسى ئۇزاق ئەگىشىپ، بىر - بىرىگە ئىشقى - مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىشىپتۇ، ئويناپ - كۈلۈشۈپتۇ. نۇ بۈۋى كېيىن ئاستا قايتىپ كېلىپ قىزلارغا قېتىلىۋاپتۇ، بۇنى ھېكىم سەزمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شانىياز بىلەن نۇر بۈۋى ئويناپ - كۈلۈپ بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى شانىياز بىلەن نۇر بۈۋى ئىككىسى دەريا بويىنى سەيلە قىلىپ يۈرگەندە شانىياز:
- ئىككىمىز بۇنداق يۈرۈپ ۋاقىتنى ئۆتكەزمەيلى، دەرھال ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرەيلى؟ - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ.
نۇر بۈۋى بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ:
- خوپ مەيلى، بىراق سىز ئاتا - ئانامنىڭ ئالدىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىڭ، - دەپتۇ.
شانىياز شۇ كۈنى ئاخشىمى تاماقتىن كېيىن مومىسىغا ئاستاغىنا دەپتۇ:
- موما، سىزگە چوڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئېيتىپ باقسام.
- خوپ بالام، سىزگە چوڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئېيتىپ باقسام.
- خوپ بالام، ھەر قانداق ئىلتىماسىڭ بولسا ماڭا ئېيتماي كىمگە ئېيتاتتىڭ، ئېيتقىن، - دەپتۇ موماي.
- ئەيىب كۆرمىسىڭىز موما، مەن نۇربۈۋىنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنىڭغا ئەلچىلىككە بېرىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىڭىز دېۋىدىم، - دەپتۇ شانىياز.
- ۋاي بالامەي، مەن بىر كەمبەغەل تۇل خوتۇن تۇرسام، سەن مېنىڭ قولۇمدا يۈرگەن بىر يېتىم بالا تۇرساڭ. نۇر بۈۋىنىڭ دادىسى باي، يۇرتنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى، بۇ ئىشىڭ بولمايدۇ بالام، قوي، نۇر بۈۋى توغرۇلۇق ئويلىما. >خىل - خىلى بىلەن، پىچاق قىنى بىلەن< دېگەن گەپ بار. مەن سېنى ئۆز خىلىڭنى تېپىپ ئۆيلەپ قوياي. ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ قىزىغا ئەلچىلىككە بارسام، ئۇلار نومۇس كۈچىدىن بىزنى ئامان قويمايدۇ، - دەپ باش تارتىپتۇ موماي. شانىياز بولسا:
- ئەلچىلىككە ئۆلۈم يوق موما، ھەر ھالدا بىر بېرىپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كۆرۈڭ، جېنىم موما، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. موماي ئاخىر شانىيازنىڭ كۆڭلىنى قىيالماي ئەلچىلىككە بېرىشقا رازى بولۇپتۇ.
موماي ئەتىسى تاڭ سەھەردە، تېخى ھېچكىم ئۇيقۇدىن ئويغانمىغان چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، بىر قولىغا چېلەك، بىر قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ باينىڭ ئۆيىگە كەپتۇ.
باينىڭ ئىشىك ئالدىنى ياخشىلاپ سۈپۈرۈپتۇ، سۇ چېچىپتۇ، كېيىن دېرىزىگە يېقىن كېلىپ:
ئەلچىمەنەي، ئەلچىمەن،
ئەلچىلىككە كەلدىممەن.
سىزدىن جاۋاب ئېلىشقا،
شانىيازدىن كەلدىممەن.
دەپتۇ - دە، كېتىپتۇ.
بۇ سۆزلەر ئۇيقۇدىن ئەمدى ئويغىنىۋاتقان باي بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. ھەيران بولغان ئەر - خوتۇن ئورنىدىن تۇرۇپ تاشقىرىغا چىقسا، ھېچكىم يوق، ئىشىك ئالدى پاكىز سۈپۈرۈلگەن، سۇ چېچىلغان، ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ - دە، >بۇ ئەلچى كېلىشنىڭ دېرىكى< دەپ شۇ كۈنى ئاخشىمى ئەلچى كۈتۈپتۇ.
كەچقۇرۇنلۇقى ھېلىقى موماي يەنە ئىككى - ئۈچ موماينى بىللە ئېلىپ كەپتۇ، ئاۋۋال ئۇياقتىن - بۇياققا گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ، كېيىن شانىياز دېگەن بىر يىگىتتىن ئەلچىلىككە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. باي شانىيازنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ تۇرۇش ۋە مەنسەپ دەرىجىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. موماي بولسا باينىڭ ھەر بىر سوئالىغا تولۇق قىلىپ، شانىيازنىڭ يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قولىدا يۈرگەنلىكىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.
موماينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان باينىڭ قۇيقى چاچلىرى تىك بولۇپ، قاتتىق غەزىپى ئۆرلەپتۇ ۋە ئاچچىقىغا چىدالماي:
- مەن بۇ شەھەرنىڭ چوڭلىرىنىڭ بىرى تۇرسام، بىر تېجىمەلنىڭ مېنىڭ قىزىمغا ئەلچى قويۇشى قانداق گەپ؟! بۇ ماڭا ئاھانەت ئەمەسمۇ؟! ئىككىنچى مېنىڭ ئىشىكىمگە ئاياغ باسقۇچى بولماڭلار، ئەگەر يەنە كېلىدىغان بولساڭلار، پۇتۇڭلارنى چاقىمەن، - دەپ ئەلچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىپتۇ. موماي ئۆيگە كېلىپ:
- دېمىدىممۇ بالام، >بويۇڭ يەتمىگەن يەرگە قول ئۇزاتما!< دېگەندەك، بايلار سېنىڭ بىلەن ماڭا ئوخشاش كەمبەغەللەرگە قىز بېرەمدۇ؟ ئىككىنچى نۇر بۈۋى توغرۇلۇق زادىلا ئويلىما، بولمىسا مېنىمۇ، سېنىمۇ خاراب قىلىدۇ. مەن ساڭا ئۆزۈڭنىڭ لايىقىدا ئوبدان بىر قىز تېپىپ ئۆيلەپ قويىمەن بالام، - دەپتۇ.
- مەيلى موما، جاھاننىڭ خاپا بولغۇچىلىكى يوق، - دەپتۇ - دە، نۇر بۈۋى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باشقىچە يول تۇتۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. لېكىن شۇ كۈنىدىن باشلاپ نۇر بۈۋى كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ، چۈنكى ئەلچى كەلگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ يۈرۈشىگە يول قويماس بولۇپ قالغانىكەن.
ئاتا - ئانىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن غەزەپلەنگەن نۇر بۈۋىمۇ >ئەگەر ئاتا - ئانام مېنىڭ سۆيگىنىم بىلەن قوشۇلۇشۇمغا رازى بولمىغان بولسا، مەنمۇ باشقىچە يول تۇتۇشۇم كېرەك< دېگەن پىكىرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ، شۇندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى شىرىنخان ئارقىلىق شانىيازغا بىر خەتە ئەۋەتىپتۇ.
شانىياز بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرسە، >ئەمدى مەن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىندىم، لېكىن سىز بىلەن قىلىدىغان مەسلىھىتىم بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ باغقا كېلىڭ، سۇ ئېقىمىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، شۇ سۇ سىزنى توپتوغرا بىزنىڭ باغنىڭ سۈڭگۈچىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇ سۈڭگۈچ ئارقىلىق باغقا كىرىپ گۈللەرنىڭ ئارىسىدا كۈتۈپ تۇرۇڭ. يېرىم كېچىدە مەن چىقىمەن< دېگەن سۆزلەر يېزىلغانىكەن.
شانىياز شۇ ئاخشىمى يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇنى ياقىلاپ نۇر بۈۋىلەرنىڭ بېغىغا قاراپ مېڭىپتۇ، سۈڭگۈچتىن باغقا كىرىپتۇ ۋە گۈللەرنىڭ ئارىسىغا جايلىشىپ، نۇر بۈۋىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. كۆز يۇمماستىن يېرىم كېچىنى كۈتۈپ ياتقان نۇر بۈۋىمۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپتۇ. ئىككىسى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇزاق گەپلىشىپتۇ ۋە جۈمە كېچىسى قېچىپ كېتىشكە ۋەدىلىشىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كېلىپتۇ. نۇر بۈۋى ئاتىسىنىڭ ئات باقارى رېھىم بوۋاي بىلەن سۆزلىشىپ، ئىككى ئاتنى ئىگەر - توقۇملىرى بىلەن تەييارلاپ، ئۇنى كېچىسى باغنىڭ كەينىدە كۈتۈپ تۇرۇشقا تەيىنلەپتۇ ۋە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن چىراغلار ئۆچۈپ، ئەل ئايىغى بېسىلغاندا، نۇربۈۋى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، تەكىيلەرنى يوتقانغا ئوراپ، خۇددى بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە ئوخشىتىپ قويۇپ، ئۆزى چىقىپ كېتىپتۇ.
شۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئاتىسى نۇر بۈۋىنى يوقلاپ كىرىپ، يوتقانغا ئورالغان تەكىيلەرنى كۆرۈپتۇ - دە، ھە، قىزىم، ئۇخلاۋېتىپتۇ، دەپ چىقىپ ئۆز ھۇجرىسىدا خاتىرجەم ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، بۇ چاغدا رېھىم بوۋاي ۋەدە بويىچە ياخشى ئىككى ئاتنى توقۇپ، باغنىڭ كەينىدە كۈتۈپ تۇرغانىكەن. خۇددى شۇ ۋاقىتتا بۇياقتىن نۇر بۈۋى، ئۇياقتىن شانىياز يېتىپ كېلىپ، ئىككىسى ئىككى ئاتنى مىنىپتۇ - دە، رېھىم بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ موماينىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
شانىياز موماينىڭ بەرگەن ياردىمى ۋە قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئەمدى كەتمەكنى بايان ئەيلەپتۇ. شۇ چاغدا موماي غەزەل بىلەن:
ئۆيدىن چىقساڭ تىك داۋان،
ئۇندىن قانداق ئۆتەرسەن؟!
چۆل - باياۋاندا بەش بۆرە،
ئۇندىن قانداق ئۆتەرسەن؟!
دەريا بويى بۈك جاڭگال،
ئۇندىن قانداق ئۆتەرسەن؟!
يېرىم يولدا قاراقچى،
ئۇندىن قانداق ئۆتەرسەن؟!
دەپتۇ ۋە شانىيازنىڭ كەتمەسلىكىنى ئىلتىماس قىلىپ يىغلاپتۇ. شانىياز موماينىڭ بۇ سۆزلىرىگە جاۋابەن:
ئېگىز - ئېگىز داۋاننى،
ئاتلىرىمغا تاپشۇردۇم.
باياۋاندىكى بۆرىنى،
مىلتىقىمغا تاپشۇردۇم.
ئادەم ئۆتمەس جاڭگالنى چاقمىقىمغا تاپشۇردۇم.
يولدىكى قاراقچىنى،
تەقدىرىمگە تاپشۇردۇم.
دەپ بۇ يەردىن كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە >خەير، موما< دەپتۇ - دە، >چۇ< دەپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. موماي بولسا >خەير، بالام! ئاللاغا تاپشۇردۇم< دەپ دۇئا قىلىپ قاپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، بىر يەرلەرگە كەلسە ناھايىتى ئېگىز ۋە تىك داۋان تۇرغۇدەك. شانىياز بىلەن نۇر بۈۋى ئېتىنى >چۇ< دەپ بىر قانچە ئۇرغانىكەن، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە داۋاندىن ئېشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر يەرلەرگە كەلسە، بەش چىل بۆرە ھۇۋلاپ يۈرگۈدەك، شانىياز مىلتىقىنى ئېلىپ ئۈچ قېتىم ئاتقانىكەن، بۆرىلەردىن ئۆلگىنى ئۆلۈپ، قالغىنى قېچىپ كېتىپتۇ. يەنە بىر يەرلەرگە كەلسە، بىر دەريانىڭ بويىدا ئادەم ئۆتەلمەس بۈك جاڭگاللىق تۇرغۇدەك. شانىياز چاقمىقىنى بىر چاققانىكەن، پۈتۈن جاڭگال كۆيۈپ، يول ئېچىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يېرىم يولغا كەلگەندە ئالدىدىن يەتتە قاراقچى چىقىپتۇ - دە، بۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، بىر تاغنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ كېتىپتۇ. قاراقچىلار بۇلارنى ئۆزلىرى تۇرغان بىر غارغا ئېلىپ كىرىپ شانىيازدىن:
- ساڭا جان كېرەكمۇ ياكى مال كېرەكمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ نېمە دېگىنىڭلار؟ چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ - دەپتۇ شانىياز.
- ئەگەر جان كېرەك بولسا، قۇرۇق بېشىڭنى ئېلىپ كېتىۋەرگىن، ساڭا يول ئوچۇق، ئاتلىرىڭ بىلەن بۇ قىز قالىدۇ. ئەگەر مال كېرەك دېسەڭ، بۇ يەردىن تىرىك چىقمايسەن، - دەپتۇ قاراقچىلار.
- ئاتلىرىمنى ئالساڭلارمۇ ئېلىڭلار، لېكىن بۇ قىز مېنىڭ خوتۇنۇم بولغاچقا، مەن ئۇنى سىلەرگە قانداق تاشلاپ كېتىمەن؟ - دەپتۇ شانىياز.
شۇ ئارىدا قاراقچىلار شانىيازنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلاپتۇ - دە، نۇر بۈۋىنى تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇپتۇ.
نۇر بۈۋى كۆز ياشلىرىنى تۆككىنىچە ئىلاجىسىز قاراقچىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاماق تەييارلاشقا باشلاپتۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يەردىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى ئىزدەپتۇ. شۇ ئارىدا نۇر بۈۋىنىڭ يانچۇقىدىكى، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئېلىۋالغان بىر بولاق ئوغا يادىغا چۈشۈپتۇ.
تاماق تەييار بولغاندا، نۇر بۈۋى ھېلىقى ئوغىنى ئاستا تاماققا ئارىلاشتۇرۇپتۇ - دە، قاراقچىلارغا بېرپتۇ، قاراقچىلار تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ بىر پەستە ھەممىسى قېتىپ قاپتۇ. شۇ ۋاقىتتا نۇر بۈۋى شانىيازنىڭ يۈزىگە سۇ چېچىپ، ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ ۋە ئاتلىرىغا مىنىپ يەنە يولغا راۋان بولۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، يەنە خېلى كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئۇلار بىر بۇلاقنىڭ بويىغا كېلىپ ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ ۋە ئېگەر - توقۇملىرىنى ئېلىپ ئوتلاشقا قويۇۋېتىپتۇ. ئۆزلىرى دەم ئېلىپ تاماق قىلىپ يەپتۇ ھەم ئۇزاق يول مېڭىپ ھارغانلىقىدىن يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
ئەتىسى يەنە تاماق تەييارلاپ يېگەندىن كېيىن، شانىياز ئەمدى ئاتلارنى تۇتۇپ كېلەي دەپ قارىسا ئاتلىرى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇياق - بۇياققا قاراپ زادىلا تاپالماي، بىر قىرغا چىقىپ ئولتۇرسا نۇرغۇن قۇلانلار ئوينىشىپ يۈرگۈدەك. شانىياز قۇلانلارغا قاراپ:
ھە قۇلانلار، قۇلانلار،
ئۆزى ياخشى قۇلانلار،
كۆزى ياخشى قۇلانلار،
كەركە بويلۇق كەر ئاتنى
كۆردۈڭلارمۇ قۇلانلار؟
سۈرمە رەڭلىك سۈر ئاتنى،
كۆردۈڭلارمۇ قۇلانلار؟
دەپ غەزەل بىلەن سوراپتۇ. قۇلانلار بولسا، بويۇنلىرىنى تولغاپ قاراپ قويۇپتۇ - دە، ئۈنچىقىشماي يۈگۈرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قارىسا ھەممىسىنىڭ كەينىدىن بىر ئاسقاق قۇلان ئارانلا مېڭىپ كېتىۋاتقۇدەك، شانىياز بۇنىڭغىمۇ:
ھەي قۇلانجان، قۇلانجان،
ئۆزى ياخشى قۇلانجان،
كۆزى ياخشى قۇلانجان،
كەركە بويلۇق كەر ئاتنى،
كۆردىمىكىن قۇلانجان؟
سۈرمە رەڭلىك سۈر ئاتنى،
كۆردىمىكىن قۇلانجان؟
دەپتۇ. شۇ چاغدا بۇ ئاسقاق قۇلان توختاپتۇ - دە:
ھەي يولۇچى، يولۇچى،
كەركە بويلۇق كەر ئېتىڭ،
كەر بۇلاقتا يۈرۈيدۇ.
ئوڭ يېقىدا ئون قۇلان،
سەكرەپ، ئويناپ يۈرۈيدۇ.
سۈرمە رەڭلىك سۈر ئېتىڭ،
سۈر بۇلاقتا يۈرۈيدۇ.
سول يېقىدا بەش قۇلان،
سەكرەپ ئويناپ يۈرۈيدۇ.
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ - دە، پۇتىنى كۆتۈرۈپ شانىيازغا كۆرسىتىپتۇ. شانىياز يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇلاننىڭ پۇتىغا قارىسا بىر تاش كىرىپ كەتكەنىكەن. شانىياز قۇلاننىڭ پۇتىدىن تاشنى ئېلىپ، بېشىنى سىلاپ قويغانىكەن، ئۇنىڭ پۇتى ساقىيىپ كېتىپتۇ ۋە بىر يۈگۈرۈپتىكەن، ھەممە قۇلانلاردىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
كېيىن شانىياز نېرىقى بىر قىرغا چىقىپ قارىسا، بىر بۇلاقنىڭ بويىدا كەر ئېتى قۇلانلار بىلەن سەكرىشىپ ئويناپ يۈرگۈدەك، يەنە بىر بۇلاقنىڭ بويىدا سۈر ئېتىمۇ بىر نەچچە قۇلانلار بىلەن سەكرەپ ئويناپ يۈرگۈدەك. شانىياز بۇ ئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىنى شاراقلاتقانىكەن، ھەر ئىككى ئېتى يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەپتۇ. شانىياز بۇلاقنىڭ بىرىنى مىنىپ، بىرىنى يېتىلەپ نۇربۈۋىنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئىگىرىنى توقۇپ يەنە يولغا راۋان بولۇپتۇ.
يەنە كۆپ يول ماڭغاندىن كېيىن، شانىياز ئۆزىنىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە ئاتا مىراسىغا ئىگە بولۇپ، نۇر بۈۋى بىلەن بەختلىك ياشاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەتكەنىكەن.
قىزنىڭ ئاتىسى بۇلارنى ئىزدىدىمىكىن ياكى ئىزدىمىدىكىن، بۇنىسى مەلۇم ئەمەس، لېكىن شانىياز بىلەن نۇر بۈۋى، شۇنداق قىلىپ ئۆز مۇراد - مەقسەتلىرىگە يەتكەنىكەن.