ئالتۇن كۇكۇلۇق بالا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر كەمبەغەلنىڭ شانىياز دېگەن يالغۇز ئوغلى بولغانىكەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغاندىن كىيىن ، ھەركىملەرنىڭ مېلىنى بېقىپ، سۈيىنى توشۇپ، ھويلىلىرىنى سۈپۈرۈپ كۈن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
كۈنلەردىن بىركۈنى شانىياز تۇنۇر بېشىدا يېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشدە: چوڭ بىر دەريادا نۇرغۇن قىزلار چۆمۈلۈپ، بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئويناپ يۈرگۈدەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇربۈۋى دېگەن چىرايلىق بىر قىز بۇ بالىغا قاراپ كۈلگۈدەك - تە، سۇ چېچىپ قاچقۇدەك. شانىياز ئۇنى قوغلايمەن دەپ تەمشەلمىسىمۇ، ئۇرنىدىن قوزغىلالمىغۇدەك. ئاخىر چېچىلغان سۇدىن ئەندىكىپ ئويغانسا قاپقاراڭغۇ كېچە، يېنىدا ھېچكىم يوق، شارقىراپ يامغۇ يېغىۋاتقانىكەن. شانىياز«ئاھ، چۈشۈم ئىكەن!» دەپتۇ - دە، شۇندىن باشلاپ چۈشىدە كۆرگەن نۇربۈۋىگە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. لېكىن ئۇ قىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى قانداق تېپىشنى بىلمەپتۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىدە غايىبانە ئىسسىق مۇھەببەت ئوتى يېنىپتۇ. كېچە - كۈندۈز ئەس - ھوشى ئەنە شۇ قىزدا بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا شانىياز ئۆز شەھرىنى تاشلاپ تەركىدۇنيا بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، شانىياز كۆپ دەريالار، نۇرغۇن تاغلار ۋە چەكسىز چۆللەرنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ، ئاخىر بىر چوڭ شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بۇ شەھەردە نېمە قىلىشىنى بىلمەي شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بىر بۇلاقنىڭ بويىغا كېلىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسا، بىر موماي ئىككى چېلەكنى كۆتۈرۈپ سوغا كېلىپ قاپتۇ. موماي شانىيازنىڭ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن :
_ نېمىشقا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسەن، بالام؟- دەپ سوراپتۇ.
_ ئارتۇقچە غەم - قايغۇ مېنى خىيالغا غەرق قىلماقتا موما، - دەپتۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ شانىياز.
_ قانداق غەم - قايغۇ چۈشتى، بالام؟ ياكى ئاتا - ئاناڭ قوغلىۋەتتىمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇموماي.
_ ياق، موما، ئاتا - ئانام يوق، يېتىم بالىمەن. بۇ يەرگە تېنەپ كېلىپ قالدىم. تۇنۇش - بىلىشىم يوق، بېشىم گاڭگىراپ نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئولتۇرىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شانىياز.
_ خىيال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئاۋارە قىلما، بالام، مەن ساڭا ئانا بولاي، سەن ماڭا بالا بول. ئېغىرىڭنى يەر كۆتۈرەر، رىزقىڭنى خۇدا بېرەر، بالام . جۈر مېنىڭ بىلەن ، - دەپتۇ موماي شانىيازنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇلار ئانا - بالىدەك بولۇپ، ناھايىتى ئىناق كۈن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. شانىياز موماينىڭ كالىلىرىنى بېقىپ، دەريا بويىغا كېلىپ قاپتۇ، قارىسا نۇرغۇن قىزلار دەريادا چۈمۈلۈپ، بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئوينىشىپ يۈرگۈدەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىز شانىيازنىڭ كۆزىگە ناھايىتى ئىسسىق كۆرۈنۈپتۇ، ئۇ قىزنى قەيەردىدۇر بىر يەردە ، قاچاندۇر بىر ۋاقىتتا كۆرگەندەكلا قىلغۇدەك، لېكىن زادىلا يادىغا ئالالماپتۇ. ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ئۇزاق قاراپ تۇرۇپتۇ.
شۇ ئارىدا قىزلارنىڭ بىرى ھېلىقى قىزغا قاراپ:«نۇربۈۋى!» دەپ ۋارقىراپتۇ قاپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا شانىيازنىڭ يۈرىكى «شوۋ» قىلىپ كېتىپتۇ. قارىسا چۈشىدە كۆرگەن ھېلىقى قىزنىڭ ئۆزى. «تاپتىم» دەپتۇ ئىچىدە شانىياز. شۇ زامان ئۇ بىر تال شاخنى شارتتىدە كېسىۋېلىپ نەي ياساپتۇ - دە، بىر تۈپ تالىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ چېلىشقا باشلاپتۇ. شانىياز نەينى شۇنداق مۇڭلۇق بىر مۇقامغا چېلىشقا باشلاپتۇكى، ئۇنى ئاڭلىغان قىزلار تۇرغان جايلىرىدا قىمىرلىماي ھەيران بولۇپ قارىشىپ قاپتۇ. كېيىن ئۇلار دەررۇ سۇدىن چىقىپ كىيىملىرىنى كىيىشىپتۇ - دە، نەي ئاۋازى كەلگەن قاراپ كىلىشىپتۇ ۋە تۇنۇش بولمىغان بۇ نەيچىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشۇپ نەينىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىغا غەرق بولۇشۇپتۇ. شانىياز بىر دەم نەي چالغاندىن كېيىن ، كالىلىرىغا قارىماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغانىكەن، بېشى تالنىڭ شېخىغا تېگىپ دوپپىسى چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇچاغدا ئۇنىڭ ئالتۇن كوكۇلىسى ۋە نۇر يېغىپ تۇرغان جامالىنى كۆرگەن نۇربۈۋى ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.
ئەتىسى شانىياز موماينىڭ بېغىدىن بىر دەستە گۈل ئېلىپ، ئۇنىڭ ئارىسىغا بىر پارچە خەت سېلىپ، يەنە كالىلىرىنى ھەيدەپ چىقىپتۇ. كۈن چۈشتىن ئېگىلگەندە قىزلارمۇ چىقىپ ئويناپ - كۈلۈپ دەريادا چۈمۈلۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا نۇربۈۋى ئېقىپ كېلىۋاتقان گۈلنى تۇتۇۋاپتۇ - دە، قارىسا ئارىسىدا بىر پارچە قەغەز تۇرغۇدەك، ئۇنى ئېچىپ قارىسا خەت، ئوقۇپ كۆرسە ئىشقى - مۇھەببەت سۆزلىرى ئىكەن. «مېنىڭ كۆڭلۈمدە يانغان مۇھەببەت ئوتى ئۇ يىگىتنىڭ كۆڭلىدىمۇ يېنىۋېتىپتۇ. ئىككىمىزنىڭ تىلىكى بىر ئىكەن. دېمەك، مۇرادقا يېتىش ئەمدى ئاسان» دەپ ئويلاپتۇ، لېكىن بۇنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەپتۇ. ئۇ كۈن شۇنداق ئۆتۈپتۇ.
يەنە بىر كۈنى دەريادا شۇنداق چۆمۈلۈپ ئويناپ يۈرگەندە، نۇربۈۋى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى شىرىنخانغا سىرىنى سۆزلەپ بېتىپتۇ ۋە:
_ مەن ھازىر شۇ يىگىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېلىمەن، سىز قىزلارنى مىلىكە قىلىپ، مېنىڭ يوقلۇقۇمنى بىلىندۈرمەي تۇرۇڭ، - دەپ ئۆزى دەريانى ياقىلاپ شانىيازنىڭ ئالدىغاكېتىپتۇ.
نۇربۈۋى بىلەن شانىياز ئىككىسى ئۇزاق گەپلىشىپ بىر - بىرىگە ئىشقى - مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىشپتۇ. ئويناپ - كۈلۈشۈپتۇ. نۇربۈۋى كېيىن ئاستا قايتىپ كېلىپ قىزلارغا قېتىلىۋاپتۇ، بۇنى ھېكىم سەزمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ شانىياز بىلەن نۇربۈۋى ئويناپ - كۈلۈپ بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى شانىياز بىلەن نۇربۈۋى ئىككىسى دەريا بويىنى سەيلە قىلىپ يۈرگەندە شانىياز:
_ ئىككىمىز بۇنداق يۈرۈپ ۋاقىتىنى ئۆتكۈزمەيلى، دەرھال ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرەيلى؟ - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ.
نۇربۈۋى بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ:
_ خوپ مەيلى،بىراق سىز ئاتا - ئانامنىڭ ئالدىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىڭ، - دەپتۇ.
شانىياز شۇ كۈنى ئاخشىمى تاماقتىن كېيىن مومىسىغا ئاستاغىنا دەپتۇ:
_ موما، سىزگە چوڭ بىرئىلتىماسىم بارئىدى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئېيتىپ باقسام.
_ خوپ بالام، ھەرقانداق ئىلتىماسىڭ بولسا ماڭا ئېيتىماي كىمگە ئېيتاتتىڭ ، ئېيتقىن، - دەپتۇ موماي.
_ ئەيىب كۆرمىسىڭىز،موما، مەن نۇربۈۋىنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنىڭغا ئەلچىلىككە بېرىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىڭىز دېۋىدىم، - دەپتۇ شانىياز.
_ ۋاي بالامەي، مەن بىر كەمبەغەل تۇل خوتۇن تۇرسام، سەن مېنىڭ قولۇمدا يۈرگەن بىر يېتىم بالا تۇرساڭ، نۇربۈۋىنىڭ دادىسى باي، يۇرتنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى، بۇ ئىشىڭ بولمايدۇ. بالام، قوي، نۇربۈۋى توغرۇلۇق ئويلىما.«خىلى - خىلى بىلەن، پىچاق قېنى بىلەن» دېگەن گەپ بار. مەن ئۇلارنىڭ قىزىغا ئەلچىلىككە بارسام، ئۇلار نۇمۇس كۈچىدىن بىزنى ئامان قويمايدۇ، - دەپ باش تارتىپتۇ موماي.
شانىياز بولسا:
_ ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، موما، ھەرھالدا بىر بېرىپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كۆرۈڭ ،جېنىم موما، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. مۇماي ئاخىر شانىيازنىڭ كۆڭلىنى قىيالماي ئەلچىلىككە بېرىشقا رازى بوپتۇ. موماي ئەتىسى تاڭ سەھەردە، تېخى ھېچكىم ئۇيقۇدىن ئويغانمىغان چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، بىر قولىغا چېلەك، بىر قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ باينىڭ ئۆيىگە كەپتۇ.
باينىڭ ئىشىك ئالدىنى ياخشىلاپ سۈپۈرۈپتۇ، سۇ چېچىپتۇ. دېرىزىگە يېقىن كېلىپ:
ئەلچىمەنەي، ئەلچىمەن،
ئەلچىلىككە كەلدىممەن.
سىزدىن جاۋاب ئېلىشقا،
شانىيازدىن كەلدىممەن.
دەپتۇ - دە، كېتىپتۇ.
بۇ سۆزلەر ئۇيقۇدىن ئەمدى ئويغىۋاتقان باي بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىپتۇ.ھەيران بولغان ئەر - خوتۇن ئورنىدىن تۇرۇپ تاشقىرىغا چىقسا، ھېچكىم يوق، ئىشىك ئالدى پاكىز سۈپۈرۈلگەن، سۇ چېچېلغان. ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ - دە،«بۇ ئەلچى كېلىشنىڭ دېرىكى »دەپ شۇ كۈنى ئاخشىمى ئەلچى كۈتۈپتۇ.
كەنقۇرۇنلىقى ھېلىقى موماي يەنە ئىككى - ئۈچ موماينى ئېلىپ كەپتۇ، ئاۋۋال ئۇياقتىن - بۇ ياقتىن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ، كېيىن، شانىياز دېگەن بىر يېگىتتىن ئەلچىلىككە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. باي شانىيازنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە مەنسەپ دەرىجىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. موماي بولسا، باينىڭ ھەر بىر سوئالىغا تولۇق قىلىپ، شانىيازنىڭ يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قولىدا يۈرگەنلىكىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.
موماينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان باينىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك بولۇپ، قاتتىق غەزىپى ئۆرلەپتۇ ۋە ئاچچىغا چىدالماي:
_ مەن بۇ شەھەرنىڭ چوڭلىرىنىڭ بىرى تۇرسام،بىر تىجىمەلنىڭ مېنىڭ قىزىمغا ئەلچى قويۇشى قانداق گەپ؟!بۇ ماڭا ئاھانەت ئەمەسمۇ؟! ئىككىنچى مېنىڭ ئىشىكىمگە ئاياغ باسقۇچى بولماڭلار، ئەگەر يەنە كېلىدىغان بولساڭلار، ئەگەر يەنە كېلىدىغان بولساڭلار پۇتۇڭلارنى چاقىمەن، - دەپ ئەلچىلەر نىڭ قوغلاپ چىقىرىۋېتىپتۇ.
موماي ئۆيگە كېلىپ:
_ دېمىدىممۇ، بالام، «بويۇڭ يەتمىگەن يەرگە قول ئۇزارتما!»دېگەندەك، بايلار سېنىڭ بىلەن ماڭا ئوخشاش كەمبەغەللەرگە قىز بېرەمدۇ؟ ئىككىنچى نۇربۈۋى توغرىلىق زادىلا ئويلىما، بولمىسا مېنىمۇ، سېنىمۇ خاراب قىلىدۇ. مەن ساڭا ئۆزۈڭنىڭ لايىقىدا ئوبدان قىز تېپىپ ئۆيلەپ قويىمەن، بالام، - دەپتۇ.
_ مەيلى موما، جاھاننىڭ خاپا بولغۇچىلىكى يوق، - دەپتۇ - دە، نۇربۈۋى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باشقىچە يول تۇتۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. لېكىن شۇ كۈندىن باشلاپ نۇربۈۋى كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ، چۈنكى ئەلچى كەلگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ يۈرۈشىگە يول قويماس بولۇپ قالغانىكەن.
ئاتا - ئانىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن غەزەبلەنگەن نۇربۈۋىمۇ «ئەگەر ئاتا - ئانام مېنىڭ سۆيگىنىم بىلەن قوشۇلۇشۇمغا رازى بولمىغان بولسا، مەنمۇ باشقىچە يول تۇتۇشۇم كېرەك» دېگەن پىكىرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى شىرىنخان ئارقىلىق شانىيازنىڭ بىر خەت ئەۋەتىپتۇ.
شانىياز بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرسە«ئەمدى مەن ئەركىنىلىكتىن مەھرۇم قىلىندىم، لېكىن سىز قىلىدىغان بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ باغقا كېلىڭ. سۇ ئېقىمىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، شۇ سۇ سىزنىڭ توپتوغرا بىزنىڭ باغنىڭ سۈڭگۈچىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇ سۈڭگۈچ ئارقىلىق باغقا كېرىپ گۈللەرنىڭ ئارىسىدا كۈتۈپ تۇرۇڭ.يېرىم كېچىدە مەن چىقىمەن»دېگەن سۆزلەر يېزىلغانىكەن.
شانىياز شۇ ئاخىشىمى يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ،سۇنى ياقىلاپ نۇربۈۋىلەرنىڭ بېغىغا قاراپ مېڭىپتۇ، سۈڭگۈچتىن باغقا كىرىپتۇ ۋە گۈللەرنىڭ ئارىسىغا جايلىشىپ، نۇربۈۋىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. كۆز يومماستىن يېرىم كېچىنى كۈتۈپ ياتقان نۇربۈۋىمۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپتۇ. ئىككىسى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇزاق گەپلىشىپتۇ ۋە جۈمە كېچىسى قېپى كېتىشكە ۋەدىلىشپتۇ.
شۇنداق قېلى، كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كەپتۇ. نۇربۈۋى ئاتىسىنىڭ ئات باقارى رېھىم بوۋاي بىلەن سۆزلىشىپ ئىككى ئاتنى ئىگەر - تۇقۇملىرى بىلەن تەييارلاپ، ئۇنى كېچىسى باغنىڭ كەينىدە كۈتۈپ تۇرۇشقا تەيىنلەپتۇ ۋە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
بىر ۋاقىتىلاردىن كېيىن چىراغلار ئۆچۈپ، ئەل ئايىغى بېسىلغاندا، نۇربۈۋى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، تەكىيلەرنى يوتقانغا ئوراپ، خوددى بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە ئوخشىتىپ قويۇپ، ئۆزى چىقىپ كېتىپتۇ.
شۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئاتىسى نۇربۈۋىنى يوقلاپ كىرىپ، يوتقانغا ئورالغان تەكىيلەرنى كۆرۈپتۇ - دە، ھە، قىزىم ئۇخلاۋېتىپتۇ، دەپ چىقىپ ئۆز ھۇجرىسىدا خاتىرجەم ئويقۇغا كېتىپتۇ، بۇ چاغدا رېھىم بوۋاي ۋەدە بويىچە ياخشى ئىككى ئاتنى توقۇپ، باغنىڭ كەينىدە تۇرغانىكەن. خۇددى شۇۋاقىتتا بۇياقتىن نۇر بۈۋى، ئۇياقتىن شانىياز يېتىپ كېلىپ، ئىككىسى ئىككى ئاتنى مىنىپتۇ - دە، رېھىم بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ موماينىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
شانىياز موماينىڭ بەرگەن ياردىمى ۋە قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئەمدى كەتمەكنى بايان ئەيلەپتۇ. شۇ چاغدا موماي غەزەل بىلەن:
ئۆيدىن چىقساڭ تىك داۋان،
ئۇندىن قانداق ئۆتۈرسەن؟
چۆل - باياۋاندا بەش بۆرى،
ئۇندىن قانداق ئۆتۈرسەن؟
دەريا بۇيى بۈك جاڭگال،
يېرىم يولدا قاراقچى،
ئۇندىن قانداق ئۆتۈرسەن؟
دەپتۇ ۋە شانىيازنىڭ كەتمەسلىكىنى ئىلتىماس قىلىپ يىغلاپتۇ.
شانىياز موماينىڭ بۇ سۆزلىرىگە جاۋابەن:
ئېگىز - ئېگىز داۋاننى، ئاتلىرىمغا تاپشۇردۇم.
باياۋاندىكى بۆرىنى،
مىلتىقىمغا تاپشۇردۇم.
ئادەم ئۆتمەس جاڭگالنى،
چاقمىقىمغا تاپشۇردۇم.
يولدىكى قاراقچىنى
تەقدىرىمگە تاپشۇردۇم.
دەپ بۇ يەردىن كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە «خەيىر ، موما» دەپتۇ - دە، «چۇ »دەپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. موماي بولسا«خەير، بالام! ئاللاغا تاپشۇردۇم» دەپ دۇئا قىلىپ قاپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. بىر يەرلەرگە كەلسە ناھايىتى ئېگىز ۋە تىك داۋان تۇرغۇدەك. شانىياز بىلەن نۇربۈۋى ئېتىنى«چۇ» دەپ بىر قامچە ئۇرغانىكەن، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە داۋاندىن ئېشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر يەرلەرگە كەلسە، بەش چىل بۆرى ھۇۋلاپ يۈرگۈدەك، شانىيازمىلتىقىنى ئېلىپ ئۈچ قېتىم ئاتقانىكەن، بۆرىلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، قالغىنى قېچىپ كېتىپتۇ.يەنە بىر يەرلەرگە كەلسە، بىر دەريانىڭ بويىدا ئادەم ئۆتەلمەس بۈك جاڭگاللىق تۇرغۇدەك. شانىياز چاقمىقىنى بىر چاققانىكەن، پۈتۈن جاڭگال كۆيۈپ، يول ئېچىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يېرىم يولغا كەلگەندە ئالدىدىن يەتتە قاراقچى چىقىپتۇ - دە، بۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، بىر تاغنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ كېتىپتۇ. قاراقچىلار بۇلارنى ئۆزلىرى تۇرغان بىر غارغا ئېلىپ كىرىپ شانىيازدىن:
_ ساڭا جان كېرىكمۇ مال كېرەكمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ بۇ نېمە دېگىنىڭلار؟ چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ - دەپتۇ شانىياز.
_ ئەگەر جان كېرەك بولسا، قۇرۇق بېشىڭنى ئېلىپ كېتىۋەرگىن، ساڭا يول ئوچۇق، ئاتلىرىڭ بىلەن بۇ قىز قالىدۇ. ئەگەر مال كېرەك دېسەڭ بۇ يەردىن تىرىك كېتەلمەيسەن، - دەپتۇ قاراقچىلار .
_ ئاتلىرىمنى ئالساڭلارمۇ ئېلىڭلار ، لېكىن بۇ قىز مېنىڭ خوتۇنۇم بولغاچقا، ئۇنى سىلەرگە قانداق تاشلاپ كېتىمەن؟ - دەپتۇ شانىياز.
شۇ ئارىدا قاراقچىلار شانىيازنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلاپتۇ - دە، نۇربۈۋىنى تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇپتۇ.
نۇربۈۋى كۆز ياشلىرىنى تۆككىنىچە ئىلاجسىز قاراقچىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاماق تەييارلاشقا باشلاپتۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يەردىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى ئىزدەپتۇ. شۇ ئارىدا نۇربۈۋىنىڭ يانچۇقىدىكى، ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئېلىۋالغان بىر بولاق ئوغا يادىغا چۈشۈپتۇ.
تاماق تەييار بولغاندا، نۇربۈۋى ھېلىقى ئوغىنى ئاستا تاماققا ئارىلاشتۇرۇپتۇ -دە، قاراقچىلارغا بېرىپتۇ. قاراقچىلار تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ بىر پەستە ھەممىسى قېتىپ قاپتۇ. شۇ ۋاقىتتا نۇربۈۋى شانىيازنىڭ يۈزىگە شۇ چېچىپ، ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ ۋە ئاتلىرىغا مىنىپ يەنە يولىغا راۋان بولۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، يەنە خېلى كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئۇلار بىر بۇلاقنىڭ بويىغا كېلىپ ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ، ئېگەر - تۇقۇملىرىنى ئېلىپ ئوتلاشقا قويۇۋېتىپتۇ. ئۆزلىرى دەم ئېلىپ تاماق قىلىپ يەپتۇ ۋە ئۇزاق يول مېڭىپ ھارغانلىقىدىن يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
ئەتىسى تاماق تەييارلاپ يىگەندىن كېيىن، شانىياز ئەمدى ئاتلارنى تۇتۇپ كېلەي، دەپ قارىسا ئاتلىرى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇياق - بۇياققا قاراپ زادىلا تاپالماي، بىر قىرغا چىقىپ ئولتۇرسا نۇرغۇن قۇلانلار ئوينىشىپ يۈرگۈدەك. شانىياز ئۇلارغا قاراپ:
ھەي قۇلانلار، قۇلانلار،
ئۆزى ياخشى قۇلانلار،
كۆزى ياخشى قۇلانلار،
كەركە بويلۇق كەر ئاتنى،
كۆرۈڭلارمۇ قۇلانلار؟
سۈرمە رەڭلىك سۈر ئاتنى،
كۆردۈڭلارمۇ قۇلانلار؟
دەپ غەزەل بىلەن سوراپتۇ. قۇلانلار بولسا، بۇيۇنلىرىنى تولغاپ قاراپ قويۇپتۇ - دە، ئۈنچىقىشماي يۈگۈرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قارىسا، ھەممىنىڭ كەينىدە ئاسقاق قۇلان ئارانلا مېڭىپ كېتىۋاتقۇدەك. شانىياز بۇنىڭغىمۇ:
ھەي قۇلانجان، قۇلانجان،
ئۆزى ياخشى قۇلانجان،
كۆزى ياخشى قۇلانجان،
كەركە بويلۇق كەر ئاتنى،
كۆردىمىكىن قۇلانجان؟
سۈرمە رەڭلىك سۈر ئاتنى ،
كۆردىمىكىن قۇلانجان؟
دەپتۇ. شۇ چاغدابۇ ئاسقان قۇلان توختاپتۇ - دە،
ھەي يۇلۇچى، يۇلۇچى،
كەركە بويلۇق كەر ئېتىڭ،
كەر بۇلاقتا يۈرىدۇ.
ئوڭ يېنىدا ئون قۇلان،
سەكرەپ، ئويناپ يۈرۈيدۇ.
سۈرمە رەڭلىك سۈر ئېتىڭ،
سۈربۇلاقتا يۈرۈيدۇ.
سول يېنىدا بەش قۇلان،
سەكرەپ ئويناپ يۈرىدۇ.
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ - دە، پۇتىنى كۆتۈرۈپ شانىيازغا كۆرسىتپتۇ. شانىياز يۈگۈرۈپ بىرىپ قۇلاننىڭ پۇتىغا قارىسا بىر تاش كېرىپ كەتكەنىكەن. شانىياز قۇلاننىڭ پۇتىدىن تاشنى ئېلىپ، بېشىنى سىلاپ قويغانىكەن، ئۇنىڭ پۇتى ساقىيىپ كېتىپتۇ ۋە بىر يۈگۈرۈپتىكەن، ھەممە قۇلانلاردىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
كېيىن شانىياز نېرىقى بىر قىرغا چىقىپ قارىسا، بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كەر ئېتى قۇلانلار بىلەن سەكرىشىپ ئويناپ يۈرگۈدەك، يەنە بىر بۇلاقنىڭ بويىدا سۈر ئېتىمۇ بىر نەچچە قۇلانلار بىلەن سەكرەپ ئويناپ يۈرگۈدەك. شانىياز بۇئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىنى شاراقلاتقانىكەن، ھەرئىككى ئېتى يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەپتۇ. شانىياز بۇلارنىڭ بىرىنى مىنىپ ، بىرىنى يېتىلەپ نۇربۈۋىنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئاتلىرىنى تۇقۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
يەنە كۆپ يول يۈرگەندىن كىيىن، شانىياز ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە ئاتا مىراسىغا ئىگە بولۇپ، بۇربۈۋى بىلەن بەخىتلىك ياشاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەتكەنىكەن.
قىزنىڭ ئاتىسى بۇلارنى ئىزدىدىمىكىن ياكى ئىزدىمىدىمىكىن، بۇنىسى مەلۇم ئەمەس، لېكىن شانىياز بىلەن نۇربۈۋى، شۇنداق قىلىپ، ئۆز مۇراد - مەخسەتلىرىگە يەتكەنىكەن.