ئۈچ ھورۇن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زامانلاردا ئۈچ ھورۇن دوست بولۇشۇپ ياشىغان ئىكەن. ئۇلار ئەزمە ۋە بەسخور ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھورۇنلۇغى شۇ دەرىجىگە يېتىپتۇكى. ئۇلار ئولتۇرغان جايىدىن مىدىرلاشنىمۇ ھار ئالىدىكەن.
كۈنلەردىن بىركۈنى، بىكار يۈرۈشۈپ بەكمۇ زېرىكىپ كەتكەن بۇ ئۈچ ھورۇن، تاماشا قىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئارقىسىغا بىر ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ سەھراغا مېڭىپتۇ. ئۇلار يولدا ھېرىپ كېتىپ، بىر ئۆستەڭ بويىغا يېقىن يەردە توختاپتۇ. دەل شۇ چاغدا يولدىن قېتىق كۆتەرگەن بىر بالا ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا بىر قانچە نانمۇ با ئىكەن. قارنى ئېچىپ ھالى قالمىغان ھورۇنلار پۇل چىقىرىشىپ، بىر نان، بىر قاچا قېتىق سېتىۋاپتۇ. قولىنى يۇيۇشقا توغرا كەپتۇ.
- سەن سۇ ئېلىپ كەل، - دەپ بۇيرۇپتۇ بىرىنچى ھورۇن ئىللىنچىسىنى.
- مەن نىمىشقا ئەپكېلەتتىم؟ سۇنى ماۋۇ ئېلىپ كەلسۇن، - دەپتۇ ئىككىنچى ھورۇن ئۈچچىنچىسىنى كۆرسىتىپ.
- مەنما ؟! - دەپتۇ ھەر ئىككىسىگە ئالىيىپ ئۈچىنچى ھورۇن، - سۇنى يالغۇزلا مەن ئىشلىتەمتىم؟ مەن سىلەرنىڭ غالچڭلارمىدىم؟ مۇنۇ ئىتنى بۇيرۇڭلار!
ئىت پەرۋاسىز يېتىۋاپتۇ.
ھورۇنلار سۇ ئەپكېلىشكە بىر - بىرىنى بۇيرۇپ جاڭجال قىلىشىپ كۈننى كەچ قىلىشىپتۇ ئاخىرى ئۇلار «كىم گەپ قىلسا ياكى مىدىرلىسا سۇنى شۇ ئەپكەلسۇن» دىگەن شەتكە ماقۇل بولۇشۇپتۇ. ھورۇنلار سۇ ئېلىپ كېلىشتىن قورقۇپ، قېتىپ قالغاندەك. مىت قىلماي ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار چوڭراق تىنىشقىمۇ پېتىنالماپتۇ. زېرىكىپ، ئېچىقاپ كەتكەن ئىت ھورۇنلار ئىشتىھا ساقلاپ تۇرغان نان بىلەن قېتىقنى پاك - پاكىز سوقۇۋېتىپتۇ ئەمما قوسىغى تويماپتۇ. ئۇ راسا بىر كېرىلىۋېتىپ، ھورۇنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنى ھەدەپ يالاشقا باشلاپتۇ. ئىت بىر مەھەل يالىغاندىن كېيىن ھورۇنلارنىڭ بىرى قورقۇپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ «چاغە! ... چاغ!» دەپ ۋارقىراپ تاشلاپتۇ دەل شۇ چاغدا ئاران تۇرغان ئىككى ھورۇن:
- ھە... سۇنى ئەمدى سەن ئەپ كېلىدىغان بولدۇڭ! - دەپ چوقان كۆتىرىشىپتۇ.
(«يېڭىسارئەدەبىياتى» نىڭ 1981 - يىل 1 - سانىدىن ئېلىندى.)
رەتلىگۈچى: ئابدۇرېھىم ئىسمائىل