UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققوينى قايسى يېدى

قوينى قايسى يېدى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر تاغلىق يېزىدا ئوۋچى بولۇپ، ئۆيىدە باققان قويى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ. ئىزلەپ ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. شۇڭا غەزەپلىنىپ جاڭگالدىكى بۆرە، تۈلكە.... قاتارلىق كاتتىلارغا: «قويۇم يوقاپ كەتتى، قايسىڭ يەپ كېتىشكەن بولۇشساڭ ئۆزلىرىڭنى مەلۇم قىلىش! بولمىسا نەسلىڭنى قۇرۇتىمەن» دەپ جاكارلاپتۇ. بۇنى ئىشىتكەن بۆرە، تۈلكە .... قاتارلىقلار ئوۋچىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ بىر ئورنىدا تۇرالماپتۇ ۋە بىر - بىرى بىلەن ئۇزۇنغىچە كۇسۇلدىشىپتۇ. ئەتىسى تۈلكە ئۆيمۇ - ئۆي نايناقلاپ بېرىپ، جاڭگالدىكى بارلىق ھايۋانلارغا: - ئەتە بۆرە بېگىمنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىڭلار! زۆرۈر گەپ بار! - دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ. دېگەندەك ئەتىسى پۈتۈن جاڭگال ئەھلى - تۈلكە، ياۋا مۈشۈكتىن تارتىپ چاشقانلارغىچە، ھەتتاكى قۇرقۇنچاق توشقانغىچە ..... تولۇق يىغىلىشىپتۇ. - ھەممىڭلارغا، - تۈلكە خوشامەتچىلىك بىلەن ھىجيىپ ۋى ئېغاڭشىپ ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ دە، نايناقلىغان ھالدا دەپتۇ، - جانابى بۆرە بېگىمنىڭ مۇھىم ئۇقتۇرۇشى بار. دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار! تۈلكە بۆرىگە ئېگىلىپ چوڭقۇر تازىم قىلىپ، ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىپتۇ. ئىككى كۆزى قانغا تولغان، ئاغزى - بۇرنى قان يۇقى، تەرى سۆرۈن بۆرە ھەيۋە بىلەن يۆتىلىپ قويۇپ، كىكىرتىكىنى قىرىپ، ئاندىن سالاپەت بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، ئالدىدىكى جامائەتكە گىدەيگەن ھالدا شۇنداق دەپتۇ: - خالايىق! ئوۋچى غوجامنىڭ بىر قويى يوقاپ كەتكەن ئىكەن، بىز جاڭگال ئەھلىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. كىملەر يېگەن بولسا ۋە ياكى يېگەنلەرنى كۆرگەنلەر بولسا، كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ياكى پاش قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ قويىنى تېپىپ بەرمىسەك. ھەممىمىزنىڭ نەسلىنى قۇرۇتماقچى ئىكەن، شۇڭا بىر قوي ئۈچۈن ھەممىمىز تۈگەشمەيلى، قېنى بولايلى! - .... ئۇ، شۇنداق دەپ، ئارقىدىنلا چەكچەيگەن ۋەھشى كۆزلىرىنى قەھرى بىلەن ھەممىگە بىر - بىرلەپ تىكىپ چىقىپتۇ ۋە يالىۋېلىش ئېسىدىن چىقىپ قالغان تۇمشۇقىدىكى قان يۇقىنى دەرھال يالىۋېتىپتۇ. ئارقىدىنلا: - مەنمۇ ئۇ قوينى يېمىدىم ھەم كۆرمىدىم. ئەگەر يېگەن بولسام راستىمنى دەيتتىم. قېنى چاپسانراق بولۇڭلار! نېمانچە ئېزىلىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتتىڭلار! - دەپ ئالدىرىتىپتۇ. ئۇنىڭ ۋەھشى تۇرقىدىن ۋە ئاچىماق گەپلىرىدىن دىرىلدىشىپ، گەپنىڭ تېگىنى چۈشەنگەن ھايۋاناتلار قوينى كىمنىڭ يەپ كەتكەنلىكىنى بىلىشسىمۇ، لېكىن بېشىغا پالاكەت - ئاۋارىچىلىق چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىپ ئۈنچىقماي جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ. - مەنمۇ، - دەپتۇ تۈلكىۋاي ھىيلىگەرلىك بىلەن كۈلۈپ، نايناقلاپ تۇرۇپ، - قوينى يېمىدىم. ئەگەر يېگىنىمنى بىرەر يەردە قايسىڭلار كۆرگەن بولساڭلار، يۈز - خاتىرە قىلماي دەڭلار! - مەنمۇ يېمىدىم، - دەپ ئۆزىنى ئاقلاپتۇ ياۋا مۈشۈك. - مەنمۇ يېمىدىم، - دەپتۇ سوسەر تۆرە. شۇنداق قىلىپ بارلىق گۆش يېگۈچى ھايۋاناتلار ئۆزىنى ئاقلاپ ياقىغا چىقىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قورقۇنچاق ئۇزۇن قۇلاق توشقانچاقلا قاپتۇ. ئۇ بىچارە بۈگۈنكى مەجلىسنىڭ مەقسىدىنىمۇ تۈزۈكرەك چۈشەنمەيدىكەن. نېمىشقا دېسىڭىز، ئۇنىڭ پۈتۈن ئېسى - يادى: «بۆرە مېنى يەپ قويارمۇ؟» دېگەن جان قايغۇسى بىلەن تولغان ئىكەن. - ھە، ئۇزۇن قۇلاق! ھەممەيلەن ئۆز گېپىنى دەپ بولدى. سەن نېمىشقا شۈمشىيىپ، چەكچىيىپ بۇلۇڭغا كىرىپ كەتتىڭ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ بىردىنلا تۈلكە قىستاپ. توشقان بىچارە «مېنى يەۋېتىدىغان بولدى» - دەپ، تېخىمۇ قورقۇپ تىلى كالۋالىشىپتۇ. شۇ چاغ ئەقىللىق تىكەۋاينىڭ رەھىمى كېلىپ، ساقاللىرىنى ئاچچىق بىلەن سىلكىپ، توشقاننىڭ قېشىغا كېلىپ، مۈڭەۈزى بىلەن بېقىنىغا ئاستا تۈرتۈپتۇ - دە، قۇلىقىغا شىۋىرلاپ ئەقىل ئۆگىتىپتۇ: - ھەي نادان! ھەممىسى بىر سەۋەب تېپىپ ئۆزىنى ئاقلاپ بولدى. بۇنداق قورقۇپ جىم ئولتۇرساڭ، ئاخىرى بۇ ئىش ساڭا توقۇلۇپ قالىدۇ. ھەممىسى سېنىڭ گۆش يېمەيدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۆزەڭنى ئاقلا! بۇنى گۆش يېگۈچى ھايۋانلار يېگەندۇ دېگىن! بىچارە توشقان تىترەپ، ئەمدى ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا: - ھەي ئۇزۇن قۇلاق! خۇدۇكسىنىپ، ئۈنچىقمىغىنىڭغا قارىغاندا، قوينى سەن يېگەن ئوخشىمامسەن؟ ئېيتە! - دەپتۇ. بۆرىنىڭ دەھشەتلىك ئۈنى جاڭگال بويلاپ ياڭراپ كېتىپتۇ. توشقان ھۇشىنى يوقىتىپ، تېخىمۇ مەڭدەپ كېتىپتۇ. راست، تاست، - دېيىشىپتۇ كۆپلىگەن ھايۋانلار بۆرىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ ۋە ئۆز بېشىدىن پالاكەتنىڭ ئۇزاقلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، - قوينى چوقۇم توشقان يەپتۇ، بولمىسا يۈرەكلىك گەپ قىلغان بولاتتى. - قېنى ئېيتە! - دەپتۇ بۆرە تېخىمۇ غالجىرلىق بىلەن قىستاپ - ۋارقىراپ. - بولمامسەن گۆمۈش! - دەپتۇ تۈلكە ئالدىرىتىپ. - ئەمدى ئىقرار قىلماي بولمىدى توشقانچاق، دەۋەتكىن! سەن ئۈچۈن ھەممىمىز بالاغا قالمايلى! - دەپتۇ باشقىلار سالا - سۇلە قىلىشىپ. بۇ ئادالەتسىزلىكتىن يۈرىكى ئېچىشىپ تۇرالماي قالغان تىكەۋاي شۇنچە جامائەتنىڭ توشقاننىڭ گۆش يېمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇپ، توشقاننى قۇربان قىلىپ بېرىشكىنىگە غەزەپلىنىپ كېتىپتۇ ۋە بۇ نادان - جاھالەتچىلىككە لەنەت ئوقۇپتۇ. ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ھەقىقەتنى سۆزلەشنى نەچچە رەت ئويلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆيىدە خوتۇنى ئۆشكىخان يېڭى تۇغۇتلۇق بولۇپ، ئىككى بوۋىقى يىغلاپ قالغان ئىكەن. دوڭغىيىپ چىقىپ قېلىپ، ئائىلىسىگە پالاكەت يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، بىرەر نەرسە دېيەلمەي، تىت - تىت بولغىنىچە ئىلاجسىز تۇرۇپ قاپتۇ. شۇ چاغ توشقانمۇ جان ئۈمىدىدە، ھۇشىغا كېلىپتۇ. غەيرەتلىنىپ ئۆزىنى ئاقلىماق بولۇپتۇ. لېكىن ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، كۆزى بۆرىنىڭ دەھشەت بىلەن ھومىيىپ، پارقىراپ تۇرغان كۆزىگە چۈشۈپ ۋۇجۇدى ئوتتا ئېرىگەندەك يۇمشاپ، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئاغزىدىن بولسا دېمەكچى بولغان سۆزىنىڭ ئەكسى چىقىپتۇ: - قوينى، م.......م ...... مەن، يې .......يې....... يېدىم...... شۇنداق قىلىپ بىچارە توشقان قورقۇنچاقلىقىنىڭ كاساپىتى بىلەن ياۋۇز بۆرىنىڭ تۆھمىتىنىڭ ئېچىنىشلىق قۇربانى بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
قوينى قايسى يېدى | UyghurWiki | UyghurWiki