UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبەڭگىلەرنىڭ خىيالى

بەڭگىلەرنىڭ خىيالى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. بۇرۇنقى زاماندا بىر مەھەللىدە ئەمەت، ئەخەت، سەمەت دىگەن ئۈچ بەڭگى ياشىغان ئىكەن. بۇ بەڭگىلەر ئىش ئوقەتنىڭ غېمىنى قىلمىغاچقا بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ قاپتۇ - دە، خىلۋەت بىر جاينى تېپىپ كۆڭۈل ئېچىشماقچى بولۇشۇپتۇ. ئۇلار خىلۋەت جاي ئىزلەپ مېڭىپتۇ. ئۆزلىرىچە خىيال سۈرۈپ مەھەللىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى باراقسان ئۆسكەن بىر تۈپ يوغان توغراق يېنىغا بېرىپ قالغانلىقلىرىنىمۇ سەزمەي قېلىشىپتۇ. ئەمەت ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك، توغراققا قاراپ: - ھەي ئاغىينىلەر، توختاڭلار. مۇشۇ يەرنىڭ ھاۋاسى كۆڭۈلگە ئارام بېغىشلىغۇدەك تۇرىدۇ. مۇشۇ يەردىلا ئولتۇرۇشمايمىزمۇ؟ - دەپتۇ. ئەخەت بىلەن سەمەتمۇ توغراققا بىر پەس قارىشىۋالغاندىن كېيىن ماقۇل بولۇپ، توغراقنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇشۇپتۇ. بۇلار بىر ئاز دىمىنى ئېلىشقاندىن كېيىن ئەمەت ئەخەتكە: - قېنى بۇرادەر، چىلىمىڭنى چىقارمامسەن، تارتىشقاچ ئولتۇرايلى، - دەپتۇ. بۇلار غاڭزىسىدىن غىرىچ ئوت چىقىرىپ، ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ بەڭ چېكىشىپتۇ. بارا - بارا باشلىرى پىقىراپ، كۆزلىرى خۇمارلىشىپتۇ. چىلگە مەس بولۇشۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. ئۆز پاراڭلىرىدىن زوقلىنىپ تېلىقىپ - تېلىقىپ كۈلۈشۈپتۇ. بىر چاغدا ئەمەت توغراققا ئەلەسلىك بىلەن قاراپ، توغراقنىڭ غوللىرىنى سىلاپتۇ ۋە: - مۇشۇنداق كەڭ يەرگە سايە تاشلايدىغان توغراق بىزنىڭ باغدا بولۇپ قالسا ھەر كۈنى شۇ جايدا ھوزۇر قىلساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى - ھە! - دەپتۇ. سەمەت: - ۋاھە! بۇ توغراق خۇددى يامغۇر ياغقاندا باشقا تۇتىدىغان كۈنلۈككە ئوخشايدىكەن، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى تىڭشاپ ياتقان ئەخەت تىرىككەندەك بولۇپ: - قويۇڭلار ئاغىينىلەر، بۇ توغراقنىڭ غولى بەكمۇ تۈز ئىكەن. بۇنى كېسىپ غولىدىن چۆچەك چاپسا نەچچە چۆچەك چىقار؟ - دەپتۇ. - ئىككى يۈز چۆچەك چىقىدۇ، - دەپتۇ سەمەت. ئەمەت خۇددى يېڭىدىن ئەقىل تاپقاندەك بولۇپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىپتۇ - دە: - ئىككى يۈز چۆچەكنى ئىككى يۈز قويغا تېگىشەيلى، - دەپتۇ. - بۇ قويلارنى مۇشۇ يەردىلا بۆلۈشۈپ ئالغىنىمىز تۈزۈك، - دەپتۇ ئەخەت. - بۇمۇ ياخشى گەپ، قېنى ئەمىسە، نەچچىدىن ئالىمىز؟ - دەپتۇ سەمەت. - ئاتمىش بەشتىن ئالساق، بەش قوي ئېشىپ قالىدىكەن. چۆچەك چاپىدىغان ئەقىل مەندىن چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېشىپ قالغان بەش قوينى مەن ئالاي، - دەپتۇ ئەخەت. - ياق، چۆچەكنى قويغا تېگىشىدىغان ئەقىل مەندىن چىقتى. بەش قوينى مەن ئېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ ئەخەت. - ياق، مەن ئېلىشىم كېرەك. چۆچەك چاپىدىغان توغراقنى ھەممىدىن بۇرۇن مەن كۆرگەن، - دەپتۇ ئەمەت. بۇ ئۈچ بەڭگى تالىشا - تالىشا، ئاخىرى مۇشتلىشىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار مۇشتلىشىۋېتىپ مىچىتكە نامازغا ماڭغان مەزىناخونۇمنى كۆرۈپ قېلىپ چاقىرىپ كەپتۇ. - مىچىتكە ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن. ناماز قازا قىلىپ كەتسە بولمايدۇ. قېنى گىپىڭلارنى دەۋىرىڭلار، - دەپتۇ. مەزىن. - بۇ گەپنى شۇنداقلا ئاڭلاپ قويسىلا بولمايدۇ. بىز قوي بۆلۈشمەكچى ئىدۇق. كېلىشەلمەيۋاتىمىز، ئۆزلىرى كېلىشتۈرۈپ قويسىلا، - دەپتۇ بەڭگىلەر. مەزىن بىر تۇرۇپ نامازغا ئالدىراپتۇ. بىر تۇرۇپ >بىر ۋاخ نامازنى قازا قىلساممۇ قىلىپ بىر قويغا ئىگە بولمايمۇ< دەپ ئويلاپتۇ - دە، بەڭگىلەرنىڭ يېنىغا كەپتۇ. مەزىن يېقىن كېلىپ بولغۇچە بەڭگىلەر چۇقۇرىشىپ گەپلىرىنى باشلاپتۇ. - يەتمىش قوينى مەن ئېلىشىم كېرەك، چۈنكى چۆچەك چاپىدىغان توغراقنى مەن كۆرگەن، توغراقتىن چۆچەك چېپىشنى مەن دىگەن، - دەپتۇ ئەمەت. - ئىككى يۈز چۆچەك چىقىدىغانلىقىنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان، شۇڭا يەتمىش قوينى مەن ئېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ سەمەت. - چۆچەكنى قويغا تېگىشىشنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان، - دەپتۇ ئەمەت. بۇلارنىڭ گېپى ئاياقلاشمىغاندىن كېيىن مەزىننىڭمۇ ئىچى پۇشۇپ كېتىپتۇ - دە: - توختاڭلار، توختاڭلار، - دەپ ۋارقىراپتۇ. بەڭگىلەر جىم بولۇپ بىر بىرسىگە ھۈرپىيىشىپ قارىشىپ تۇرۇپتۇ. - ئادىل ۋە خالىس ئايرىپ قويسىلا. بىزمۇ ئەجىرلىرىنى قايتۇرارمىز، - دەپتۇ ئەخەت. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ مەزىن، - قوي دىگەن چوڭمۇ بولىدۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ. ئورۇقمۇ بولىدۇ، سېمىزمۇ بولىدۇ. مېنى قويۇڭلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىڭلار. مەن ھەممىڭلار رازى بولغۇدەك بۆلۈپ قوياي. - ۋاي مەزىناخۇنۇم، - دەپ چۇقۇرۇشۇپتۇ بەڭگىلەر، - قوي تېخى يوق. چۆچەك چېپىپ قويغا تېگىشىدىغان توغرا تېخى بېشىمىزغا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مانا مۇشۇ توغراق، مانا مۇشۇ. مەزىن شۇندىلا بۆلۈپ بېرىش ھەققىگە بىرنى ئالماقچى بولغان قويلارنىڭ بەڭگىلەرنىڭ مەسلىكتىكى خىيالى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ - دە، بەڭگىلەرنى تىللىغىنىچە كەشىنى شاقىلدىتىپ كېتىپ قاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې قاراڭغۇ دادۈيدىن: ئابدۇرېھىم غوپۇر.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
بەڭگىلەرنىڭ خىيالى | UyghurWiki | UyghurWiki