پەملىك رەسسام
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا، بىر شەھەرنىڭ ناھايىتى ئابرۇيلۇق بىر پادىشاھسى بار ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىدىن كالتە بولۇپ، يۈرسە ئاقساپ، دىڭگاسلاپ ماڭىدىكەن. سو كۆزى جىرتتاق بولۇپ، قارىسا خۇددى بىر نەرسىنى پەملىۋاتقان ياكى ئۆلچەۋاتقان كىشىدەك كۆزى ھەمىشە قىسىلىپ تۇرىدىكەن.
بىر كۈنى پادىشاھنىڭ قۇرسىقىغا جىن كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ ئاسماقچى بوپتۇ ۋە پەرمان چۈشۈرۈپ ئۆز تەۋەسىدىكى داڭلىق، ئۇستا رەسساملارنى ئۆز ئوردىسىغا چاقىرتىپتۇ. كۆپ ئىزلىنىشلەر ئارقىلىق پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى ئۈچ داڭلىق رەسسامنى تېپىپ ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ رەسساملارنى كۆرگەندىن كېيىن:
_ مەن ئۆز رەسىمىمنى سىزدۇرۇپ ئاسماقچىمەن. شۇڭا سىلەرنى بۇ يەرگە ئالدۇرۇپ كەلدىم. شەرتىم شۇكى، ئارتۇقمۇ ئەمەس، كەممۇ ئەمەس، ئەينەن چىرايلىق بولسۇن، ئەگەر يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ ھىيلە ئىشلەتسەڭلار، كاللاڭلار تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىمەن. ئەگەر قايسىڭلارنىڭ سىزغىنى ماڭا يارىسا چوڭ مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولىسىلەر، - دەپتۇ.
رەسساملار ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، قەغەز، قەلەم، سىياھ، كېتەلىك نەرسىلەرنى تەييارلاشقا كىرىشىپتۇ، ئالدى بىلەن بىر رەسسام پادىشاھنىڭ رەسىمىنى پۈتتۈرۈپتۇ. رەسىمگە پادىشاھمىڭ ئوڭ پۇتىنى سول پۇتىدىن كالتە، سول كۆزى جىرتتاق قىلىپ ئەينەن چۈشۈرگەن ئىكەن. پادىشاھ ئۆز رەسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاچچىقلىنىپ چاچلىرى تىك تۇرۇپتۇ. قۇلاقلىرى قىزىرىپ دىڭگىيىپتۇ، غەزەپتىن چارچاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ ۋەرەسسامغا قاراپ:
_ سەن ئىپلاس مېنى ھاقارەتلەپسەن، مەن مۇشۇنداق سەتمۇ؟ - دەپ رەسسامغا ھۈرپىيىپتۇ. رەسسام قورققىنىدىن لام - جىم دىيەلمەي قاپتۇ.
_ جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ يانغا قاراپ.
_ لەببەي، تەقسىر! گۆش يېيىشكە خۇشتارمىز، - دەپ تەڭلا جاۋاب ياندۇرۇپ، قوللىرىغا قىلىچ ۋە پالتا تۇتقان، مەيدىلىىرىنى يۇڭ بېسىپ كەتكەن، بەلنىڭ يۇقۇرىسى قىپ - يالىڭاچ، چوشقىدەك سېمىز، تەلەتىدىن ۋە كۆزىدىن قان ئىچكۈلىكى چىقىپ تۇرغان تۆت جاللات ھازىر بولۇپتۇ. پادىشاھ جاللاتقا ھېلىقى رەسسامنڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ. شۇ يەردىلا جاللاتلار پادىشاھنىڭ ئەمىرىنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئەس - ھوشىنى يوقاتقان ئىككىنچى رەسسام ئۆز كۆڭلىدە «پادىشاھنى ئەينەن سىزسام، مېنىمۇ ئۆلتۈرمىسۇن، چىرايلىقراق قىلىپ سىزسام بەلكىم ئامان قالارمەن» دەپ ئويلاپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئىككى پۇتىنى تەڭ ۋە كۆزلىرىنى راۋرۇس، چىرايلىق قىلىپ سىزىپتۇ. رەسىمنى پادىشاھقا كۆرسىتپتۇ، پادىشاھ رەسىمنى كۆرۈپ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ - دە:
_ مەن ساڭا نېمە دېگەن ئىدىم، مۇناپىق ئالدامچى! سەن مېنىڭ شەرتىمنى بۇزدۇڭ. سەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! - دەپتۇ - دە، جاللاتلىرىغا بۇيرۇپتۇ. جاللاتلار دەرھال كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. ئۈچىنچى رەسسام چۆچۈپ تىپىرلاپ قاپتۇ - دە،ئويلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ، پادىشاھنى ئەينەن سىزسىمۇ ئۆلتۈرسە، قانداق سىزىش كېرەك؟ دەپ ئويلاپتۇ ۋە تەۋەككۇل دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلاپ شۇنداق رەسىم سىزىپتۇكى، رەسىمدە پادىشاھ ئوۋ قىلىشقا چىققاندا ئالدىغا بىر كىيىك ئۇچرىغان بولۇپ، پادىشاھ كىيىكنى ئېتىش ئۈچۈن قولىغا مىلتىقنى ئېلىپ، ئوڭ پۇتىنى بىر قۇرام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، سول كۆزى قىسىلغان ھالدا، ئوڭ كۆزى بىلەن كىيىكنى قارىغا ئېلىپ ئېتىشقا ھازىرلانغان قىياپەتتە تۇرۇپتۇ، بۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ كالتىلىقى ۋە سو كۆزىنىڭ جىرتتاقلىقى مەلۇم بولماي، رەسىم ئىنتايىن تەبئىي ھالدا گۈزەل چىققان. بۇنى كۆرۈپ پادىشاھ ئاغزى قولىقىغا يېتىپتۇ ۋە:
_ مانا بۇ ھەقىقەتەن جايىدا بوپتۇ، - دەپتۇ.
پادىشاھ مەغرۇرلىنىپ رەسسامغا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملارنى بېرىپ يولغا ساپتۇ.