UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھ بولغان پادىچى

پادىشاھ بولغان پادىچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا مۇللا بىلال دىگەن بىر ئادەمنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى كامال، ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسىمى جامال، كەنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ۋىسال ئىكەن. موللا بىلال كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۈچ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ: _ بالىلىرىم، كېسىلىم كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ كېسەلدىن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن. مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىراس تالىشىپ ئاراڭلاردا ئىتىپاقسىزلىق بۇلۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن، كۆزۈمنىڭ ئوچۇق چېغىدا مال - مۈلۈك، ئۆي - سەرەمجانلىرىنى سىلەرگە ئايرىپ بېرەي دەيمەن. قايسىڭلار مال - مۈلۈككە، قايسىڭلار دۇئاغا تۇرىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. خېلى ھازاغىچە بۇلاردىن سادا چىقماپتۇ. ئاخىرى كەنجى ئوغۇل ۋىسال ئورنىدىن تۇرۇپ: _ دادا، مەن دۇئاغا تۇراي، ماڭا دۇئا قىلىڭ، - دەپ دادىسىدىن دۇئا تەلەپ قىپتۇ. تۇنجى ئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلى «بىز دۇنياغا تۇرىمىز» دەپتۇ. موللا بىلال مال - مۈلۈك، ئۆي - سەرەمجانلىرىنى ئىككىگە ئايرىپ، مىراسنامە يېزىپ، چوڭ ئىككى ئوغلىغا بىرىپتۇ. كەنجى ئوغلى ۋىسالنى يېنىغا چاقىرىپ، باغرىسغا بېسىپ تۇرۇپ: _ جېنىم بالام! ئاتاڭدىن ساڭا ھېچ نەرسە مىراس قالمىدى، پەقەتلا دۇئا قالدى. «ئاتىسىدىن دۇئا ئالغان خار بولماس، نامەردلەرنىڭ ئالدىدا زار بولماس»، «دۇئا بىلەن ئەر كۆكىرەر، سۇبىلەن يەر». بالام، دۇنيادا ھەرگىز خار بولماي، گۈل - گىياھلاردەك كۆكلەپ - گۈللەپ كەتكەيسەن! - دەپ ئوغلىغا دۇئا قىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، موللا بىلال ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغۇللار دادىسىنى يەرلىككە قويۇپتۇ. چوڭ ئىككى ئوغۇل يولدىن چىققان ئادەملەر بىلەن ئىپپەت بولۇپ، كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كېتىپتۇ. كەنجى ئوغۇل دادىسىنىڭ قەبرىستانلىقىدا ئۆي قىلىپ، دادىسى ھەققىدە دۇئا - تەكبىر قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىنى سېغىنىپ يوقلاپ كەپتۇ. قارىسا ئاكىلىرى كەيىپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەت كوچىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئۇكىسى ۋىسالنى كۆرۈپ، يات ئادەمدەك سوغۇق مۇئامىلە قىپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇنداق سوغۇق مۇئامىلىسىدىن رەنجىپ كېتىپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتۈپتۇ. گەرچە ئاكىلىرى ۋاپاسىزلىق قىلغان بولىسىمۇ، ئۆز قېرىندىشى بولغاچ، ۋىسال يەنە ئۇلارنى سېغىنىپتۇ. بىر كۈنىسى «ئاكىلىرىمنى يوقلاپ كېلەي»دەپ، ئاكىلىرىنىڭ ئۆيىگە كەلسە، ئاكىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ۋەيرانە تۇرىمىش. ۋىسال «بۇ نېمە ئەھۋالدۇ؟» دەپ، ئۇيان ئىزلەپ، بۇيان ئىزلەپ ئاكىلىرىنى تاپالماپتۇ. خۇلۇم - خوشنىلىرىدىن سورىسا ئۇلار «ئاكىلىرىڭىز ئىش - ئوقەت قىلماي، كېچە - كۈندۈز كەيىپ - ساپا بىلەن بولۇپ، مىراس قالغان مال - مۈلۈك، ئۆي - سەرەمجانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ، بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىپ، يەي دېسە يوق، ئىچەي دېسە يوق بولۇپ كوچىدا قالدى. چوڭ ئاكىڭىز كامال ھاممامنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ كۈنىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئىككىنچى ئاكىڭىز جامال زاسۈيپەزخانىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ كۈنىنى ئېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. ۋىسا ئاكىلىرىنىڭ يامان ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن پەرىشان بولۇپ، ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئۇلارنى خولۇم - خوشنىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن يەرلەردىن تېپىپتۇ. قارىغىدەك بولسا، ئىككى ئاكىسىنىڭ يۈز - كۆزلىرى، پۇت - قوللىرى قاپ - قارا قاسماق بېسىپ كەتكەن، ئۈستىدە ئۆڭۈپ كەتكەن جۇل - جۇل كېيىم - كېچەك بولۇپ، توپا - توزان بولۇپ، توپا - توزان تۈكۈلۈپ تورۇپتۇ. ئۆزلىرى جۈدەپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ۋىسال بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئاكىلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپتۇ ۋە ئاكىلىرىغا: _ ئاكىلار! مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قاپسىلەر، بۇ شەھەر ئەمدى بىزگە ھارام بوپتۇ. دادىمىز تەقۋادار ياخشى كىشى ئىدى. دادىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەيلى. «ياخشى ئىت ئىگىسىگە ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ» دەپتىكەن. بۇ يەرنى تاشلاپ باشقا بىر شەھەرگە چىقىپ كېتەيلى، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئىككى ئاكىسى ۋىسالنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىپتۇ. بۇلار شەھەردىن چىقىپتۇ. ناھايىتى ئۇزۇن مەنزىللەرنى بېسىپ، باشقا بىر شەھەر تەۋەسىگە ئۆتۈپتۇ. ماڭا - ماڭا كەچ كىرگەندە بىر ئاۋات مەھەللىگە كېلىپ قاپتۇ. قارىغىدەك بولسا، بىر كاتتا كەتكەن بىر ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. بۇلار ھويلىغا كىرىپتۇ. بۈگۈن بىر كېچە مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىشنى ئۆي ئېگىسىگە ئىلتىماس قىپتۇ. ئۆي ئىگىسى بۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئادەملەر ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ سوراپتۇ. بۇلار: _ بىز دادىمىز ئۆلۈپ كېتىپ، يېتىم بولۇپ قالغان ئۈچ ئاكا - ئۇكا بولىمىز. باشقا شەھەرگە بېرىپ ئىش - ئوقەت قىلايلى دەپ چىقىۋىدۇق، بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ بولۇپ قالدى. مۇشۇ يەردە بىر كېچەقونۇپ كەتسەك دەپ كېلىشىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. _ ئۇنداق بولسا، مېنىڭ ئۈچ - تۆت يۈزدەك قويلىرىم بار. سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ قويلىرىمنى بېقىپ بەرسەڭلار، سىلەر رازى بولغۇدەك ھەق بەرسەم قانداق؟ - دەپتۇ ئۆي ئىگىسى. بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا ماقۇل بوپتۇ. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ. ئۆي ئىگىسى ھەركۈنى باشقا بىر ئاتنى يەڭگۈشلەپ مىنىپ سەھەردىلا شەھەرگە كىرىپ كېتىپ، كەچ بولغاندا قايتىپ چىقىدىكەن. شەھەردە بولغان ۋەقەلەرنى ئاغزى تالغىچە كىشىلەرگە سۆزلەپ كېتىدىكەن. بۇلارمۇ ھەركۈنى كەچ قويلىرىنى قوتانغا سولاپ قويۇپ، باينىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىكەن. باي بىر كۈنى شەھەردىن قايتىپ چىقىپلا: «ۋاي، بۈگۈن بىر سۆلەتلىك بىر شاھزادە ئارغىماقنى چاپتۇرغىنىچە كېلىپ، راۋاقنىڭ 8 - پەلەمپىيىگە چىقىپ ئىلگىرلىيەلمەي، قايتىپ كەتتى، پادىشاھ مەلىكىسىنى ئاشۇ شاھزادىگە بەرمىگىيتتى» دەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى «يېڭى ئاۋات» دەپ ئاتايدىكەن. شەھەر پادىشاھسنىڭ مەلىكە دىلشات دېگەن ئارزۇلۇق بىرلا قىزى بار ئىكەن. ھۆسىنى - جامالدا يىگانە ئىكەن. بۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاسماندىكى ئايمۇ خىجىل بولىدىكەن. بۇ قىزنىڭ داڭقى دۇنياغا كېتىپتۇ. بۇ قىزغا تەرەپ - تەرەپتىن كۆپلىگەن شاھزادىلەر، بەگزادىلەر لايىق بولۇپ ئەلچى قويۇپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە مەسلىھەت ساپتۇ. بۇلار پادىشاھقا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: _ مەلىكەم شاھانە راۋاقتا ئولتۇرسا، كىمكى راۋاقنىڭ قىرىق پەلەمپىيىدىن ئاتنى چاپتۇرۇپ راۋاققا چىقىپ، مەلىكەمنىڭ قولىدىكى ئەڭگۈشتەر ئۈزۈككە ئىرىشەلىسە، پۈتۈن توي چىقىملىرىنى پادىشاھلىقتىن قىلىپ، شۇنىڭغا بەرسەك. بۇ مەسلىھەت پادىشاھقا ماقۇل كەپتۇ ۋە بۇ ھەقتە شەھەرمۇ - شەھەر پەرمان چىقىرىپتۇ. بۇ خەۋەر ئاڭلانغاندىن كېيىن، تەرەپ - تەرەپلەردىن نى - نى شاھزادىلەر، بەگزادىلەر خىل ئارغىماقلىرىنى ئېلىپ مەلىكىگە لايىق بولۇپ كېلىپ نۆۋەت بىلەن ماھارەت كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ۋىسالنىڭ ئىككى ئاكىسى شەھەردە بولۇۋاتقان تاماشانى كۆرۈپ كەلمەكچى بولۇ، ۋىسالنى قويدىن خەۋەر ئالىغلى قويۇپ، شەھەرگە كېتىپتۇ. بۇلار تاماشا كۆرۈپ كەچ قايتىپ كەپتۇ. شەھەردە كۆرگەنلىرىنى ۋىسالغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەتىسى ئىككىسى يەنە شەھەرگە كېتىپتۇ. ۋىسال قوي بېقىپ قاپتۇ. كەچ بولغاندا بۇلار كېلىپ: _ ۋاي، بۈگۈن ناھايىتى سالاپەتلىك بىر شاھزادە ئېتىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ20 - پەلەمپەيگىچە چىقتى. ئەتە يەنە بىرەرسى 30 - پەلەمپەيگە چىقسا، يەنە بىرسى40 - پەلەمپەيگە چىقسا، مەلىكىنىڭ جامالىنى تاماشا قىلىۋالساق بولاتتى، - دەپ ھەسرەت چېكىشىپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى شەھەرگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋىسال قويلارنى بېقىپ بىر دۆڭنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپتۇ. قويلار ئوتلاپ تويۇپ ۋىسالنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ يېتىشىپتۇ. ۋىسال غېرىپچىلىقتا دادىسىنى يادلاپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. چۈشىدە دادىسى كېلىپ ۋىسالنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۈستىگە ناھايىتى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ بىر ئارغىماققا مىندۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇ ئاندا «بالام، قوپ ئورنۇڭدىن» دېگەن بىر سادا ئاڭلىنىپتۇ. ۋىسال چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، ئالدىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي تۇرغۇدەك. ۋىسال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋاي: _ بالام! ئاكىلىرىڭ قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ. _ ئاكىلىرىم شەھەرگە كىرىپ كەتتى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋىسال. _ نېمىشقا كەتتى؟ _ شەھەر پادىشاھسىنىڭ قىزىغا لايىق بولۇپ، تەرەپ - تەرەپلەردىن شاھزادە، بەگزادىلەر كېلىپ كاتتا مەرىكە بولغان ئىكەن، تاماشا كۆرۈپ كېلىمىز دەپ كەتتى. _ سەنمۇ شەھەرگە بېرىپ تاماش كۆرۈپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟ _ ياق، بارمايمەن. مەندەك بىر غېرىپقا تاماشانىڭ نېمە ئىشى؟ _ سەنمۇ بار. مەن ساڭا 3 دانە قىل بېرەي. بىرىنچى كۈنى قارا قىلنى كۆيدۈرسەڭ، ئالدىڭغا بىر دانە قارا ئارغىماق كېلىدۇ. ئات ئېگىرىنىڭ قوش بېشىغا بىر دانە بوغچا ئېسىقلىق، بوغچىدا كىيىم بار، سەن كىيىملەرنى كىيىپ ئاتقا مىنگىن، ئات سېنى ئېلىپ شەھەرگە بارىدۇ. ئات 20 - پەلەمپەيگە چىقىپ، يەنە ئارقىغا يانىدۇ. قايتىپ كېلىپ كىيىمنى بوغچىغا چىگىپ ئىكەرنىڭ قۇش بېشىغا ئىلىپ قوي. ئاي ئۆز يولىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى قىزىل قىلنى كۆيدۈرسەڭ قىزىل رەڭلىك ئات كېلىدۇ. بۇ ئات 30 - پەلەمپەيگىچە چىقىپ قايتىپ كېلىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئاق قىلنى كۆيدۈرسەڭ ئاق ئات كېلىدۇ. بۇ ئات بىراقلا 40 - پەلەمپەيگە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇرادىڭغا يېتىسەن، - دەپتۇ بوۋاي ۋە ۋىسالغا 3 دانە ئاتنىڭ قىلىنى بېرىپلا غايىپ بوپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى شەھەرگە كەتكەندىن كېيىن، ۋىسال قارا قىلنى كۆيدۈرۈپتۇ. بىر قارا ئارغىماق قۇيۇندەك چىپىپ، ۋىسالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. ۋىسال بوۋاينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئىگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئىلىقلىق بوغچىنى ئېچىپ، كىيىملەرنى كىيىپ، ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كەپتۇ. ئات چاپقانچە 20 - پەلەمپەيگە چىقىپتۇ. پۈتۈن مەيداننى ۋاڭ - چۇڭ قاپلاپتۇ. كىشلەر توپى بارىكاللا ئېيتىشىپتۇ. ۋىسال قايتىپ كېلىپ، كىيىملەرنى سېلىپ بوغچىغا چېگىپ ئىگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئىلىپ قويۇپ، ئاتنى يولغا ساپتۇ. كەچقۇرۇن ئاكىلىرى شەھەردىن قايتىپ كېلىپ: _ بۈگۈن ناھايىتى ئازادە كىيىنگەن بىر شاھزادە، ئالامەت كىلىشكەن بىر زور ئارغىماق ئاتنى مىنىپ كىلىپ، چاپقانچە 20 - پەلەمپەيگە چىقتى، - دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىپتۇ. ۋىسال ئۈن - تىن چىقارماي تىڭشاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى يەنە شەھەرگە كېتىپتۇ. ۋىسال قويلىرىنى ئوتلاشقا قويۇپ بېرىپ، قىزىل قىلنى كۆيدۈرۈپتۇ. بىر قىزىل ئارغىماق قۇيۇندەك چېپىپ، ۋىسالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. ۋىسال كىيىملەر كىيىپ، ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كەپتۇ. ئات چاپقانچە 30 - پەلەمپەيگە چىقىپتۇ. پۈتۈن مەيداندىكى ۋاڭ - چۇڭ قاپلاپتۇ. كەچقۇرۇن ئاكىلىرى قايتىپ كېلىپ: _ بۈگۈن بىر شاھزادە كەپتۇ. كىيگەن كىيىملىرى ئوتقاشتەك. تۈنۈگۈنكىندىمۇ قالتىس ئىكەن. بىر قىزىل ئارغىماقنى مىنىپ كەپتۇ. ھەجەپ كېلىشكەن ئات ئىكەن، ئۇدۇللا كېلىپ 30 - پەلەمپەيگە چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەمدى مەلىكىنى ئېلىپ كېتىدىغان بولدى، ۋاي ئىست، - دىيىشىپ ھەسرەت چېكىشپتۇ. ۋىسال ئۈن - تىن چىقارماي تىڭشاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى يەنە شەھەرگە كېتىپتۇ. ۋىسال ئاق قىلنى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇئان بىر ئاق ئارغىماق قويۇندەك چېپىپ كېلىپ ۋىسالنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ۋىسال ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كەپتۇ. ئات چاپقىنىچە توختىماستىن 40 - پەلەمپەيگە چىقىپتۇ. ۋىسال ئاتتىن چۈشۈپ مەلىكىگە سالام بېرىپتۇ. مەلىكە ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىسالغا تەبەسسۇم قىلىپ قولىدىكى ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ: _ ئەتە ئوردىغا كېلىڭ، - دەپتۇ. ۋىسال مەلىكە تەقدىم قىلغان ئۈزۈكنى ئېلىپ قايتىپتۇ. مەيداننى ئاللا - چۇقان قاپلاپتۇ. ھەممە ۋىسالغا تەھسىن - ئاپرىن ئوقۇپتۇ. مەلىكە دىلشاتقا ئاشىق ۋە لايىق بولۇپ، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن شاھزادە، بەگزادىلەر نادامەتتە قاپتۇ. شۇ كۈنى پادىشاھلىقتىن: «ئات چاپتۇرۇپ، ماھارەت كۆرسىتىپ شاھانە راۋاقنىڭ 40 - پەلەمپىيىگە چىقىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتنى ئورۇنلاپ، مەلىكىنىڭ ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكىگە ئىرىشكۈچى ئەتە ئۈزۈكنى ئېلىپ شاھ ئوردىسىغا كېلىپ كۈيئوغۇللۇقنى قوبۇل قىلسۇن، رەسمىي نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ 40 كۈنلۈك توي بولىدۇ» دەپ ئېلان چىقىرىپتۇ. شۇ كۈنى ۋىسال قويلارنى ھەيدەپ كېلىپ قوتانغا سولاپ تۇرۇشىغا ئاكىلىرى غەمكىن، پەرىشان ھالدا شەھەردىن قايتىپ كەپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىدىن ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. ئاكىلىرى : _ بۈگۈن ئاق ئارغىماق مىنگەن، ئۆزى ناھايتى كېلىشكەن بىر شاھزادە ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، 40 - پەلەمپەيدىن بىراقلا بېسىپ، سەلتەنەتلىك شاھانە راۋاققا چىقتى. مەلىكە ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدى. مەلىكە ئەمدى شۇنىڭ بولۇپ كەتتى. بىز مۇندىن كېيىن مەلىكىنىڭ جامالىنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق. ۋاي ئىست! - دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ. ۋىسالنىڭ بۇلارغا ئىچى ئاغرىپ، چوڭ ئاكىسى كامالغا: _ ئەگەر ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك سېنىڭ قولۇڭغا چۈشكەن بولسا، ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولارمدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ قوي بۇنداق قۇرۇق گېپىڭنى. ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك قانداقمۇ بىزدەك پادىچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسۇن؟ - دەپتۇ كامال. _ ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك مانا. سەن بۇنى ئېلىپ ئوردىغا بارغىن، بەلكى مۇرادىڭغا يېتەرسەن، - دەپ ئۆزۈكنى كامالغا بېرىپتۇ. ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى كۆرۈپلا، كامالنىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كېتىپتۇ. _ سەن بۇ ئۆزۈكنى قەيەردىن تېپىۋالدىڭ؟ _سەن بۇنىڭ نېرى - بېرىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماي، ئوردىغا ئېلىپ بېرىۋەر، - دەپتۇ ۋىسال. _ مەن مۇشۇ جوندىقى جونداق تۇرقۇم بىلەن بۇ ئۈزۈكنى كۆتىرىپ بارسام، قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ «قەيەردىن ئوغرىلىۋالدىڭ» دەپ تۇتۇۋالسا بالاغا قالمامدىمەن؟ _ كىم ئۈزۈككە ئېرىشسە، مەلىكىنى شۇنىڭغا بېرىمەن دېگەندىن كېيىن، پادىشاھ لەۋزىدە تۇرىدۇ. ئەندىشە قىلما. ئەتىسى كامال ئۈزۈكنى ئېلىپ ئوردىغا كەپتۇ. دەرۋازىۋەنلەر پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ كىرىشكە ئىجازەت قىپتۇ. ئۈزۈكنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ كامالنىڭ ئۈستىدىكى كىيىم - كېچەكلىرىگە، ئۇنىڭ تەققى - تۇرقىغا قاراپ، ھەيران بولۇپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىپتۇ ۋە مەلىكىگە كۆرستىپتۇ. مەلىكە: _ ئۈزۈكنى قولۇمدىن ئالغان يىگىت بۇ ئەمەس، - دەپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، جاللاتنى چاقىرىپ: _ بۇ ئوغرىنى دارغا ئېسىڭلار! - دەپ بۇيرۇپتۇ. شۇ ئاندا كامال راستنى ئېيتىپ: _ مېنىڭ بىر ئۇكام بار. شۇ بەرگەن. قالغان ئىشنى بىلمەيمەن، - دەپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ كامالنىڭ ئۇكىسىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. جاللار بېرىپ ۋىسالنىڭ ئايىغىنى يەرگە تەككۈزمەي دەرھال ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ قارىغۇدەك بولسا، بىر پادىچى بالا. پادىشاھ ۋىسالنى سوراق قىپتۇ. ۋىسال ئەينەن ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەلىكىگە كۆرسەتكەن ئىكەن، مەلىكە كۆرۈپلا تونۇپتۇ ۋە: _ ئاق كېيىم بىلەن، ئاق ئارغىماق بىلەن 40 پەلەمپەي ئېشىپ راۋاققا چىققان يىگىت مۇشۇ. مەن ئۈزۈكنى مۇشۇنىڭغا بەرگەن، - دەپتۇ. ۋىسالنى دەرھال مۇنچىغا ئەۋەتىپ يۇيۇندۇرۇپ، شاھانە كىيىملەرنى كىيدۈرۈپتۇ. پادىشاھ ۋەدىسىگە بىنائەن، 40 كۈن توي - تاماشا قىلىپ، مەلىكە دىلشاتنى ۋىسالغا بېرىپتۇ. ۋىسال پادىشاھقا كۈيئوغۇل بوپتۇ. ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى بىلەن كۈندىن - كۈنگە نامى چىقىپتۇ. ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە بوپتۇ. دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدىكى مەسلىھەتكە قاتنىشىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. پادىشاھ ۋاپات بوپتۇ. پۈتۈن خەلق ۋىسالنى پادىشاھلىققا سايلاپتۇ، ۋىسال ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپتۇ. ئەل ئاۋات، خەلق پاراۋان ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق