ۋاڭ جېنجى
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
ياپونىيىدە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئىككى تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتى بار. ئۇنىڭ بىرى كالتەك توپ، يەنە بىرى سۇمۇ. ۋاڭ جېنجى ياپونىيە كالتەك توپ ھەۋەسكارلىرى چوقۇنىدىغان كالتەك توپ چولپىنى بولۇپ، «دۇنيا كالتەك توپ پادىشاھى» دەپ نام ئالغان.
ۋاڭ جېنجى ياپونىيىگە بارغان مۇھاجىر بولۇپ، ئەجدادلىرى جېجياڭلىق ئىدى.1940 - يىلى ياپونىيىدە تۇغۇلغان، ئاپىسى ياپونىيىلىك. ۋاڭ جىنجى كىچىكىدىنلا كالتەك توپ ئويناشقا ھېرىسمەن ئىدى. دادىسى ۋاڭ شىفۇ ئۇنى ياخشى ئوقۇمىدىڭ دەپ ئەيىبلىگەندە، تەلىيىگە، ۋاڭ جېنجىنىڭ ئاكىسىمۇ كالتەك توپ ئويناشقا ئامراق بولغاچقا، دادىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتكە قاتنىشىشىنى قوغداپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ جېنجى بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن توپ ئوينىغان.1958 - يىلىنىڭ ئاخىرى زاۋداۋتيەن تەجرىبە ئالىي مەكتىپىنىڭ كالتەك توپ كوماندىسىغا قاتناشقان. ئىقتىدار ئىگىسىنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنۈشى «زەبەردەسلەر قوشۇنى» كوماندىسىنى جەلپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئۇ بۇ كوماندىنىڭ توپ ئاتقۇچىسى، قورغانچىسى بولۇپ داڭق چىقارغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان «ئالتۇن خورازنىڭ تەنھا تۇرقى» دەك توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ياپونىيىنى «قورغاندىن توپ ئۇرۇش» بىلەن (توپنى مەيدان چېگرىسىدىن ئۇرۇپ چىقارغاندىن كېيىن، بىخەتەر ھالدا تۆت قورغاندىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ بىر نومۇر ئېلىش) چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. ئۇ «قورغاندىن ئۇرغان توپ» نى ھەر يىلى30 غا يەتكۈزۈشنى ئۇدا19 يىل ساقلىغان، توققۇز قېتىم ياپونىيىنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولغان،13 قېتىم نومۇر ئېلىش چېمپىيونى بولغان،15 قېتىم «قورغاندىن ئۇرۇش» چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزى756 قېتىم «قورغاندىن توپ» ئۇرۇپ، ئامېرىكا خانىك ئارون بوتنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. كېيىن يەنە جەمئىي868 قېتىمغا يەتكۈزۈپ، «قورغاندىن توپ ئۇرۇش» رېكورتىنى ياراتقان. شۇ سەۋەبلىك ياپونىيىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق خەلق مېدالىغا ئېرىشكەن. ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇتيەن جاۋفۇ ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ «ئۇزاق تاۋلانسا پولات بولۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ھەدىيە قىلغان.