UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرىجاپپار

جاپپار

چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول چولپىنى ئابدۇل جاپپار دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئاتاقلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ۋاسكېتبول ساھەسىدە «يادرو بومبا» دەپ ئاتالغان.18 ياش ۋاقتىدا جاپپار لوس - ئانژېلېس ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جاپپار تولۇپ تاشقان جىسمانىي قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ،40 مىنۇتلۇق كەسكىن ئېلىشىشتا باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن ئەركىن - ئازادە، يەڭگىل ئوينايتتى. بىر قېتىم ئۇ سەپداشلىرى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، زور ئۈستۈنلۈكتە غەلىبە قىلىدۇ. كۈتۈلمىگەن يەردىن، ئەتىسىدىكى گېزىتتە كۈچەپ ئوينىمىدى دەپ ئەيىبلىنىدۇ. بۇنىڭغا جاپپارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئازراقمۇ چارچىمىغانلىقى چىقىپ تۇرغان قىياپىتى سەۋەب بولغانىدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەسپىي كوماندىغا قاتنىشىدۇ.20 يىللىق ۋاسكېتبول ھاياتىدا ئۇنىڭ گارغا يۆگەپ توپ سېلىشى يۈزدەيۈز دېگۈدەك ئۈنۈملۈك بولغان. ئۇ كۆپ قېتىم ۋاسكېتبولدىكى يېڭى رېكورتلارنى ياراتقان.1980 - يىلى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەپكە كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق باھالاشتا ۋاقىت چېكى بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بەش كىشىلىك سەپ تاللاپ چىقىلغان. ئالتە قېتىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كېڭەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالانغان. ئون قېتىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كېڭەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى سېپىگە تاللانغان. ئالتە قېتىم ئامېرىكا بويىچە كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئالغان، ئۇدا ئىككى يىل ئەڭ ياخشى نومۇر ئالغۇچى بولغان، تۆت يىل ئەڭ ياخشى توپ قامال قىلغۇچى بولغان. ئۇ قاتناشقان كوماندا19 قېتىم ئامېرىكا بويىچە چولپان كوماندا بولغان. كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش يىلى بويىچە رېكورت ياراتقان، يەنى20 يىل مۇسابىقىگە قاتناشقان. كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىدە جەمئىي38387 نومۇر ئېلىپ، نومۇر ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىگە جەمئىي1560 مەيدان چۈشۈپ. مەيدان سانىدا رېكورت ياراتقان، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي3189 قېتىم توپ قامال قىلىپ رېكورت ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
جاپپار | UyghurWiki | UyghurWiki