گروئوس
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
گروئوس ئەسلىدىكى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ داڭلىق سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولۇپ،1984 - يىلى لوس − ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىككى ئالتۇن ۋە ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، «سۇ ئىچىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد» دەپ ئاتالغان.
گروئوس1964 - يىلى تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىنى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ «خۇرۇم شەھىرى» ئوففېنباختا ئۆتكۈزگەن. ئۇ يالغۇز بالا بولۇپ، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا بەكلا كۆيۈنەتتى. جىمىغۇر گروئوس سۇ ئۈزۈشنى تاللىغان چېغىدا، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ تاللىشىغا قوشۇلىدۇ.1978 - يىلى3 - نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوغلىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاتا - ئانىسى ئۇنى100 كىلومېتىر نېرىدىكى ئوففېنباختىن بېرلىنغا مۇسابىقە كۆرۈشكە ئاپىرىدۇ.
ئۈچ يىلدىن كېيىن گروئوس بىر مىنۇت59 سېكۇنت9 .1 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ200 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش چېمپىيونى بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ تۈرنىڭ ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.1982 - يىلى4 - نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە گروئوس200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ۋە200 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈشتە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ.1983
- يىلى گروئوس ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئارقا - ئارقىدىن200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش،200 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش ۋە200 ×4 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.1984 - يىلى لوس − ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا،200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ۋە100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈشتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ ھەمدە بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئولىمپىك رېكورتى بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.