UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرىمارادونا

مارادونا

چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى دۇنياغا داڭلىق «پۇتبول پادىشاھى» بىلى سەپتىن چېكىنىپ ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ، خەلقئارالىق توپ چولپانلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نامى بېللىنىڭ نامى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالمايدۇ.1986 - يىلى13 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاجايىپ ماھارەتلىك مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى دۇنيادىكى «يېڭى پۇتبول پادىشاھى» نامىغا ئېرىشىدۇ. مارادونانىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىدىن قارىغاندا،18 ياش چېغىدىلا ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن11 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشسا بولاتتى، ئەمما جاھىل ترېنېر مېنوتتى1960 - يىلى تۇغۇلغان مارادونانى يېشى كىچىك، ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارىغاچقا، مارادونا بىر قېتىملىق قىممەتلىك چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.1982 - يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مارادونا تۇنجى قېتىم كىشىلەرگە پۇتبول ماھارىتىدىن ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ. ئۇنىڭ توپ تاسقاپ ھەيدەشلىرى، پاس بېرىشلىرى، ئىككىنىڭ بىردىن ئۆتۈشتىكى قىسقا پاسلىرى، شۇنداقلا خەۋپ - خەتەرگە قارىماي زورلۇقچە ئۆزى يالغۇز بۆسۈپ كىرىشلىرى ئاجايىپ توپ چولپىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ۋە ساپانى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا گۆدەك بولغاچقا، بولۇشقا تېگىشلىك چوڭلارغا خاس سالاپەت كەملىك قىلاتتى. برازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇ قەستەن ئادەم تېپىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىزىل تاختا جازاسى بىلەن مەيداندىن قوغلىنىدۇ. بۇ ئىشتىن مارادونا بەكلا خىجالەت تارتىدۇ. مەغلۇبىيەت ئۇنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ.13 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇپ، كوماندىداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىدۇ، زىچ ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭ دەل جايىدا بەرگەن پاسلىرى، ۋاراتاغا ئۇرۇشلىرى، شۇنداقلا قەتئىي تەۋرەنمەي جەڭ قىلىش روھى بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە مارادونا بەش توپ كىرگۈزۈپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ناھايىتى زور تۆھپە قوشىدۇ. ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىشقان مەيداندا قارشى تەرەپنىڭ تۆت ئەزاسىدىن ئۆتۈپ كىرگۈزگەن بىر توپى شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئېسىل كىرگۈزۈلگەن توپ دەپ باھالىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
مارادونا | UyghurWiki | UyghurWiki