جېسسى ئوۋېنىس
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
11 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى1936 - يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى گىتلېر ھېچكىم گېرمانىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ دەپ جار سالغانىدى. ئەمما،100 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە، ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى ئوۋېنىس ئالدى بىلەن باشلامچى بولۇپ،10 سېكۇنت ئۈچ دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىغا تەڭلىشىپ، گىتلېرنى بىر تەستەك ئۇرغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئوۋېنىس يىراققا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە06 .8 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن يېڭى ئولىمپىك رېكورتىنى ياراتقان. كېيىن20 سېكۇنت يەتتە دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغان.100 ×4 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە بىرىنچى كالتەكتە يۈگۈرگۈچى بولۇپ، باشقا ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە39 سېكۇنت سەككىز دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئولىمپىكنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتقان. ئوۋېنسىنىڭ ئۆزى ئولىمپىكنىڭ تۆت ئالتۇن مېدالىنى ئېلىشتەك مۆجىزىنى ياراتقان.
ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىلا ئوۋېنىسنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە نامى بار ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن سىستېمىلىق مەشىق قىلغان.1935 - يىلى5 - ئايدا ئامېرىكىدىكى ئون ئۇنىۋېرسىتېت بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئوۋېنىس75 مىنۇت ئىچىدە بەش تۈردىكى دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ ۋە بىر تۈردە دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ، ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان ئاشۇ كۈن ئوۋېنىسنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ھاياتىدىكى خاتىرىلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان كۈن بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا تارىخىدىمۇ ئەڭ پارلاق بىر بەتنى ئاچقان كۈن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى13 .8 مېتىر يىراققا سەكرەش دۇنيا رېكورتى25 يىل ساقلانغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى زامان يېنىك ئاتلېتىكا تارىخىدا ساقلاپ قېلىنغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن دۇنيا رېكورتىدۇر.