موزېس
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
موزېس بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق400 مېتىرغا باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، «يېڭىلمەس گېنېرال» دەپ نام ئالغان.
موزېس ئامېرىكىلىق بولۇپ، كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولغان. ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، موزېسنىڭ تەنتەربىيە تالانتى ئاشكارىلانمىغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ3 - يىللىقىدا ئۇنىڭ يوشۇرۇن تەنتەربىيە ئىقتىدارى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ.1976 - يىلى موزېس ئامېرىكا ئولىمپىك ۋەكىللەر كوماندىسىغا تاللىنىپ،21 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا400 مېتىرغا باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشتە ئالتۇن مېدال ئالىدۇ ھەمدە47 سېكۇنت4 .6 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ، بىر سەكرەپلا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدىكى چولپانغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئالتە يىل دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالىنىدۇ.1980
- يىلى موزېس ئۈچىنچى قېتىم400 مېتىرغا باريېردىن ئاتلاش رېكورتىنى47 سېكۇنت3 .1 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن يېڭىلايدۇ.1983 - يىلى47 سېكۇنت2 .0 دەقىقىلىق ئەپسانىۋى نەتىجە بىلەن تۆتىنچى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلايدۇ.