لېۋىس
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىدا بىراقلا تۆت دانە ئالتۇن مېدال ئالغان يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسىدىن پەقەت ئىككىيلەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لېۋىس (يەنە بىرى ئوۋېنىس).1981
- يىلى لېۋىس ئۆزىنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان: زال ئىچى يىراققا سەكرەش تۈرىدە49 .8 مېتىرغا سەكرىگەن.1982 - يىلى ئۇ ئالدى بىلەن60 .8 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئۆزى ساقلاپ كەلگەن زال ئىچى يىراققا سەكرەش رېكورتىنى بۇزۇپ، ئۇلاپلا ئامېرىكا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا100 مېتىرغا10 سېكۇنت يۈگۈرۈشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتقان.1983
- يىلى6 - ئايدا لېۋىس ئىندىئانا شتاتىنىڭ پاۋگېيستا ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە79 .8 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن يىراققا سەكرەشتە بىرىنچى بولىدۇ، دۇنيا رېكورتىغا11 سانتىمېتىر كېمىپ قالىدۇ. ئۇلاپلا ئۇ200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە19 سېكۇنت5 .7 دەقىقىلىق ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.19 سېكۇنت2 .7 دەقىقىلىق دۇنيا رېكورتىغا پەقەتلا03 .0 سېكۇنت كېچىكىپ قالىدۇ.1983 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ ئۈچ ئالتۇن مېدال ئېلىپلا قالماي، ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە100 ×4 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋېتىدۇ.1984 - يىلى لوس - ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لېۋىس ئۇدا تۆت ئالتۇن مېدال ئېلىپ، «تۆت چېمپىيونلۇق پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.