UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرىبوبكا

بوبكا

چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (ھازىرقى ئۇكرائىنا)نىڭ خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى سېرگېي بوبكا بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ ئېگىزگە سەكرىگەن ئادەم بولۇپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇچقۇر ئادەم» دەپ نام ئالغان. بوبكا ئون يېشىدىن باشلاپ مۇنتىزىم مەشىق قىلغان.1983 - يىلى8 - ئايدا خېلىنسكىيدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە،20 ياشلىق بوبكا بىر سەكرەپلا70 .5 مېتىردىن ئۆتۈپ چېمپىيون بولىدۇ.1984 - يىلىدىن1987 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش دۇنيا رېكورتىنى يەتتە قېتىم يېڭىلايدۇ ھەمدە تۇنجى ئالتە مېتىرلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكۈچى بولۇپ قالىدۇ. ھازىر ساقلاۋاتقان دۇنيا رېكورتى13 .6 مېتىر. بوبكا مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدا جىمىغۇر، مۇلايىم، كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقى كېلىدىغان ئادەم، بوش ۋاقىتلىرىدا تېننىس ئويناشقا ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن، ئىنگلىز تىلىنى بىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى