نافولا تىللوۋا
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
60 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سابىق چىخوسلوۋاكىيىنىڭ پايتەختى پراگاغا يېقىن بىر كىچىك بازاردا، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك قۇياش كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بەردەم كەلگەن بىر قىز ھەمىشە كوچىدا پراگاغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوموبىلنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغلايتتى. يېتىشىۋالغاندىن كېيىن، تېننىس مەشقىگە كىرىشەتتى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن نافولا تىللوۋا ئىسىملىك بۇ قىز دۇنيا تېننىس ساھەسىدىكى چولپانغا ئايلىنىدۇ.1976
- يىلى ۋاشىنگتون قىش پەسىللىك تېننىس مۇسابىقىسىدە،19 ياشلىق نافولا تىللوۋا دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر كرېس ئېۋرتنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە30 - يىللىرىدىكى خېلىن جاكوبۇس ياراتقان ئارقىمۇئارقا تۆت قېتىم ئامېرىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ.
نافولا تىللوۋا ھازىرقى زامان تېننىس تارىخىدا يېڭى سەھىپە ياراتقان.1982 - يىلى93 مەيدان مۇسابىقىدە90 مەيدان غەلىبە قىلىپ، خەلقئارا تېننىس كېڭەشمىسى تەرىپىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال تېننىس تەنھەرىكەتچىسى دەپ باھالانغان.1983 - يىلى66 مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىرلا مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ، ئۇدا تۆت قېتىم ۋېنبلېدون چېمپىيونى بولغان.38 دۆلەتنىڭ گېزىتلىرى بىرلىكتە ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە چولپىنى دەپ باھالىغان.