ۋېت
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ ئاياللار فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى كاترىننا ۋېت بۈگۈنكى دۇنيادىكى «فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش خانىشى» دەپ نام ئالغان. ئۇ ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى. تۆت نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون، ئالتە نۆۋەت ياۋروپا چېمپىيونى، سەككىز نۆۋەت دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ مەملىكەتلىك چېمپىيونى (ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر2468 دەپ ئاتايدۇ) بولغان.
ۋېت داڭلىق كارل ماركس شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىدىكى «مۇز ئۈستىدىكى تۆمۈر ئايال» ئۇتا مىلنى ئۇستاز تۇتۇپ، شالجوفچە ئۈچ ئايلىنىپ سەكرەشتەك قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېلىشكەن قامىتى ھەم ئىپادىلەشچانلىقى ئۇنىڭ فىگۇرىلىق مۇز تېيىلىش ماھارىتىنى ھەم خەتەرلىك كۈرۈنۈشكە، ھەم نەپىس شەكىلگە ئىگە قىلغان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان جەلپكارلىققا تولغان. مۇتەخەسسىسلەر ۋېتنى «مۇز ئۈستى ئۇسسۇلىنى يېڭى بىر دۇنياغا، يېڭى يۈكسەكلىككە ۋە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا باشلاپ كىردى» دەپ باھالىغان.
ۋېتنىڭ ترېنېرى ئۇتا مىل ۋېتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ تۇغما فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان روھقا ۋە ئارزۇغا ئىگە، مۇسابىقىدە تاماشىبىنلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئىنتىلىپلا تۇرىدۇ، دېگەن.