جوردان
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول ساھەسى (ABN) ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن چولپىنى مايكىل جورداندۇر. ئۇ «تەڭرىمۇ توپ كىيىمى كىيىپ، ئۇنىڭ ۋاسكېتبولدىكى ئۇچقۇرلۇقىنى توسۇپ قالىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن» دەپ تەرىپلەنگەن.
جوردان1984 - يىلى ABNغا كىرىپ، كېيىنكى يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر بولۇپ باھالانغان.1988 -،1991 -،1992 - يىللىرى ئۈچ قېتىم ABNنىڭ ئەڭ قىممەتلىك توپچىسى بولۇپ باھالىنىپ، چىكاگو بۇقا كوماندىسىنىڭ ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي ۋاسكېتبول ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىملىق چېمپىيون بولۇشىغا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. جوردان ABN تارىخىدىكى ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان توپچى. ئۇ قاتناشقان667 مەيدان مۇسابىقىدە ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن3 .32 نومۇر (جەمئىي21541 نومۇر) ئېلىپ، ئۇدا يەتتە يىل ABNنىڭ «نومۇر ئېلىش پادىشاھى» نامىغا ئېرىشكەن ھەمدە1984 - ۋە1992 - يىلى ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ۋاسكېتبول ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن.1993 - يىل10 - ئاينىڭ6 - كۈنى30 ياشلىق جوردان چىكاگودا سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، كالتەك توپ ئويناشقا كۆچكەن.