لوكانىس
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
1976 - يىلى مونترېئال ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا16 ياشلىق ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لوكانىس بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل تۈردە دۇنيا سەۋىيىسىگە ئىگە سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالىدۇ، ھەربىر مەيداندا دېگۈدەك ئۇنىڭ ماھارىتى مۇكەممەللىككە يېقىنلىشىدۇ.1984 - ۋە1988 - يىللىق ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ سەكرەش تاختىسىدىن سەكرەش ۋە سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرەش ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشىدۇ.1982
- يىلى يازدا، لوكانىس دۇنيا سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىچىگە ئۆرۈلۈپ بىر يېرىم ئايلىنىشتەك قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتنى ئىشلەيدۇ. يەتتە رېپىرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تولۇق نومۇر بېرىدۇ. بۇنداق ئىش خەلقئارا چوڭ مۇسابىقىلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. لوكانىس پەقەت قانائەت قىلمايدۇ، سۇغا سەكرەش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدۇ.1983 - يىلى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى يېڭى ھەرىكەتتىن ئۈچنى قوشۇپ ئورۇنداپ، ئەتراپتىكىلەرنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
لوكانىس بىر يېرىم ياش ۋاقتىدا ئۇسسۇل مەشقىگە كىرىشىپ، ئۈچ يېشىدا سەھنىدە ئويۇن كۆرسەتكەن. كېيىن يەنە ماھارەت ئۆگەنگەن ھەمدە مۇسابىقىگە قاتناشقان، توققۇز يېشىدىن باشلاپ سۇغا سەكرەشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «سۇغا سەكرەش شېئىردەك نەپىس بولۇشى كېرەك» دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىغان. تا بۈگۈنگىچە دۇنيادا تېخى ھېچ بىر سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ھەرىكەتنى لوكانىستەك كۆركەم، نازاكەتلىك، بىمالال، شېئىر كەبى جەلپلىك ئورۇنداپ باققىنى يوق.