بورىگ
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
بورىگ14 يېشىدىلا شۋېتسىيىنىڭ ئۆسمۈرلەر تېننىس مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. بەش يىلدىن كېيىن «داۋىس لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، بۇ ھەم شۋېتسىيىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى تۇنجى قېتىملىق غەلىبىسى ئىدى.20 يېشىدىن باشلاپ ئۇدا تۆت نۆۋەتلىك ۋېنبلېدون مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق تاجىنى قولدىن بەرمىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بورىگ دۇنيا تېننىس ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىر بولۇپ قالغان.
بورىگ مۇسابىقىدە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تەمكىنلىككە ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىرادىگە ئىگە. ئۇ شۋېتسىيىنىڭ «جەڭدە غەلىبە قىلالمىساڭ، جەڭ قىلىپ ئۆل!» دېگەن ھېكمىتىنى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى قىلغان.1984 - يىلى ۋېنبلېدون تېننىس مۇسابىقىسىدە ئۇ بىرىنچى ئايلانمىدىلا شىددەت بىلەن توپ باشلاش، ھەمىشە توپنى سېتكا ئالدىدا كېسىپ ئېلىش ھەم يۇقىرى بېسىم بىلەن ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ئىگە ئامايا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلگەن بورىگ تەمكىنلىك بىلەن كۆپ ئۆزگىرىشلىك توپ يوللىرى ۋە پەم بىلەن لەيلىتىپ توپ چۈشۈرۈشلىرى بىلەن ئامايانى قاتتىق توپ ئۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆزىگە خاس پىرقىرتىش كۈچى زور بولغان توپنى كۆتۈرۈپ ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن ئۇدا نومۇر ئېلىپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.