ئىسپانىيىدىكى بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىسى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
ئىسپانىيىدە بۇقا بىلەن ئېلىشىش مەيدانىدىن400 دىن ئارتۇقى بار، ھەر يىلى5000 قېتىمدىن كۆپ بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ30 مىليوندىن كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.
ئىسپانىيىدىكى بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىسى قەدىمكى زاماندىكى ئوۋچىلىقتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.12 - ئەسىردە گاسترىيە شاھى ئافانسو Ⅶ نىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا بۇقا بىلەن ئېلىشىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلىنغان. رەسمىي بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىسى مەخسۇس بۇقا بىلەن ئېلىشىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇقا بىلەن ئېلىشىش مەيدانى يۇمىلاق شەكىللىك قۇملۇق يەر بولۇپ، دىئامېتىرى80 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. مەيدان ئەتراپىدا ئىككى مېتىردىن ئېگىزرەك يېشىل توسۇق تاختا بار، توسۇقنىڭ كەينىدە ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى يانتۇ كۆرۈش سۇپىسى بولۇپ، پەلەمپەينى بويلاپ ئېگىزلەپ بارىدۇ. توسۇق تاختىنىڭ ئالدىدا بەلگىلىك ئارىلىقتا بىردىن ياغاچ تام بولىدۇ، ئەگەر بۇقا قوغلاپ كەلسە، بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى تامنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۆزىنى ۋاقتىنچە دالدىغا ئالىدۇ.
بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىسىدە ۋاقىت توشقان ھامان رېپىرى مەيداندا ھازىر بولىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەن مۇزىكا ساداسى ياڭراپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى قارا تىۋىت رەختتىن تىكىلگەن ئەمەلدارلىق كىيىمى كىيىۋالغان ئىككى يېتەكچى قاۋۇل ئاتلارغا مىنىپ مەيدانغا كىرىپ كېلىدۇ، ئارقىسىدىن زەر يىپ ۋە كۈمۈش يىپتا كەشتىلەنگەن، بەدىنىگە چىپ كېلىدىغان بۇقا بىلەن ئېلىشىش كىيىمى كىيگەن بىر ئاساسلىق، بىر قوشۇمچە بولۇپ بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى ئىككى ئەزىمەت ۋە بىرنەچچە بايراقچى كىرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتە نەيزىچى كەڭ گىرۋەكلىك كىگىز شىلەپە، بەدىنىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىپ، ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك تۆمۈر قاپلىما ئارتىلغان ئاتلارغا مىنىپ، ئۇزۇن نەيزە تۇتقان ھالدا كىرىپ كېلىدۇ، ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك تار چاپان، تىزىغا كېلىدىغان ئىشتان كىيگەن، بېلىگە چاقناپ تۇرىدىغان كەڭ قىزىل بەلۋاغ باغلىغان، پۇتىغا ئۆتۈك كىيگەن، قولىغا ۋالىلداپ تۇرغان، دەستىسى رەڭلىك تاۋار بىلەن ئورالغان ئاتار نەيزە تۇتقان سەككىز ئاتار نەيزىچى كىرىدۇ.
ھەربىر مەيدان مۇسابىقە ئالتە بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەربىر بۆلەكتە بىر بۇقا بىلەن ئېلىشىدۇ، ھەربىر بۆلەك20 مىنۇتتەك داۋاملىشىدۇ. بۇقىنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقىنىڭ ساپ نەسىللىك بۇقىسى بولۇپ، ئېغىرلىقى500 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. بۇقا بىلەن ئېلىشقاندا، كاناي چېلىنىشى بىلەن يوغان بىر بۇقا بىر ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئارقىسىدىن كۆزلىرى ئېتىلگەن، قورسىقى خۇرۇمدا يېپىلغان ئاتلارغا مىنگەن ئىككى چەۋەنداز قوللىرىغا ئۇزۇن دەستىلىك نەيزە تۇتقان ھالدا چىقىدۇ. چەۋەنداز نەيزىنى بۇقىنىڭ مۈرە تەرىپىگە قارىتىپ سانجىيدۇ، بۇقا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭغا نەيزە ئاسانلا سانجىلىپ، قېنى ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئىككى چەۋەنداز كەلگەن يولى بويىچە قايتىپ كېتىدۇ. ئارقىدىن قەدىمچە كىيىم كىيگەن، قوللىرىغا ئاتار نەيزە تۇتقان ئۈچ كىشى كىرىپ كېلىدۇ، ئۇلار بۇقىغا ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كېلىپ، ئاتار نەيزىلىرىنى بۇقىنىڭ دۈمبىسىگە سانجىيدۇ، بۇقا ئاغرىققا چىدىماي تەلۋىلەرچە پىتىراشقا باشلايدۇ، مانا مۇشۇ ۋاقىتتا بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى ئاندىن مەيدانغا كىرىدۇ.
بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى قولىغا بىر پارچە قىزىل رەخت تۇتۇۋالغان، شەمشەر ئېسىۋالغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇقا ئېغىر يارىلانغاچقا، تېخىمۇ تېرىكىپ، مىدىراۋاتقان قىزىل رەختنى كۆرگەن ھامان ئېتىلىپ كېلىدۇ، ئېلىشقۇچى ئۆزىنى چەبدەسلىك بىلەن تارتىپ، قىزىل رەختنى تەۋرىتىپ بۇقىنى جەلپ قىلىپ، پۇرسەت تېپىپ شەمشىرىنى چىقىرىپ بۇقىنىڭ ئارقا مېڭە تەرىپىگە سانجىيدۇ، بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى ماھىر ئادەتتە بىر شەمشەر بىلەنلا بۇقىنىڭ جېنىنى ئالالايدۇ، تاماشىبىنلار بۇقىنىڭ قانغا بويىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرگەندە گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىتىدۇ.