UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرىياپونىيىلىكلەرنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى

ياپونىيىلىكلەرنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى

چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ياپونىيىلىكلەر ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇپ3 - كۈنى تۇنجى قېتىم يۇيۇندۇرۇلىدۇ.7 - كۈنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسىم قويۇلىدۇ. كىشىلەر بوۋاقنىڭ كىندىكى ۋە بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، ئىسىم - فامىلىسى، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان خەتنى ئىلاھ تەكچىسى ياكى بۇتسۇدانغا قويۇپ ساقلايدۇ، قىز ياتلىق بولغاندا ياكى ئوغۇل جەڭگە ئاتلانغاندا، ئۇلارنى تەڭ ئېلىپ بارىدۇ. ئوغۇل تۇغۇلۇپ31 كۈنلۈك، قىز32 كۈنلۈك بولغاندا، ئۇلارغا مۇراسىم كىيىمى كىيدۈرۈلىدۇ، كىيىمنىڭ يىپى بالىنىڭ بوينىغا يۆگىلىدۇ، ئاندىن مومىسى ياكى ئانىسى ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يەرلىك ئىلاھنى تاۋاپ قىلغىلى بارىدۇ.100 كۈنلۈك بولغاندا ئېغىزلاندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بالىنىڭ ئالدىغا چوڭلارنىڭ تامىقى بىلەن ئوخشاش بىر كىشىلىك تاماق قويۇلىدۇ، بۇ تاماق قىزىل ماشتا ئېتىلىدۇ، قورۇما پۈتۈن بېلىق ۋە شورپا بولىدۇ. بالا بىر تال قىزىل ماش يېسىمۇ بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. بالا بىر ياشقا كىرگەندە «چەك تارتىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىغا دېھقانچىلىق سايمانلىرى، قەغەز - قەلەم ۋە چوت قويۇلىدۇ، قىز بالىنىڭ ئالدىغا قايچا، مېتىر، يىپ - يىڭنە قويۇلۇپ، بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى خاراكتېرى ۋە كەسپىگە پال ئېچىلىدۇ. بالا20 ياشقا كىرگەندە قۇرامىغا يەتكەنلىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوغۇل بالىنىڭ چاچ پاسونى چوڭلارنىڭ چاچ پاسونىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، قىز بالا قۇرامىغا يەتكەنلەر كىيىمى كىيىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى1 - ئاينىڭ15 - كۈنىنى قۇرامىغا يەتكەنلىك بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن، بۇ كۈنى20 ياشقا كىرگەن ھەربىر ئوغۇل - قىز ئەنئەنىۋى كىمونو ياكى كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتارىغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىشىدۇ. ياپونىيىلىكلەرنىڭ توي مۇراسىمى ئوغۇل، قىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىلاھ ئالدىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، بۇت ئالدىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، چېركاۋدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ۋە ئائىلىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلگە بۆلۈنىدۇ. تويدىن بۇرۇن ئوغۇل تەرەپ قىز كۆچۈرىدىغان خاسىيەتلىك كۈننى بېكىتىپ، ئەلچى ئارقىلىق قىز تەرەپكە ئۇقتۇرىدۇ. شۇ كۈنى يىگىت ئەلچى بىلەن قىزنى كۆچۈرۈشكە بارىدۇ. قىز كۆچۈرىدىغان كۈنى ئانا قىزنىڭ چېچىنى تۈگۈپ، يېڭى يوپكا، يېڭى ئاياغ كىيدۈرۈپ قويىدۇ. كېلىنلەرنىڭ بەزىلىرى تەختىراۋاندا ئولتۇرىدۇ، بەزىلىرى ئاتقا مىنىدۇ، كەمبەغەل ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى بولسا، يۈدۈپ قىز كۆچۈرگەنلەرنىڭ ھىمايىسىدە ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. كېلىن ئوغۇلنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە قارىغاي شېخى ياكى شىۋاققا يېقىلغان ئوتتىن سەكرەپ ئۆتىدۇ، قېينانا ئاشخانا ئالدىدا كېلىنگە بىر ئىستاكان سۇ بېرىدۇ، كېلىن بۇ سۇنى چوقۇم ئىچىپ بولۇشى كېرەك. كېلىن ئايال ئەلچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆيگە كىرىپ، ئۆيگە ئالدىن كىرىپ بولغان يىگىت بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرىدۇ، ئاندىن يىگىت بىلەن قىز ئۆزئارا سالام بېرىشىپ، قەدەھ سوقۇشتۇرۇشىدۇ، ئەلچى بەخت تىلەيدىغان قەدىمىي ناخشا «تاكاساگو ناخشىسى» نى ئېيتىدۇ. ياپونىيىدە ماتەم مۇراسىمى ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى تېزدىن تۈز ياتقۇزۇپ قويۇپ، ياستۇقىنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ پېشانىسىگە ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك لاتا ياكى قەغەز چاپلاپ قويۇلىدۇ، بۇ «تاج» دېيىلىپ، ئۇنىڭ ئۇ ئالەمدىكى باش كىيىمى بولىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى ناخشىغا قېتىپ ھازا ئاچىدۇ. جەسەتنى ئۇزاتقاندا كونا ئادەت بويىچە جەسەت ساندۇقىنى كىشىلەر ئادەتتە ھويلىنىڭ كىرىپ - چىقىدىغان چوڭ ئىشىكىدىن ئاچىقماي، كىچىك ئىشىكتىن ئاچىقىدۇ ياكى بىراقلا ھويلا تېمىدىن تۆشۈك ئېچىپ، جەسەت ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تېزدىن قوپۇرۇپ قويىدۇ. مېيىت ئۇزاتقاندا ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى ئەرۋاھ تاختىسىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلار بېشىغا ئاق يۆگەپ، جەسەت ساندۇقىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ. يەرلىككە كەلگەندە، جەسەت ساندۇقى يەرلىكنى بويلاپ ئۈچ ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن يەرلىكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ، مېيىت ئۇزىتىدىغان ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كۆمۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرى
ياپونىيىلىكلەرنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki