مىلاد بايرىمى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
مىلاد (روژدېستۋو) بايرىمى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كۈن ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. روژدېستۋو بايرىمى ئادەتتە12 - ئاينىڭ24 - كۈنى كېچىدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى يىلى1 - ئاينىڭ6 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە12 - ئاينىڭ24 -،25 - كۈنلىرى ئاساسلىق كۈنلەر ھېسابلىنىدۇ.
بايرامنىڭ ئالدىدا كىشىلەر ئۆزگىچە تورت ياساش ۋە يولكا تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ. ئالاھىدە تورت شامشاد ياكى ئارچا دەرىخىنى بېزەپ مۇنار شەكلىدە ياساش بىلەن ئالدراش بولىدۇ. دەرەخكە قىزىل، ئاق شاملار ۋە كىچىك دۆلەت بايراقلىرى ئېسىپ قويۇلىدۇ، دەرەخنىڭ ئۇچىغا پارقىراق نەرسە قويۇلىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە يولكىنى ئاق، ئاچ قىزىل ياكى كۆك رەڭدە بوياپ قويىدۇ، دانىيىلىكلەر دەرەخنىڭ ئەسلىي يېشىل رەڭگىنى ياقتۇرىدۇ.
مىلاد بايرىمى غەربلىكلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەم بولىدىغان، ئۆزئارا سوۋغا بېرىشىدىغان، بالىلار ئەڭ خۇشال بولىدىغان بايرىمى. بۇ كۈنى قاش قارايغاندا كىشىلەر چېركاۋغا بېرىپ تىلاۋەت قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ بايراملىق مول زىياپەتكە ئولتۇرۇشىدۇ. تاماق ئۈستىلىگە كۆپىنچە بىر ئورۇندۇق ۋە بىر يۈرۈش قاچا - قۇچا ئارتۇق قويۇلىدۇ، بەزىلەر بۇنى «پەيغەمبەر» گە تەييارلاپ قويۇلغان دېيىشسە، يەنە بەزىلەر بۇنى يولدىن ئۆتكۈچىلەرگە ئاتاپ تەييارلانغان دېيىشىدۇ. بايراملىق يېمەكلىك تۈجۈپىلەپ تەييارلىنىدۇ. تورتقا قايماق ياكى مېۋە قىيامىدا «روژدېستۋو بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلىدۇ، ئەتراپىغا «روژدېستۋو» شامى سانجىلىدۇ. بايرامدىكى كەچلىك زىياپەت بىلەن چۈشلۈك زىياپەتتە ئامېرىكىلىقلار كۈركە توخۇ كاۋىپى يەيدۇ، بەزى دۆلەتتىكىلەر چوشقا، غاز ياكى ئۆردەك كاۋىپى يەيدۇ. ھەر خىل پېچىنە - پىرەنىكلەر يۇلتۇز، ئاي، گۈلچەمبىرەك، يولكا ۋە روژدېستۋو بوۋاي شەكلىدە ياسىلىدۇ.
كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن، يورۇق شام نۇرىدا كۆپچىلىك قوللىرىنى قوللىرىغا تۇتۇشۇپ، يولكىنى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ، بۇ جەرياندا يەنە «روژدېستۋو بوۋاي» سوۋغا بېرىدۇ. بۇ «روژدېستۋو بوۋاي» ئەمەلىيەتتە قېرى بولماستىن، بەلكى ھەمىشە ئائىلىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى ئۇنىڭ رولىنى ئالىدۇ، ئۇ بېشىغا قىزىل بۆك، ئۇچىسىغا قىزىل نىمچە كىيىدۇ، بەلۋاغ باغلايدۇ، ئۆتۈك كىيىدۇ، دۈمبىسىگە چوڭ تاغاردا سوۋغا ئارتىۋالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، روژدېستۋو بوۋاي ھارپا كۈنى ئاخشىمى تۇرخۇندىن كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىدىكەن، شۇڭا بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايىغىنى مەشنىڭ يېنىغا قويۇپ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئىچىدىن سوۋغا تېپىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ھازىر مودا بولۇۋاتقان روژدېستۋو بايرىمىلىق ئاتكىرىتكا تەقدىم قىلىشنى ئەنگلىيىلىكلەر1843 - يىلى ئىجاد قىلغان.