UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرىقىيمىلىق تاۋا نېنى كولباسا قىستۇرۇلغان بولكا ۋە ساندۋىچ

قىيمىلىق تاۋا نېنى كولباسا قىستۇرۇلغان بولكا ۋە ساندۋىچ

چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تامىقى ئاسىيالىقلارنىڭ ھەربىر ۋاخ تاماقنى ئايرىم ئەتكىنىگە قارىغاندا خېلىلا ئاددىي. ئۇلار ئادەتتە ئەتىگىنى بولكا، سۈت، مېۋە شەربىتى، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ؛ چۈشتە كۆپىنچە سىرتتا تاماق يەيدۇ، بۇنىڭدا نەچچە پارچە ساندۋىچ، بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋە ۋە بىرنەچچە تال بانان بولسىلا كۇپايە. كەچلىك تامىقى مولراق بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر - ئىككى خىل قورۇما، ئازراق پېچىنە - پىرەنىك ۋە مېۋىدىنلا ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن تېز تاماق ھازىرقى زامان ئامېرىكا يېمەك - ئىچمىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان. ھامبۇرگ بولكىسى، قىيمىلىق تاۋا نېنى ئارىسىغا كولباسا ئېلىنغان بولكا ۋە ساندۋىچلار ئەڭ داڭلىق تېز تاماق يېمەكلىكلىرىدۇر. «ھامبۇرگ بولكىسى» يۇمىلاق بولكىغا كالا گۆشى ياكى توخۇ گۆشى، كولباسا، تۇخۇم قاتارلىقلار قىستۇرۇلغان يېمەكلىك بولۇپ، تۈرى ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلغان گۆش ۋە كۆكتاتنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ. «قىيمىلىق تاۋا نېنى» ئىتاليانچە قىيمىلىق تاۋا نېنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ قىيمىسى توخۇ گۆشى، كالا گۆشى، سۈرلەنگەن چوشقا گۆشى، كولباسا، موگۇ، پىياز، قايماق قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىپ، قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ خېمىرى چۈرۈك، قىيمىسى تەملىك بولىدۇ. «كولباسا قىستۇرۇلغان بولكا» دەسلەپتە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن.1904 - يىلى گېرمانىيىلىك كۆچمەن ئانتون فوكۋېنگېر ساينت - لۇئىس شەھىرىدە سۈرلەنگەن كولباسا ساتقان. ئۇنىڭ كۈمۈش قاچا - قۇچا سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەن، شۇنداقتىمۇ قىزىق كولباسانى خېرىدارلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ - دە. شۇنىڭ بىلەن فوكۋېنگېر خېرىدارلارنىڭ قولىنىڭ كۆيۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كولباسانى تۇتۇپ يېيىشكە بىرمۇنچە پەلەي تەييارلىغان، لېكىن پاسكىنا پەلەينى يۇيۇشقىمۇ بىرمۇنچە چىقىم قىلغان، يەنە تېخى بەزى خېرىدارلار كولباسانى يەپ بولۇپ لەپەينىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېڭى بىر چارە ئويلاپ تاپقان، يەنى قىزىق كولباسانى ئوتتۇرىدىن كېسىلگەن كىچىك بولكا ئارىسىغا قىستۇرۇپ ساتقان، بۇنىڭ بىلەن يېڭى تەييار يېمەكلىك — «كولباسا قىستۇرۇلغان بولكا» بارلىققا كەلگەن. ساندۋىچ ئەسلىدە ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر كىچىك يەرنىڭ نامى بولۇپ،1785 - يىلى ئەتراپىدا جون مونتاگۇئى ئىسىملىك كىنەز سىياسىي پائالىيەتتىن چېكىنىپ، ئۆيىدە تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. ئۇ قارتا ئويناشقا ئامراق بولۇپ، بىر ئوينىسىلا تاماقنىمۇ ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاشپىزى گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنى بولكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، ئۇنىڭ قارتا ئوينىغاچ يېيىشىگە تەييارلىغان. بۇ يېمەكلىكنى تەييارلىماق ئاسان، تەملىك، ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق بولغاچقا، پەيدىنپەي ئەتراپقا تارقىلىشقا باشلىغان. كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن يەرنىڭ نامى بىلەن ئۇنى «ساندۋىچ» دەپ ئاتىغان. ساندۋىچ mm3~ mm8 قېلىنلىقتىكى بولكا پارچىسىدىن ياسىلىپ، ئىچىگە گۆش، تۇخۇم، پىشلاق، كۆكتات، ۋە مېۋە قىستۇرۇلىدۇ، ماي ۋە سۇنىڭ بولكا قېتىغا سىڭىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بولكىغا بىر قات سېرىق ماي سۈركىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرى
قىيمىلىق تاۋا نېنى كولباسا قىستۇرۇلغان بولكا ۋە ساندۋىچ | UyghurWiki | UyghurWiki