برازىلىيىنىڭ تەنتەنە كارنىۋال بايرىمى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
ھەر يىلى2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى گۈزەل دۆلەت — برازىلىيىگە ئۈچ كۈنلۈك تەنتەنە بايرىمىنى كۆرۈشكە سەلدەك ئاقىدۇ. گەرچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تەنتەنە بايرىمى بولسىمۇ، لېكىن برازىلىيىنىڭ تەنتەنە بايرىمى ئۆزگىچىلىككە ئىگە، ئۇ ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ.
برازىلىيىنىڭ كونا پايتەختى رىئودې - ژانېيرودا تەنتەنە بايرىمىنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولۇپ، بايرام بولىدىغان ئۈچ كېچە - كۈندۈزدە ئاھالىلەر شەھەر بويىچە ھەرىكەتلىنىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى قائىدە - يوسۇنلارنى قايرىپ قويۇپ، قانغۇچە كۆڭۈل ئاچىدۇ. شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا بايراملىق «خان»، «خانىش» لارنىڭ قوشۇنىغا ئەگىشىۋالغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر نىقاب تاقاپ، ياغاچ پۇت تاقاپ، رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشىپ، ئوركېستىرنى يولباشچى قىلىپ، ھەر خىل رىۋايەت، چۆچەكلەرنى ھەمدە ئەمەلىي تۇرمۇشنى تېما قىلغان كومېدىيىلىك، كىنايىلىك تىياتىرلارنى ئورۇندايدۇ ۋە نېگىر، ئىندىئان ئۇسسۇلى قاتارلىق مىللىي ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ. بېزەلگەن ماشىنىدىكى كىنو چولپانلىرى، داڭلىق ناخشىچىلار ۋە ھەر خىل شەكىللەر كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
تەنتەنە بايرىمىدىكى ئاساسلىق پائالىيەت — سامبا ئۇسسۇلى ئويناش. سامبا ئۇسسۇلىنىڭ ھەرىكىتى تېز، جانلىق، كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ جىددىيلەشتۈرىدۇ، رىتىمى تېز، ھەرىكىتى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەر ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇلنىڭ تارىخى ئۇزۇن، برازىلىيىدە نۇرغۇن سامبا ئۇسسۇل مەكتىپى تەسىس قىلىنغان، تەنتەنە بايرىمىدا كىشىلەر دەرىجىسى بويىچە ئۇسسۇل مۇسابىقىسى قىلىشىدۇ. يەنە سامبا ئۇسسۇل كۇلۇبىنىڭ ئويۇنلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەرىكەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىشىدۇ. تاماشىبىنلارمۇ ھاياجانلىنىپ، ئۇسسۇل رىتىمىغا ماسلىشىپ مەيدانغا چۈشىدۇ، سەھنىدە ۋە سەھنە ئاستىدا كىشىلەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.
تەنتەنە بايرىمى برازىلىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە برازىلىيە مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.1910 - يىلىدىن باشلاپ برازىلىيە مۇزىكانتلىرى ھەر يىلى تەنتەنە بايرىمى ئۈچۈن يېڭى مارش مۇزىكىسى، سامبا مۇزىكىسى، لىرىك ناخشا - مۇزىكىلار ۋە قىزىقچىلىق ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغان؛1918 - يىلى ئىجاد قىلىنغان مۇزىكا ئاران سەككىز ئىدى،1930 - يىلى كۆپىيىپ130 دىن ئاشقان، ھازىر ھەر يىلى بەش - ئالتە يۈزگە يەتكەن. تەنتەنە بايرىمىلىق سەنئەت ئىجادىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن، يەنە ئەڭ ياخشى ئەسەر باھالاش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىپ، مۇنەۋۋەر مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل ۋە ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى تەقدىرلىنىدۇ.