UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرىپاسخا بايرىمى

پاسخا بايرىمى

چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى پاسخا بايرىمى خرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەش بايرىمى. ئۇ ياۋروپا - ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە روژدېستۋو بايرىمىدىن قالسىلا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدىغان چوڭ بايرام. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىيسا پەيغەمبەر كرېستقا مىخلانغاندىن كېيىن، قايتىدىن تىرىلىپ ئەرشكە چىقىپ كەتكەنىكەن. نىتسېئا يىغىنىدا ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىپ، ئاي تولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى «پاسخا بايرىمى» قىلىپ بېكىتىلگەن. پاسخا بايرىمىدا دىنىي مۇراسىملاردىن باشقا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرى بار. ئەنگلىيىدە كىشىلەر تېمس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى بېتسى باغچىسىدا گىرىم قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. سېرك ئۆمىكىنىڭ قىزىقچىلىرى ياغاچ پۇتتا ماڭىدۇ ياكى غەلىتە ۋېلىسىپىتلارنى مىنىۋالىدۇ؛ ئۇ يەردە بالىلار ياقتۇرىدىغان چاشقان مىككى، شوتلاندىيىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋولىنكا مۇزىكا ئەترىتى، بالىلار رول ئالغان ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى ئوردا قاراۋۇللىرى قاتارلىقلار بار. گرېتسىيىدە سىمۋول خاراكتېرىدە ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مېكسىكىنىڭ بەزى جايلىرىدا يۇدانىڭ تەقلىدىي سۈرىتى كۆيدۈرۈلىدۇ. يۇدا «ئىنجىل» ھېكايىلىرىدە ئىيسا پەيغەمبەرگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەم. ئامېرىكىدا پاسخا بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى زۇڭتۇڭ ئاقسارايغا مېھمان چاقىرىپ، «رەڭلىك تۇخۇم دومىلىتىش» ئويۇنىغا بالىلىرى بىلەن بىللە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بالىلار قىزغىن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەڭلىك بويالغان، باياشاتلىق ۋە بەختكە سىمۋول قىلىنغان پىششىق تۇخۇمنى چىملىقتا دومىلىتىپ ئوينايدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باغچىلاردىمۇ بالىلار ئۈچۈن پاسخا بايرىمىلىق تۇخۇم دومىلىتىش ئويۇنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرى
پاسخا بايرىمى | UyghurWiki | UyghurWiki