UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرىياۋروپا - ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئاياللىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى

ياۋروپا - ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئاياللىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى

چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ياۋروپا - ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرى رولى ۋە سورۇنغا قاراپ مۇراسىم كىيىمى، كەسىپ كىيىمى، تەنھەرىكەت كىيىمى، ئائىلە كىيىمى ۋە كۆڭۈل ئاچقاندا كىيىدىغان كىيىم قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.1 . مۇراسىم كىيىمى: توي كىيىمى ئادەتتە ئۇزۇن كۆڭلەك شەكلىدە بولۇپ، ياقىسى تار، يېڭى ۋە ئېتىكى ئۇزۇن بولىدۇ، بۇنى كىيگەندە ئۈستىگە رومال ئارتىپ، گۈل قىستۇرۇۋالىدۇ. تۇنجى توي قىلغان كېلىننىڭ كىيىمى ئاپئاق بولىدۇ، قايتا توي قىلغان كېلىننىڭ سۇس رەڭلىك بولىدۇ. چۈشلۈك مۇراسىم كىيىمى كۈندۈزدىكى يىغىن ۋە مۇراسىملاردا كىيىدىغان كىيىم بولۇپ، بۇ ئۈستىگە كىيىدىغان ئازادە چاپان ۋە ياقىسىغا كېپىنەك شەكىللىك تۈگۈنەك چىقىرىلغان، كۆپتۈرمە يەڭلىك گارمون كۆڭلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەچلىك مۇراسىم كىيىمى كەچلىك كۈتۈۋېلىش يىغىنى، مېھماندارچىلىققا قاتناشقاندا كىيىدىغان رەسمىي كىيىم. بۇنىڭدا كۆپىنچە ئۇزۇن كۆڭلەڭ بىلەن پەلتو، مۈرە يېپىنچىسى قاتارلىقلار ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئادەمنىڭ كۆكرەك، مۈرە ۋە بىلەك قىسمىنى كۆپرەك ئېچىپ تۇرىدۇ، ئېسىل كۆرۈنىدۇ. زىياپەت كىيىمىنىڭ پاسونى بىلەن چۈشلۈك مۇراسىم كىيىمىنىڭ پاسونى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش: چاپان بىلەن يوپكىدىن ئىبارەت بولىدۇ، كوكتېل ھارىقى زىياپىتى بىلەن كەچلىك مۇراسىم كىيىمىنىڭ شەكلى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، چاپان بىلەن يوپكا. ماتەم مۇراسىملىرىدا كۆپىنچە قارا ياكى قارا كۆك رەڭلىك سىدام رەختلەردىن تىكىلگەن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ.2 . كەسىپ كىيىمى: بۇ، خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئاياللارنىڭ مەخسۇس كىيىمى (مەسىلەن، ھەربىي كىيىمى، ساقچى كىيىمى، ئاۋىئاتسىيە كىيىمى، تۆمۈريول كىيىمى، تاموژنا كىيىمى قاتارلىقلار)، بەلگە كىيىمى (مەسىلەن، ئوقۇغۇچى كىيىمى، سېسترا كىيىمى، مېھمانخانا كىيىمى، پەردازخانا كىيىمى قاتارلىقلار)، شۇنداقلا سانائەت، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەردە كىيىدىغان كىيىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىيىملەر بىر تۇتاش تىكىلىدۇ.3 . تەنھەرىكەت كىيىمى: چويلا توپ كىيىمىنىڭ بىرتۇتاش بەلگىلىمىسى بار، مايكا ۋە ئىشتاننىڭ ھەممىسى ئاق رەڭلىك بولىدۇ؛ ئايال چويلا توپ تەنھەرىكەتچىلىرى كۆپىنچە قىسقا كۆڭلەك كىيىدۇ. ئات مىنىش كىيىمى كۆڭلەك، چاپان، ئىشتان، ئۆتۈك، شەپكە ياكى شىلەپە قاتارلىق بىر يۈرۈش كىيىملەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ۋېلىسىپىت كىيىمى قىسقا يەڭلىك، ياقىسى ئوچۇق مايكا بىلەن تىزغا چۈشۈپ تۇرىدىغان كالتە ئىشتاندىن ئىبارەت. ئايال مۇز تېيىلغۇچىلارنىڭ كىيىمى كۆپىنچە قىسقا كۆڭلەك بولۇپ، ئۇلار بەدەنگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىشتانپايپاق كىيىدۇ. ئوۋ كىيىمىنىڭ ئالدى ئوچۇق، يېڭى يوق بولىدۇ، ئىشتىنى بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ.4 . ئائىلە كىيىمى: ئاياللار ئائىلە كىيىمىنى ئۆيدە دەم ئالغاندا كىيىدۇ، بۇ كىيىم بىلەن يەنە مېھمان كۈتۈۋالسىمۇ بولىدۇ. كۆپىنچە ياقىسىز، قىسقا يەڭلىك، تىزغا چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆڭلەك، ئۈستىگە يۇمىلاق ياقىلىق، ئۇزۇن يەڭلىك، كەڭ پەشلىك ئالدى ئوچۇق كەمزۇل كىيىدۇ، تاماق ئەتكەندە ياقىسىز، ئۇزۇن يەڭلىك، ئارقىسىدىن تۈگمىلىنىدىغان، ئۇزۇنلۇقى تىزدىن ئاشىدىغان خالات كىيىدۇ. سىرتىغا قاپلاپ كىيىدىغان ئىشتىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىش كىيىمىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئۇنى ئۆي تازىلاش، مەينەت ئىشلارنى قىلغاندا كىيىلىدۇ. ئۇخلاش كىيىمى يۇمشاق، تېرىگە زىيان قىلمايدىغان، شۇنداقلا بەلگىلىك نەملىك سۈمۈرۈشچانلىققا ئىگە پاختا، كەندىر توقۇلمىلىرىدىن تىكىلىدۇ.5 . كۆڭۈل ئاچقاندا كىيىدىغان كىيىم: ساياھەت كىيىمى بەدەنگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان يارىشىملىق ئىشتان - چاپان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا قولايلىق بولىدۇ، ئۇ پۇختا، سۈركىلىشكە چىداملىق. دېڭىز ساھىلى كىيىمىدە كىشىنىڭ كۈن نۇرىدىن تېخىمۇ كۆپرەك ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بەدەننىڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغان قىسمى كۆپرەك بولىدۇ. ئايالچە بەزى دېڭىز ساھىلى كىيىملىرى كۆكسىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۈستى كىيىم ۋە قىسقا ئىشتاننىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن كۆڭلەك سەپلەنگەن بولىدۇ، يەنە بەزىلەر بىكىنى شەكلىدىكى سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ ئۈستىگە پلاش، مۈرە يېپىنچىسى ياكى خالات قاتارلىقلارنى كىيىۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرى