ئامېرىكىنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
مىننەتدارلىق بايرىمى شىمالىي ئامېرىكىغا خاس بولغان، مول ھوسۇل تەبرىكلىنىدىغان خەلق ئارىسىدىكى بايرام. ئامېرىكىنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى ھەر يىلى11 - ئاينىڭ4 - پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ بايرام1629 - يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.1600
- يىلىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيىلىك بىر تۈركۈم پۇرىتانلار ئىسلاھات غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ ئەنگلىيە دۆلەت دىنىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي جەمئىيىتىنى قۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇلار كېيىن گوللاندىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، لېكىن ئوخشاشلا دىنىي جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان.1620 - يىل9 - ئايدا، ئەنگلىيىلىك102 پۇرىتان دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «5 - ئاي گۈلى» ناملىق ياغاچ كېمىگە ئولتۇرۇپ دېڭىزدا65 كۈن يۈرۈپ، شۇ يىلى11 - ئاينىڭ21 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى پلىمۇسقا بارغان. لېكىن ئۇلار بۇ جايغا ناتونۇش بولغانلىقى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنىڭ كەمچىللىكى، شۇنداقلا قەھرىتان سوغۇق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن، بىرىنچى قىشتىلا بۇ ئادەملەرنىڭ يېرىمى ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغان50 كۆچمەن يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ياردىمىدە ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي قاتارلىقلارنى تېرىشنى ئۆگەنگەن. كۆچمەنلەر تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئاخىر مول ھوسۇل ئالغان.
بۇ كۆچمەنلەر تەڭرىنىڭ ئۆزلىرىگە مول ھوسۇل ئاتا قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ئىندىئانلار بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن،1621 - يىلى كۈزدە كۈركە توخۇ، كۆممىقوناق، تاتلىقياڭيۇ، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلاردىن ئېسىل تائاملارنى تەييارلاپ زىياپەت ئۆتكۈزگەن. ئەينى چاغدا90 ئىندىئان بەش بۇغا ۋە كۈركە توخۇ قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ تەكلىپ بىلەن زىياپەتكە قاتنىشىپ، زىياپەتنى قىزىتقان، بۇ زىياپەت ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان. ئۇلار كۈندۈزى زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، چېلىشىش، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، كېچىسى گۈلخان يېقىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغان. شۇنداق قىلىپ بۇ پائالىيەت يىلمۇيىل داۋاملىشىپ، پەيدىنپەي بايرام بولۇپ شەكىللەنگەن.1795 - يىلى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى مىننەتدارلىق بايرىمىنى مەملىكەت خاراكتىرىدىكى بايرام دەپ جاكارلىغان، لېكىن ئۇ چاغدا بايرام ۋاقتى مۇقىم بولمىغان.1941 - يىلىغا كەلگەندىلا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاندىن بۇ بايرامنىڭ ۋاقتىنى مۇقىم بىر كۈنگە بېكىتكەن.
ھەر يىلى مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى ئامېرىكىدا پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پلىمۇسقا ساياھەتكە بارىدۇ، سىرتتا تۇرىدىغان كىشىلەر بايرامدا ئۆيلىرىگە قايتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ. كىشىلەر كۈركە توخۇنىڭ قورسىقىغا ياڭاق مېغىزى، قوناق تىرىپى، كولباسا، بۆلجۈرگەن، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان قىيمىنى سېلىپ، ئاندىن ئۈستىگە ماي سۈرتۈپ، ئوتتا ئىچى يۇمشاق، تېشى چۈرۈك، پارقىراق كۈركە توخۇ كاۋىپى پىشۇرىدۇ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بېيجىڭ ئۆردەك كاۋىپىغا ئوخشايدۇ. يېگەندە ئۈستىگە شورپا قۇيۇلىدۇ، كۈركە توخۇ كاۋىپى بىلەن كاۋا قىيمىلىق تاۋا نېنى مىننەتدارلىق بايرىمىدا چوقۇم تەييارلىنىدىغان ئەنئەنىۋى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.