ئاسىيا ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تولۇن ئاي بايرىمى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
دۆلىتىمىزدە قەمەرىيە8 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئاي تولغان كېچە تاۋۇز چاغىنى دېيىلىدۇ. ئاسىيا، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايراملار بار.
ياپونىيە بۇ كۈننى «تولۇن ئاي بايرىمى» دەپ ئاتايدۇ، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، پېچىنە - پىرەنىكلەرنى ئايغا ئاتاپ تەييارلاپ، بۇ ئارقىلىق ئاينى تاماشا قىلىپ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىدۇ.
چاۋشيەندە بۇ كۈن «كۈز ھارپىسى»، «سەيلە مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يېڭى يىل بايرىمى، سوغۇق تاماق يېيىش بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى بىلەن بىر قاتاردا خەلق ئارىسىدىكى تۆت چوڭ بايرام ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قارىغاي نېنىنى بايراملىق ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ، ھەممە ئائىلىلەر يېمەكلىك پىشۇرىدۇ ھەمدە ئۆزئارا سوۋغا قىلىشىدۇ. قارىغاي نېنى يېرىم ئاي شەكىللىك بولۇپ، گۈرۈچ ئۇنىدا قىلىنىدۇ، ئىچىگە پۇرچاق قىيامى، كاشتان مېۋىسى، چىلان قىيامى قاتارلىقلار سېلىنىدۇ، دۈملەپ پىشۇرغاندا ئاستىغا قۇرۇتۇلغان قارىغاي يوپۇرمىقى قويۇلغاچقا، قارىغاي نېنى دەپ ئاتالغان. ئۇلار يەنە نومى گۈرۈچى، قارىغاي ئۇرۇقى، كاشتان مېۋىسى، چىلان قىيامى، ھەسەل بىلەن ئېتىلگەن تاماق يەيدۇ. كەچتە ئاينى تاماشا قىلغاندا يەنە ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى، كۈچ سىنىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ ياكى ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇندايدۇ. ئاياللار »بۇلۇنكې« دەپ ئاتىلىدىغان ئىلەڭگۈچ ئويناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.
سرىلانكىدا ئومۇميۈزلۈك بۇددا كالېندارى ئىشلىتىلىدۇ، ھەرئايدا بىر قېتىم تولۇن ئاي بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە1 -،5 -،6 - ۋە7 - ئايلاردىكىسى ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ھىندىستاننىڭ راجاستان شتاتى جېسمان رايونىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايرام ئۆتكۈزۈلىدۇ، لېكىن ئۇلار بايرامنى4 - ئايدىكى تولۇن ئاي كېچىسى ئۆتكۈزىدۇ. ياش ئاياللار قاتمۇقات قويۇلغان بەش كوزىنى بېشىدا كۆتۈرۈپ، تۆگىنىڭ دۈمبىسىدە تىك تۇرۇپ، ئاستا - ئاستا قۇم بارخانلىرى ئۈستىگە چىقىپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى، مال - چارۋىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىلەيدۇ. سۈتتەك ئايدىڭ كېچىدە تۆگە قوڭغۇراقلىرىنىڭ ساداسىدا ئوغۇل - قىزلار ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ.
تانزانىيىنىڭ زانزىبار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ميەندىڭ مىللىتىنىڭ «تولۇن ئاي بايرىمى» دۆلىتىمىزنىڭ «تاۋۇز چاغىنى» بىلەن بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام كۈنى كېچىسى پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى ئۆي ئالدىدىكى چىملىقتا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ تولۇن ئاينى تاماشا قىلىدۇ، ئاينى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.
ئافرىقىنىڭ ماكاكۇتا ئارىلىدىكى ئاھالىلەر ھەر يىلىنىڭ تۇنجى ئاي تولغان كۈنى كېچىسىنى بايرام قىلىپ خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ يۈەنشياۋ بايرىمى بىلەن ئوخشاش. بۇ كۈنى كىشىلەر دېڭىز ساھىلىغا جەم بولۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا «قۇلۇلە قېپى پۈۋلەش يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈپ، قۇلۇلە قېپى پۈۋلەپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئايغا قاراپ چۇقان سېلىپ، ئاينىڭ ھىممىتىگە ھەشقاللا ئېيتىشىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن1000 يىللار بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قولۋاققا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەن، شۇ كۈنى دەل ئاي تولغان كۈن بولۇپ، ئۇلار ئاي يورۇقىدا بۇ ئارالنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئارالنىڭ تۇنجى ئاھالىلىرى بولۇپ قالغان. ماكاكۇتا دېگەن ئىسىممۇ ئاي تولغان دېگەن مەنىدىكى سۆزدىن پەيدىنپەي ئۆزگەرگەن. ئاي تولغان كۈنىدىكى زىياپەتتە كىشىلەر خۇشال ھالدا ھاراق ئىچىشىپ، بېلىقتا ئېتىلگەن تاماقلارنى يېيىشىدۇ.