چەت ئەللىكلەرنىڭ يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ھەرقايسى مىللەتلەر يېڭى يىلنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ قويىدۇ، لېكىن ئۆرپ - ئادەتلىرى ئوخشاش بولۇپلا قالماي، بەزىلىرى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئۆتكۈزسە، بەزىلىرى قىزىقارلىق ئۆتكۈزىدۇ.
ئەنگلىيىدە يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى ئاخشىمى كىشىلەر قەدەھ كۆتۈرۈشۈپ، «كونا يىلنى ئۇزىتىش ناخشىسى» ئېيتىشىدۇ. كېيىن شائىر بۇرنىس ئۇنىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ دۇنياغا داڭلىق «مەڭگۈ ياشنىسۇن دوستلۇق» دېگەن ناخشىنى يېزىپ چىققان. شوتلاندىيىدە يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى ئاخشىمى ھەرقايسى ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى تورت، ھاراق ئېلىپ ناخشا ئېيتىپ دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلىغىلى بارىدۇ، ئۇلار ئىشىكنى چەكمەيلا ئۆيگە ئۇدۇللا كىرىپ كېلىدۇ، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئاۋۋال تام مەشنىڭ ئوتىنى چۇخچىلاپ قويىدۇ.
ياپونىيىدە، يېڭى يىل ھارپىسى يېرىم كېچىدە قوڭغۇراق108 قېتىم چېلىنىدۇ، بۇنىڭ جىن - شەيتانلارنى قوغلاش مەنىسى بار. قوڭغۇراق چېلىنىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەر ئاندىن ئۇخلاشقا باشلايدۇ، ئۇلار ياخشى چۈش كۆرۈشنى، بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى يىلى بەخت - ئامەتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. يېڭى يىل كۈنى تاڭ سەھەردە كىشىلەر سىرتقا چىقىپ قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئاندىن قەبرىستانلىققا بېرىپ تاۋاپ قىلىدۇ ۋە دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يېڭى يىلنى تەبرىكلىشىدۇ، مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان لۆڭگىنى ساھىبخانغا خاتىرە ئۈچۈن سوۋغا قىلىدۇ.
كانادالىقلار قارنى بەخت - ئامەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار يېڭى يىل مەزگىلىدە قارنى ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا دۆۋىلەپ، قار تام ياسىشىدۇ، شۇنداق قىلسا جىن - شەيتاننىڭ كىرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.
ئارگېنتىنالىقلار سۇنى ئەڭ پاك دەپ قارايدۇ. يېڭى يىل كۈنى ئۆيدىكى قېرى - ياشلارنىڭ ھەممىسى دەريا - ئۆستەڭلەرگە بېرىپ يېڭى يىللىق يۇيۇنۇپ، بەدىنىنى پاكىزلايدۇ. ئۇلار يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن بىر سېۋەت گۈل بەرگىنى سۇغا چېچىپ، ئاندىن «گۈل سۇغا» سەكرەپ چۈشىدۇ ھەمدە گۈل بەرگىنى بەدىنىگە سۈركەپ، بەخت - ئامەتلىك بولۇشنى تىلەيدۇ.
گرېتسىيىدە يېڭى يىلدا ھەرقايسى ئائىلىلەر بىردىن چوڭ تورت ياسايدۇ، تورت ياسىغاندا ئۇنىڭ ئىچىگە بىر دانە كۈمۈش تەڭگە سېلىپ قويىدۇ. تورتنى ساھىبخان پارچىلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە مېھمانلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، كۈمۈش تەڭگە كىمگە چىققان بولسا، كۆپچىلىك ئۇنى بۇ يىلدىكى ئەڭ بەختلىك كىشى دەپ تەبرىكلىشىدۇ.
گېرمانىيىدە يېڭى يىلدا ئېگىزگە يامىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئومۇملاشقان، ھەربىر كەنت ھەم تۈز، ھەم ئېگىز ئۆسكەن بىر تۈپ دەرەخنى تاللاپ، شاخلىرىنى پۇتىۋېتىدۇ. يېڭى يىل كۈنى تاڭ سەھەردە يىگىتلەر سىلىقلانغان دەرەخ غولىغا يامىشىپ مۇسابىقىلىشىدۇ، بىرىنچى بولغىنى «يېڭى يىل قەھرىمانى» دەپ تەرەپلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەشكە سىمۋول قىلىنىدۇ.
شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. كىشىلەر نىقاب تاقاپ، ئۇچىسىغا ئاق كىيىم كىيىشىپ، قوللىرىنى تۇتۇشۇپ، گۈلخاننى چۆرگىلەپ چۇقان سېلىشىپ، ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يېرىم كېچە قوڭغۇرىقى چېلىنغاندىن كېيىن، يىگىتلەر ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىر قىزىل شارنى ئېگىز تۈۋرۈككە ئېسىپ قويىدۇ، كىشىلەر بىرلىكتە: «يېڭى كۈن چىقتى!»، «قۇتلۇق يېڭى يىل يەنە يېتىپ كەلدى!» دەپ ۋارقىرىشىدۇ، ئاندىن ئۆزئارا يېڭى يىلنى تەبرىكلىشىدۇ.
يېڭى يىل ھارپا كۈنى ئاخشىمى رومىنىيىلىكلەر مەيدانغا ئېگىز يولكا (روژدېستۋو ئارچىسى) تىكلەيدۇ، سەھنە ھازىرلاپ، ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندايدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى ئويۇن كۆرۈپ گۈلخاننى تاماشا قىلغاچ لەرزان مۇزىكىدا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يېزىلاردا كىشىلەر ئالاھىدە ياسالغان رەڭلىك لېنتا ۋە گۈللۈك قەغەزلەر بىلەن بېزەلگەن ساپاننى كۆتۈرۈشۈپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلىشىدۇ.