UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرىچاقچاققا تولغان ئادەم ئالداش بايرىمى

چاقچاققا تولغان ئادەم ئالداش بايرىمى

چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ئادەم ئالداش بايرىمى ئەنگلىيىدە باشلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نورۋېگىيىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئالىمى لۇف لىرپا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۇچقۇ ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە پادىشاھىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى4 - ئاينىڭ1 - كۈنى ۋېستمىنستېر چېركاۋىدا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇشنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ كۈنى پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلار ۋېستمىنستېر چېركاۋىنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشىنى كۈتۈپ تۇرغان، نەتىجىدە ئۇلار ھېچ نەرسىنى كۆرمىگەن، شۇندىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى4 - ئاينىڭ1 - كۈنى چۈش سائەت12 دىن بۇرۇن كىشىلەر ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئەخمەق قىلسا ۋە ئالدىسا، ئالدانغۇچى مەيلى قانداق ئەخمەق قىلىنىشتىن قەتئىينەزەر ئاچچىقلانماي، ئەكسىچە خۇشال بولىدۇ. بۇ پائالىيەت قىزىقارلىق بولغاچقا، ئەنگلىيىدىن پەيدىنپەي غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقالغان. ئەنگلىيىدە ئادەم ئالداش بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەتتا رادىئو - تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەرمۇ كۆڭۈل قويۇپ «يالغان خەۋەر» لايىھىلەپ، ئاڭلىغۇچى، كۆرۈرمەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ئالدايدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىم ئەزەلدىن ئەستايىدىل دەپ قارىلىپ كەلگەن ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا «چۆپ دەرىخى» گە ئائىت نەچچە مىنۇتلۇق بىر خەۋەر بېرىلگەن، دىكتور تەمكىنلىك بىلەن: «سانائەت بۇلغانمىلىرى ۋە ناچار ھاۋانىڭ تەسىرىدىن، چۆپ دەرىخىدىن چىققان چۆپنىڭ مىقدارى كېمىيىپ كەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، چۆپنىڭ باھاسى ئۆرلەيدىكەن» دەپ خەۋەر بەرگەن. بەزى كۆرۈرمەنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ، بازاردىن چۆپنى بۇلاپ سېتىۋالماقچى بولۇشقان. ئەڭ قىزىقارلىق چاقچاق «گۋاردىيە» گېزىتىدە بېسىلغان «سانت سايلىﻒ ئارىلى» غا ئائىت خەۋەردۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارال مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بەزى ئوقۇرمەنلەر خېلى كۈنلەردىن كېيىن ئاندىن ئېسىنى يىغىپ، بۇنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرى
چاقچاققا تولغان ئادەم ئالداش بايرىمى | UyghurWiki | UyghurWiki