UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرىئوغۇللار بايرىمى ۋە قىزلار بايرىمى

ئوغۇللار بايرىمى ۋە قىزلار بايرىمى

چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ياپونىيە ئۆسمۈرلىرى ۋە بالىلىرى دۇنيادىكى بارلىق بالىلار بىلەن «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەندىن سىرت يەنە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بالىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. قەمەرىيە5 - ئاينىڭ5 - كۈنى ئوغۇللار بايرىمى. ياپونىيىدە مىلادىيە834 - يىلىدىن باشلاپ بۇ كۈننى تاڭزۇڭزا چاغىنى، دەپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى سامۇرايلار ساۋۇتىنى ئاپتاپقا سالىدۇ. كېيىن ئوغۇللارنىڭ جەڭگىۋار بولۇشىنى قوللاش ئۈچۈن ئۆيگە سۇپا ياساپ، ئۇنىڭغا سەركەردىلەرنىڭ سۈرىتى، قىلىچ، بولقا، ئوق ۋە يا تىزىپ قويىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى5 - ئاينىڭ5 - كۈنى ئوغلى بار ئائىلىلەردە ئائىلە باشلىقى ئۆگزىگە ياكى ھويلىغا بىر خادا تىكلەپ، ئۇنىڭغا كارپ بېلىقى شەكلىدىكى ئۈچ دانە رەڭلىك بايراق ئېسىپ قويىدىغان بولغان، بۇ كاراپ بېلىق بايراق دەپ ئاتالغان. قىزىل ۋە كۆك ئىككى چوڭ بېلىق ئاتا - ئانىغا، كىچىكى ئوغۇلغا ۋەكىللىك قىلغان. «كاراپ بېلىق بايراق» كاراپ بېلىقىنىڭ ئېقىنغا قارشى ئۈزۈشىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، باتۇرلۇق ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنىڭدا «كاراپ بېلىقىنىڭ لۇڭمېندىن سەكرەپ ئۆتۈشى» دىن ئىبارەت رىۋايەتنىڭمۇ تەسىرى بار. قەمەرىيە3 - ئاينىڭ3 - كۈنى قىزلار بايرىمى. بۇ كۈنى بەدەننى پاكلاش مەقسەت قىلىنغان قەغەز ئادەمنى سۇدا ئاققۇزىدىغان «بالا ئاققۇزۇش» ئادىتى بار. بۇ كېيىن پەندىنپەي ياپونىيىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان، شادلىققا تولغان «بالا نەزىر - چىرىغى» بايرىمى، يەنى قىزلار بايرىمى بولۇپ شەكىللەنگەن. ياپونىيىدە قىز بالا تۇغۇلۇپ تۇنجى3 - ئاينىڭ3 - كۈنى ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش رەڭلىك قونچاق ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى قەۋەتلەرگە بۆلۈپ قېپقىزىل مامۇق سېلىنغان سۇپىغا تىزىپ قويىدۇ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە خان بىلەن خانىش قويۇلىدۇ، ئارقىسىدا يەنە كىچىكلىتىپ ئىشلەنگەن پەردە بار؛ ئىككىنچى قەۋەتتە كېنىزەكلەر بار؛ ئۈچىنچى قەۋەتتە ساز چېلىۋاتقان بەش ئايال سەنئەتچى بار؛ تۆتىنچى قەۋەتتىكىسى ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن سول قول ۋەزىر؛ ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتتىكىسى ئىككى مالاي. ھەربىر قەۋەتكە يەنە كىچىكلىتىلگەن ئۆي جاھازلىرى ۋە بېزەكلەرنىڭ مودېلى قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە سۇپىغا شاپتۇل چېچىكى، پانۇس، تاڭزۇڭزا، گۈرۈچ ھارىقى قاتارلىقلار تىزىلىدۇ، ئۇ يەردە يەنە رومبا شەكىللىك يېشىل، ئاق، ئاچ قىزىل رەڭلىك ئۈچ قەۋەتلىك گۈرۈچ پىروژنىسى بار. بۇ نەرسىلەر ھەر يىلى3 - ئاينىڭ3 - كۈنى ئوتتۇرىغا تىزىلىدۇ، بالىلارنىڭ «بالا نەزىر - چىرىغى» ناخشىسىنىڭ ساداسى ئىچىدە ئاتا - ئانىلار ئۇلارغا بەخت تىلەيدۇ. لېكىن،3 - ئاينىڭ3 - كۈنى ئۆتۈپ كەتكەن ھامان ئاتا - ئانىلار بۇ ئويۇنچۇقلارنى تېزدىن يىغىشتۇرۇۋېتىپ، كېلەر يىلغا ئېلىپ قويىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېچىكىپ يىغىشتۇرۇلسا، قىز بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ياتلىق بولالماسمىش؛ يەنە بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بالدۇرلا ئۆزلىرىدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ يىغىشتۇرىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل ئۇرۇپ-ئادەتلىرى