ۋىناس ھەيكىلىنىڭ ئىككى بىلىكى ئەسلىدە قانداق ھالەتتە
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
«بىلىكى يوق ۋىناس» ھەيكىلى بىلەن «مونالىزا» نىڭ رەسىمى، «قاناتلىق ئايال غەلىبە ئىلاھى» نىڭ تاش ھەيكىلى فرانسىيە لوئۇرې سارىيىدىكى ئۈچ قىممەتلىك يادىكارلىقتۇر. كىشىلەر بۇ نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىللە، كۆڭلىدە «ئايال ئىلاھ ۋىناسنىڭ ئىككى بىلىكى ئۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى قانداق بولغىيدى، ئىككى بىلىكىنىڭ ھالىتى قانداق ئىدى؟» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ.
ۋىناسنىڭ ھەيكىلىنى1820 - يىلى بىر دېھقان يەر ئاغدۇرۇۋاتقاندا بايقىغان، كېيىن بىر قاتار ئەگرى - توقاي يوللار ئارقىلىق لوئۇرې سارىيىدا ساقلانغان. ھەيكەلنىڭ ئەسلىي نامى يوق بولۇپ، ئوبرازىنىڭ گۈزەللىكىگە ئاساسەن، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى «مۇھەببەت» ۋە «گۈزەللىك» نىڭ سىمۋولى بولغان ئايال ئىلاھ ۋىناسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ۋىناس ھەيكىلىنى ئاياللار گۈزەللىكىگە سىمۋول قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈزۈلگەن بىلىكىگە قاتتىق ئەپسۇسلانغان. شۇڭا، كۆپلىگەن سەنئەتكارلار ھەيكەلنىڭ بىلىكىنى تولدۇرۇپ قويماقچى بولۇپ، ھەر خىل لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ فورتوۋېنگۇلا ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنىڭ بىلىكى ئۈزۈلۈشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ سول قولى ئالدىغا سوزۇلۇپ بىلىكىنى تۈۋرۈككە قويغان، ئالىقىنىدا بىر دانە ئالتۇن ئالما تۇتقان، پەسكە ساڭگىلىغان قولى يوپكىسىنى تۇتۇۋالغان ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيىلىك دوختۇر كرودىئوس دالارنىڭ پىكرىمۇ ئارخېئولوگلارنىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ، ئايال ئىلاھنىڭ سول بىلىكى ئالدىغا تۈز سوزۇلغان، قولىنىڭ بېغىشى بولسا ئازراق ئېگىلگەن، ئالىقىنىدا بىر ئالتۇن ئالمىنى تۇتۇۋالغان، دەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر، ئايال ئىلاھنىڭ سول قولى قالقان تۇتقان ھالدا ئالدىغا ئۇزىتىلغان، ئوڭ قولى پەسكە ساڭگىلىغان، ھېچنېمە تۇتمىغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىشىدۇ.
كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى ۋە سەنئەت تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنىڭ قولىنى ياساپ چىقتى، بىراق مەيلى قانداقلا ھالەتتە ياسىغان بىلەن بىلىكى ئۈزۈلگەن ئايال ئىلاھ ھەيكىلىدەك تەبىئىي، ماس، ئۇيغۇن ھالەتكە يەتمىدى. بۈگۈنگە قەدەر، كىشىلەر ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنىڭ ئۈزۈلگەن بىلىكىنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنى يوق.