UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كىم ئەڭ بالدۇر بايقىغان

ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كىم ئەڭ بالدۇر بايقىغان

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار تارىخ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك، ئىتالىيىلىك دېڭىزچى كولۇمبو1492 - يىلى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان، دەپ يېزىلغان. بىراق19 - ئەسىردىن بۇيان تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىبارەت بۇ «يېڭى قۇرۇقلۇق» نى بايقىغۇچىغا قارىتا گۇمانلار بولۇپ كەلدى. ئۇلار، باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئاۋۋال كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، فىنىكىيىلىكلەر، ۋىكىڭلار، ۋېللىقلار، جۇڭگولۇقلار، دەپ قارىدى. فىنىكىيىلىكلەر ھازىرقى سۇرىيە ۋە لىۋان ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى. بەزى ئارخېئولوگلار فىنىكىيىلىكلەر مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى534 - يىلى كېمە بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان، بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، برازىلىيىدە فىنىكىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئالامىتى بولغان قەبرە تېشى نۇسخىسى بايقالغان. نۇسخىدا فىنىكىيە سودا مەركىزىدىن كەلگەن سودىگەر ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئۆمىكى خاتىرىلەنگەن. بۇ كۆزقاراش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئىنكار قىلغۇچىلار، بۇ نۇسخىنى كېيىنكىلەر ئۇستىلىق بىلەن ئوخشىتىپ ياسىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. بىراق مېكسىكىدىن مايا دەۋرىگە ئائىت چوڭ تاش ئادەم ھەيكىلى بايقالغان، يۈز قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شىمالىي ئافرىقىدىكى نېگىر مىللەتلىرىگە ناھايىتىمۇ ئوخشايدۇ، شۇڭا فىنىكىيىلىكلەرنى مىلادىيىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئامېرىكا قىتئەسىگە كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ، دەپ قارىغان. براندىن ئىسىملىك ئىرېلاندىيىلىك قالدۇرۇپ كەتكەن يىراق ئوكيان ئېكسپېدىتسىيە خاتىرىسىدىن ئىرېلاندىيىلىكلەرنىڭ مىلادىيە570 - يىلى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بارغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قوليازمىدا خاتىرىلەنگەن ئىشلار بەك قىسقا بولغاچقا، ھازىر كىشىلەر ئىرېلاندىيىلىكلەرنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققانلىق ئاساسىي ئەھۋالىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىمالىي ياۋروپادا ئولتۇراقلاشقان ۋىكىڭلار10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي ئامېرىكىغا بارغان بىر يازما خاتىرىدە يېزىلىشىچە، ۋىكىڭلار يەنە تېخى شىمالىي ئامېرىكىدا ئولتۇراق رايون قۇرغانمىش. گەرچە ئارخېئولوگلار شىمالىي ئامېرىكىدا ۋىكىڭلارنىڭ ئىزىنى بايقىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ۋىكىڭلارنىڭ ئىندىئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يوقىتىۋېتىلگەن، شۇڭا ئىز - دېرەكسىز يوقالغان، دەپ قارىشىدۇ. ۋېللىقلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغانلىق دەلىلى بىرقەدەر تولۇقراق، ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ئۈچ جايىدا ئوتتۇرا ئەسىر ۋېللىق ئۇسلۇبىدىكى قەدىمىي قەلئە خارابىلىكى بار. بەزىلەر، بۈگۈنكى ئامېرىكىدىكى ئازبىر قىسىم ماندانلار دەل12 - ئەسىردە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋېللىقلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. «ئامېرىكا قىتئەسىنى جۇڭگولۇقلار ئەڭ بالدۇر بايقىغان» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدىغان ئالىملارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مىلادىيە5 - ئەسىردە فۇساڭ (ياپونىيە) دىن قايتىپ كەلگەن راھىب خۇيشېن دەل ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەنمىش. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگولۇقلار ئىلگىرى ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغانىكەن. بەزىلەر ئامېرىكا قىتئەسىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە جۇڭگودىن ئۇرۇق كىرگۈزۈپ ئامېرىكىدا تېرىغان تاماكا، كۆكتات قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن باشلاپلا ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن باردى - كەلدى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەيلى قانداقلا تالاش - تارتىش قىلمايلى، بىر نۇقتىغا گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ: كولۇمبونىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىشى پۈتكۈل دۇنيا تارىخى قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كىم ئەڭ بالدۇر بايقىغان | UyghurWiki | UyghurWiki