گىگانت تاش چەمبىرەكنىڭ سىرى
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالى رايونىدىكى دالىدا بىر توپ ئاجايىپ - غارايىپ تاش چەمبىرەك بار، بۇلار نەچچە ئون توننا كېلىدىغان گىگانت تاشتىن قوپۇرۇلغان. بوشلۇقتا تۇرۇپ پەسكە قارىغاندا، چوڭ چەمبەر ئىچىدە كىچىك چەمبەر بار ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدە تۇرۇپ قارىغاندا، قەۋەت - قەۋەت مۇستەھكەم تاش تامغا ئوخشايدۇ، ھەربىر يايسىمان تامدا رەتسىز تۆشۈكلەر بار بولۇپ، كىشىلەر بۇ تۆشۈكلەردىن ئوڭايلا تاش چەمبىرەكنىڭ مەركىزىگە كىرەلەيدۇ.
بۇ گىگانت تاش چەمبىرەكلەر نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ كىشىلەرنىڭ پەرەزلىرى ھەر خىل. بەزىلەر قەدىمكى دەۋرلەردىكى بەيگە مەيدانى ياكى بۇقا بىلەن ئېلىشىش مەيدانى، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر قەدىمكى قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى دەپ قارىشىدۇ، … ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ گىگانت تاش چەمبىرەك مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى10 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ياسالغان.
كېيىن يېڭىدىن گۈللەنگەن ئارخېئولوگىيىلىك ئاسترونومىيە ئىلمى ياۋروپادىكى گىگانت تاش چەمبىرەككە قارىتا يېڭىدىن چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنى3000 يىل ئىلگىرىكى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش پونكىتى دەپ قارىدى. ئەنگلىيىلىك بىر پروفېسسور بۇ600 دىن ئارتۇق چوڭ تاش چەمبىرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنى ئىنچىكە ئۆلچىگەندىن كېيىن، تاش چەمبىرەكلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى توغرا لايىھىلەنگەن بىر قۇرۇلۇش چېرتيوژىغا ئاساسەن ياسالغان، شۇنداقلا لايىھىلەشتە ئىنتايىن توغرا ئاسترونومىيىلىك بىلىم ئاساس قىلىنغان، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان ھەمدە بۇ يەكۈنىنى ئىسپاتلاپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر كىشىلەر بىر گىگانت تاش چەمبىرەكنىڭ مەركىزىدە تۇرغاندا، ئاي بىلەن قۇياشنىڭ تاش چەمبىرەكتە قالدۇرغان بەلگىسىگە ئاساسەن، قۇياش ۋە ئاي ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆزىتەلەيدۇ، بۇ خىل كۆزىتىش ئارقىلىق ئاي بىلەن قۇياشنىڭ ھەرىكەت ۋاقتىنى ئىگىلەپلا قالماي، يازلىق كۈن توختىشى ۋە قىشلىق كۈن توختىشى، كۈنىنىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇش، ئاينىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇش ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.
بەزىلەر بۇ قاراشقا قارشى تۇرۇپ، «ئارخېئولوگىيىلىك ئاسترونومىيە ئىلمى» بىر خىل سېپى ئۆزىدىن ئىلمىي خام خىيال. يىراق قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق مول ئاسترونومىيىلىك بىلىمى بار بولىدىغان بولسا، چوقۇم يازما خاتىرىلەر بولغان بولاتتى، بۇنىڭغا ئائىت مەلۇمات قالدۇرغان بولاتتى، دېيىشىدۇ. گىگانت تاش چەمبىرەك زادى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش پونكىتىمۇ - ئەمەسمۇ؟ ئەمەس بولسا، ئۇ نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ بۇ تېخىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.