ئايدىڭ كۈيى كىم ئۈچۈن ئىشلەنگەن
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدە، بېتخوۋېننىڭ «ئايدىڭ كۈيى» تەسۋىرلەنگەن ھېكايە بار. ھېكايىدە، بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى بېتخوۋېن رېين دەرياسى بويىدىكى كىچىك بازاردا سەيلە قىلىۋاتقاندا، يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئۆيدىن يېقىملىق پىئانىنو ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، بۇ دەل ئۇ ئىشلىگەن مۇزىكا ئىدى. بېتخوۋېن ئۆيگە كىرىپ، پىئانىنو چالغۇچىنىڭ بىر ئەما قىز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بېتخوۋېنغا چوقۇنىدىغانلىقىنى، مۇزىكا كونسېرتىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولمىغاچقا، بېتخوۋېننىڭ ئورۇندىغان مۇزىكىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمىغانلىق دەردىنى تۆكۈپ بېرىدۇ، بېتخوۋېن بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىئانىنو ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، قىزچاققا بىر مۇزىكا چېلىپ بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاسمان يۇلتۇزلار بىلەن تولغان، ئاي ناھايىتىمۇ يورۇق ئىدى، بېتخوۋېننىڭ ئىلھامى كېلىپ، بارماقلىرىنى پىئانىنو ئۈستىدە ئەپچىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يەنە بىر يېقىملىق پەدىگە ئۆتىدۇ، مانا بۇ كىشىلەرگە تونۇش بولغان سوناتا − «ئايدىڭ كۈيى» دۇر.
بۇ ھېكايە پۈتۈن دۇنياغا دېگۈدەك تارقالغان. ئەمما كۆپلىگەن مۇزىكانتلار بېتخوۋېننىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىشتى. بۇنىڭ سەۋەبى: بېتخوۋېننىڭ ھاياتىدا بۇنداق ئىش كۆرۈلگەن ئەمەس، بۇ بەلكىم كېيىنكىلەرنىڭ بېتخوۋېنغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان ھېكايىسى بولۇشى مۇمكىن. «ئايدىڭ كۈيى» نىڭ ئورىگىنالىنى ئاپتور قايتا - قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاندىن بېكىتكەن، بىرلا ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلغان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ مۇزىكىنىڭ تۇنجى نەشرىدىكى تىتولغا بېغىشلىما »جورىياتا كىچاردقا بېغىشلايمەن« گە دىققەت قىلىشقان. جورىياتا كىچارد بېتخوۋېننىڭ قوغلاشقان سۆيگىنى بولۇپ، دەرھەقىقەت ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا دائىم ئايدىڭ كېچىلەردە ئورمانلىق ئىچىدە مۇڭدىشاتتى. »ئايدىڭ كۈيى« دەل مۇشۇ خۇشال كەيپىياتتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.
بىراق، بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى رومېن روللان بۇ مۇزىكا بېتخوۋېننىڭ قايناق مۇھەببەتكە تولغان ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى مۇھەببىتى بۇزۇلغان ۋاقتىدا ئىشلەنگەن، مۇزىكىدا ئاپتورنىڭ مۇھەببىتى بۇزۇلغاندىن كېيىنكى ئازابلىرى، قايناق مۇھەببەتلىشىۋاتقان كۈنلەرگە بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن، ئايدىڭ نۇرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، دەيدۇ. بەزىلەر كەسكىن ھالدا «ئايدىڭ نۇرى» دېگەن بۇ سۆزنى مەلۇم نەشر قىلغۇچى ئۆزى قوشۇپ قويغان، دېيىشىدۇ.
«ئايدىڭ كۈيى» زادى كىمگە بېغىشلاپ يېزىلغان؟ بۇ مۇزىكىنىڭ ئاي نۇرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ - يوق؟ بۇنى بېتخوۋېندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.