UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارگىگانت تاش مەدەنىيىتى قانداق يارىتىلغان

گىگانت تاش مەدەنىيىتى قانداق يارىتىلغان

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار 1492 - يىلى كولۇمبو يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقاشتىن ئاۋۋال، بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئىندىئانلارنى بىلىدىغان كىشىلەر تېخى يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئەجدادى بۇرۇندىنلا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ خوجايىنلىرى ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئالاھىدە تېخنىكا ماھارىتى ئارقىلىق ئىندىئانلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىندىئان تاغلىق رايونىغا تارقالغان گىگانت تاش مەدەنىيىتىنى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان نادىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. «گىگانت تاش مەدەنىيىتى» − گىگانت تاش ماتېرىيال قىلىنغان بىناكارلىق سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىندىئانلارنىڭ ئەزەلدىن تاش ئۆي، تاش ھەيكەل، تاش شەھەر ياساش ماھارىتى بار ئىدى، بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ قۇرۇلۇشلاردا ھەمىشە دېگۈدەك ئەينى دەۋردىن ھالقىغان ھۈنەر - سەنئەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن.1911 - يىلى بايقالغان ماچۇپىكچۇ شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن2450 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە كەلكۈن، بوران ۋە چاقماق چېقىش، يەر تەۋرەشلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى200 ئېغىزدىن ئارتۇق تاشتىن قوپۇرۇلغان ئۆي يەنىلا ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا. بىر يوغان گرانت تاشتىن قوپۇرۇلغان كەڭ تاملار يەنىلا شۇ پېتى تۇرماقتا، بۇنى بىناكارلىق تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ سېپىلنى قوپۇرۇشقا ئىشلەتكەن تاشلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بىر - بىرىگە چىشلەشتۈرۈپ قوپۇرۇلغان، ئەمما لاي ئىشلىتىلمىگەن، مۇستەھكەملىكىگە قىل سىغمايدۇ. بۇنداق كامالەتكە يەتكەن تاش قوپۇرۇش ماھارىتىنىڭ500 يىل ئاۋۋالقى مېتال - تاش قوراللار دەۋرىدە كۆرۈلۈشى ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان سىر ھېسابلىنىدۇ. دۇنياغا داڭلىق ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كۇسكودىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى يۈزى سىلىق تاشلاردىن قوپۇرۇلغان، تاشلار ئارىسىغا ھېچقانداق لاي ئىشلىتىلمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ ھىملىقىدىن ھەتتاكى برىتىۋانى ئۆتكۈزگۈدەك يوچۇقمۇ يوق. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرنىڭ شىمالىدىكى تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ساكساۋ قەدىمىي قورغىنىنىڭ ئالدىغا ئۈچ رەت مۇداپىئە تاش تېمى سېلىنغان. ھەربىر رەت تاش تامنىڭ ئېگىزلىكى18 مېتىر، كەڭلىكى540 نەچچە مېتىر بولۇپ، ھەربىرى200 توننا كېلىدىغان قورام تاشلاردىن سېلىنغان. ئەينى زامانلاردا تۆمۈر قوراللار، تاغ پارتلىتىدىغان دورا ۋە قاتناش قورالى يوق شارائىتتا ئىنكالىقلارنىڭ بۇنداق تاشلارنى قانداق قېزىپ چىققانلىقى ھەمدە ئۇنى تاغ ئۈستىگە قانداق توشۇپ چىققانلىقى يەنىلا چۈشەنگىلى بولمايدىغان سىر. نۇرغۇن ئارخېئولوگ ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى بىلەن كىشىلەر ئىنكالىقلارنىڭ تاش قوپۇرۇش ماھارىتىنىڭ سىرىغا قارىتا ئاز - تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، بىراق يېقىندا پېرۇلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەيران قالارلىق بايقاشلىرىدا ئىنكالىقلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۆسۈملۈك ئارقىلىق تاش يۇمشىتىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان، دەرۋەقە بۇ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى مۆلچەر ۋە قىياس، يەنىلا «گىگانت تاش مەدەنىيىتى» نىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار