قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسى قانداق كېلىپ چىققان
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ئاق تەگلىككە قىزىل رەڭلىك كرېست چۈشۈرۈلگەن بەلگە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسىدۇر.
خرىستىئانلارمۇ كرېست ئېسىۋالىدۇ. گەرچە ئىككىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاشمىسىمۇ، بىراق شەكلى ناھايىتى ئوخشىشىدۇ. قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسى خرىستىئان دىنىدىكى كرېستتىن ئۆزگىرىپ كەلگەنمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل پىكىر مەۋجۇت.
بۇ پىكىرنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچىلەر ئالدى بىلەن كرېستنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىدىن باشلاپ تەتقىق قىلغان. ئۇلار: قەدىمكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادا قۇللارنى جازالايدىغان بىر ئۇسۇل بولۇپ، بۇنىڭدا جىنايەتچى كرېست تاختىغا مىخلىناتتى ياكى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلەتتى. كرېست تاختا خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئېغىر جازا بېرىشنىڭ بەلگىسى قىلىپ كېلىنگەنىدى، كىشى ئۇنىڭغا قارىسا تېنى شۈركىنەتتى، دېيىشكەن. «ئىنجىل» دا يېزىلىشىچە، كرېستنىڭ ئۆزگىرىشى ئىيسانىڭ ئۆلۈمىدىن باشلانغان ئىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىيسا تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا خرىستىئان دىنىنى تارقىتىشقا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن كرېست تاختىغا مىخلىنىشتىن باش تارتمىغان، ئاخىردا باشقىدىن تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن. شۇڭا، كرېست خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ گۇناھىنى تىلەپ نىجاتلىققا ئېرىشىشتىكى قۇتلۇق نەرسىگە سىمۋول قىلىنغان ھەمدە خرىستىئان دىنىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان. كېيىن كرېست بەلگىسىنىڭ مەنىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن.1863 - يىلى جەنۋەدە16 دۆلەت ئىمزالىغان جەڭ مەيدانىدىكى قوراللىق قىسىمدىن يارىلانغان، كېسەل بولغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئەھدىنامىسى تۈزۈلۈپ، دۆلەتلەر قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەھدىنامىسى دەپ ئاتالغان.1880 - يىلى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش كومىتېتى دېگەن تەشكىلات قىزىل كرېست خەلقئارا كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. كرېست بەلگىسى بۇ تەشكىلاتتا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە بىتەرەپلىككە ۋەكىللىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كرېست جازا قورالىدىن بارا - بارا ئۆزگىرىپ خرىستىئان دىنىنىڭ بەلگىسىگە، كېيىن يارىدار ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزۇش بەلگىسىگە ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بارلىق تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
يەنە بىرخىل قاراشتىكىلەر: قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسى بىلەن دىندىكى كرېست تاختىسى شەكلىلا ئوخشاش، لېكىن روھىي ماھىيىتىدە ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوق دەپ قارايدۇ.1956 - يىلى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋەكىلى قاتناشقان يىغىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جەڭ مەيدانىدىكى قوراللىق قىسىمدىن يارىلانغانلار كېسەل بولغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى» ماقۇللاندى، ئەھدىنامىنىڭ38 - ماددىسىدا: شۋېتسارىيىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تېگى ئاق قىزىل كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بايراق نۇسخىسى بۇ فېدېراتسىيىنىڭ بايرىقىنى تەتۈر ئۆرۈش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قىزىل كرېست بەلگىسىنىڭ جازا قورالى ۋە دىنىدىكى كرېست بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ شۋېتسارىيىنىڭ بايرىقىغا تەقلىد قىلىپ لايىھىلەنگەن.
بەس - مۇنازىرە بەرىبىر بەس مۇنازىرە، ئەمما قىزىل كرېستنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادىللىق، بىتەرەپلىك، پىدائىي مۇلازىمەتچىلىك، بىردەكلىك، ئومۇمىيلىق» تىن ئىبارەت تۈپ پرىنسىپى بارغانسېرى كۆپ ئەللەر ۋە خەلقلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشمەكتە.