كوممۇنا ئەزالىرى تېمى نېمىگە سىمۋول قىلىنغان
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
1871 - يىل3 - ئاينىڭ18 - كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە پرولېتارىيات قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بۇرژۇئازىيە ھاكىمىتىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۇنيادا تۇنجى پرولېتارىيات ھاكىمىيىتى − پارىژ كوممۇنىسىنى قۇرغان. بىراق كوممۇنا قۇرۇلۇپ72 - كۈنىگە كەلگەندە ۋېرسال بۇرژۇئا ھاكىمىيىتى پرۇسسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. كوممۇنا جەڭچىلىرى پرولېتارىيات ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ جەڭگە ئاتلانغان. ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنا ئەزالىرى قانلىق جەڭ قىلغان جاي دەل پېرلاشىر قەبرىستانلىقى ئىدى. كوممۇنا جەڭچىلىرى كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە ئاز بولغاچقا، ھەممىسى قەبرىستانلىق تېمى يېنىدا قۇربان بولغان.38
يىلدىن كېيىن بورمولو فۇدىئەي ئىسىملىك سەنئەتكار پېرلاشىر قەبرىستانلىقىدىكى بىر تاش تامغا قاپارتما نەقىش ئۇسۇلىدا بىر ئانىنىڭ پۈتۈن ھەيكىلىنى ئويۇپ چىققان، ئۇنىڭدا ئۇزۇن چاچلىق بىر ئانىنىڭ كۆكرىكىنى كېرىپ، ئىككى بىلىكىنى كەڭ يېيىپ، يامغۇردەك ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئوقلارغا يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ تېنى ئارقىلىق ئارقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداۋاتقانلىق ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. بەزىلەر چۈشەنچە بېرىپ، بۇ ئانىنىڭ قوغداۋاتقىنى دەل پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىرى، ئۇ فرانسىيىلىك ئانىلارنىڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، دەيدۇ. بۇ ھەيكەلنىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى «كوممۇنا ئەزالىرى تېمى» دەپ ئاتىغان.
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ ھەيكەل پۈتۈپ يوپۇق ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا ھايات قالغان پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «كوممۇنا ئەزالىرى تېمى» ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئەزەلدىن ئۇ يەرگە بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلغان ئەمەس. «پارىژ كوممۇنىسى دوستلۇق جەمئىيىتى» مۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
فرانسىيە «پارىژ كوممۇنىسى دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ پەخرىي ئەزاسى جۇڭگولۇق ئالىم شېن دالى مۇنداق قارايدۇ: بۇ ھەيكەل پارىژ كوممۇنىسى قەھرىمانلىرىنىڭ نامى بىلەن بېزەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەيكەلگە يېزىلغان بېغىشلىمىدا «تارىختا ئۆتكەن ئىنقىلابلاردا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا تەقدىم» دەپ يېزىلغان، ئېنىقكى، ئۇ ھەرگىزمۇ پارىژ كوممۇنىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، ئانىلىق مېھرىنى ئىپادىلىگەن بۇ فرانسىيىلىك ئايالنىڭ قوغداۋاتقىنى يالغۇز كوممۇنا ئەزالىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تارىختا ئۆتكەن ئىنقىلابلاردىكى ئوخشاش بولمىغان سىنىپتىكى كىشىلەردۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭدا خەلق ئىنقىلابى مەدھىيىلەنمەستىن، بەلكى فرانسىيە «ئومۇمىي خەلق ئىناقلىقى» كۆككە كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەيكەل ياسىلىش جەريانىدا پارىژ شەھىرى پارلامېنتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن، بۇمۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.