UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارئادەم باشلىق شىر تەنلىك چۈشىنىكسىز ھەيكەل

ئادەم باشلىق شىر تەنلىك چۈشىنىكسىز ھەيكەل

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار كىشىلەر: «ئېھرامغا بارمىغان كىشى مىسىرغا بارغان ھېسابلانمايدۇ، ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەلنى كۆرمىگەن كىشى ئېھرامنى كۆرمىگەن بىلەن باراۋەر» دېيىشىدۇ. بۇنىڭدىن ئېھرام يېنىدىكى ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەلنىڭ قانچىلىك داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن4500 يىل ئىلگىرىكى مىسىرلىقلارنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق ھەيكەلنى ياسىغانلىقى تا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە. ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەل ھازىر دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمكى چوڭ تاش ھەيكەللەرنىڭ بىرى، ئۇنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى، بۇ ھەيكەل ئېھرامنى سالغان ۋاقىتتىكى تاش قېزىش مەيدانىدىكى تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھەيكەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .73 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن20 مېتىر، پەقەت يۈز قىسمىنىڭ كەڭلىكىلا تۆت مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يۈز قىسمى قەدىمكى مىسىردىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان فىرئەۋىننىڭ يۈزىگە ئوخشىتىلغان، بېشىغا پادىشاھلارنىڭ ياغلىقى ئارتىلغان، ماڭلىيىغا شاھلارنىڭ بەلگىسى بولغان كۆزەينەكلىك يىلان ئويۇلغان، ئېڭىكىدە ئەسلىي ئۇزۇنلۇقى5 .2 مېتىرچە كېلىدىغان ساقىلى بار بولۇپ، ھازىر بۇزۇلۇپ تۈگىگەن. ئۇنىڭ تېنى ھايۋانات پادىشاھى شىرنىڭ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەلنىڭ گەۋدە قىسمى قۇم - بوراننىڭ تەسىرىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ باش قىسمىلا كۆرۈنۈپ قالغان، شۇڭا ئۇنىڭ گەۋدە قىسمى ئوبدان ساقلانغان، باش قىسمى بوران - چاپقۇنلارنىڭ تەسىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. يىراق قەدىمكى زامانلاردا ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەل يۇنان ئەپسانىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان، ھازىرمۇ كىشىلەر گرېتسىيىدە قەدىمكى ئىمارەتلەر، قەبرە تاشلىرى ياكى قالقانلاردا يامانلىقتىن ساقلايدىغان ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەللەر ئويۇلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئادەمنى بالا - قازادىن ساقلارمىش. ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەل دەۋر ۋە ئورۇننىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلىدىن ياسىلىشىمۇ ئوخشاشمايدۇ، مىسىرنىڭ ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكىلىنىڭ يۈز قىسمى فىرئەۋىنگە ئوخشايدۇ، تېنى شىرغا ئوخشايدۇ. بەزىلەر ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەلنى ياساشتا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراننىڭ سۈرلۈك قىياپىتىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان دېيىشىدۇ، بىراق بەزىلەر باشقىچە قاراشتا. ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەل زادى نېمە مەقسەتتە ياسالغان؟ تارىخشۇناسلار بۇ ھەقتە يەنىلا ئىزدەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ئادەم باشلىق شىر تەنلىك چۈشىنىكسىز ھەيكەل | UyghurWiki | UyghurWiki