خەنزۇچە خەت ياپونىيىگە قاچان تارقالغان
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ياپونچە خەت ئىچىدە خېلى كۆپ خەنزۇچە خەتلەر بار، ئۇنىڭدىكى ھىراگانا (خەنزۇچە پىنيىن خەتكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ)مۇ خەنزۇچە خەتتىكى يان بۆلەكلەر بىلەن ئوخشاش. بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىي بۇرۇنقى زامانلاردا ياپونىيىلىكلەرنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق بولۇپ، كېيىن خەنزۇچە خەتتىن پايدىلىنىپ شۇ ئاساستا ئۆزگەرتىپ ھازىرقى ياپونىيە يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن خەنزۇچە خەتلەر ئۆز ئەينى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە، ئەلۋەتتە، بەزىلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە مەنىسى جەھەتتە ئۆزگىرىش بار. خەنزۇچە خەت زادى قاچان، قانداق قىلىپ ياپونىيىگە تارقالغانلىقى ھەممە كىشى بەس - بەستە سۆزلىشىدىغان بىر سىرلىق ئىشقا ئايلاندى.
بەزىلەر جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابى «كېيىنكى خەننامە» دىكى ئالاقىدار خاتىرىلەردە ئېيتىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ئەلچىسىنىڭ جۇڭگونىڭ پايتەختىگە كېلىپ پادىشاھقا سوۋغا تەقدىم قىلغانلىقى، بۇ ئەلچىنىڭ جۇڭگونىڭ ئوردا قائىدە - يوسۇنلىرىغا پىششىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە خەنزۇچە گەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئاساسەن، خەنزۇچە خەت مىلادىيە1 - ئەسىردىن بۇرۇنلا ياپونىيىگە تارقالغان، دەپ ئېيتىدۇ. لېكىن يەنە بەزىلەر، بۇ تارىخىي ماتېرىيالنى خاتا چۈشەنگەنلىك ياكى بۇ بىر پەرەز، ئىشەنچلىك ئەمەس، دېيىشىدۇ. ياپونىيىلىكلەرنىڭ خەنزۇچە خەت ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ئېنىق مەلۇمات يېزىلغىنى «ۋېي سۇلالىسى تەزكىرىسى» بولۇپ، ئۇنىڭدا خەنزۇچە خەتنىڭ مىلادىيە3 - ئەسىردىن ئىلگىرى ياپونىيىگە تارقالغانلىقى ئىزاھلانغان.
يەنە بەزىلەر، خەنزۇچە خەت مىلادىيە5 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ياپونىيىگە كىرگەن، دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇلار «ياپونىيە ھەققىدە چۈشەنچە» دە ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان» ۋە «مىڭ خەتلىك ماقالە» نى ياپونىيىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغان. بىراق بۇ قاراشلار خەنزۇچە خەتنىڭ شۇ دەۋردە ياپونىيىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. يەنە بىر خىل قاراشتا، تەخمىنەن مىلادىيە3 - ئەسىرلەردە خەنزۇچە خەت دەسلەپ چاۋشيەنگە تارقىلىپ، كېيىن چاۋشيەن ئارقىلىق ياپونىيىگە كىرگەن، دەپ ئېيتىلىدۇ.
ھەر خىل قاراشلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، بۇ سىرلىق ئىشنى يەنىلا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.